ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
گۈزەللىكى ئېشىپ كەتكەن سەۋەپلىك ئىشتىن ھەيدەلگەن قىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    24ياشلىق ئەنگىلىيىلىك قىز ئېمما.ھۇلىسنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتى تەرپىدىن ئىشتىن قالدۇرلىشى، بەلكىم ئۇنىڭ چىرايىنىڭ بەك گۈزەل بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ كۈنى ئېمما شىركەتكە كىلىپ تۇرىشىغا، ئۇنىڭ دىرىكتورى ئۇنىڭدىن "نىمە ئۈچۈن كىيىم مودىلى بولمىدىڭىز" دەپ سورىغان.
     دىرىكتور يەنە تېخى ئۇنى "بىر رومكا ئىچىپ كىلىشكە" تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭدىن كىيىن، دىرىكتور ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش قىلمايلا، ئېممانى ئىشتىن ھەيدىگەن.
    ئىممانى ئىشتىن بوشاتقان كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتى Unit TV، كىيىن ئېممانىڭ سۆزلىرىنى ئىسپاتلىغان ھەمدە بۇ ئىشقا چېتىلغان دىرىكتور شىركەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۆزلىكىدىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىش تەكلىپى بىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
    خىزمەت ئىزدەش تور بىكىتىنىڭ ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇش بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېممانىڭ ئۆزىگە بىكىتكەن خىزمەت ئورنى مال ساتقۇچى، فىلىم ئىشلىگۈچى ياردەمچىسى ۋە سۈرەتكە ئېلىش ياردەمچىسى ئىكەن؛ بۇندىن باشقا ئۇ يەنە نۆۋەتتە لوندون مېيفىر رايونىدا (يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئولتۇراق رايونى) ئولتۇرۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئېممانىڭ دىيىشىچە، ئۇ كۈنى ئېمما شىركەتكە بېرىپ خىزمەتكە چۈشەي دەپ تۇرغاندا، ئۇ دىرىكتور ئېممادىن "سىز كىيىم مودىلىمۇ؟ نىمە ئۈچۈن كىيىم مودىلى بولمايسىز ياكى كوچىدا تۇرۇپ خېرىدار ئىزدىمەيسىز" دەپ سورىغان.
    ئېممانىڭ دىيىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ گەرچە لىۋىگە لەۋ سۇرۇخى سۈرىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە قېنىق گىرىم قىلدىم دەپ قارىمايدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ كىيىنىشىمۇ ھېچقانداق ئەمەس بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇزۇن ئىشتان ۋە كۆينەك كىيىۋالغان ئىكەن. كەينىدىن، ئۇ دىرىكتور ئىممانىڭ تېلفون نومىرىنى سورىغان ھەمدە ئۇنى بىللە بېرىپ ھاراق ئىچىپ كىلىشكە تەكلىپ قىلغان. شۇندىن كىيىنلا، ئېمما ئىشتىن ھەيدەلگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۋالغان.
    ئېممانىڭ دىيىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇقالمايلا قالغان. ئۇ بۇ شىركەتنى ئۆزىدەك گۈزەل ھۆسنى بار قىزلارنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى بۇزۇۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ، چىرايى ئادەتتىكىچە ئادەملەرنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە فىلىم ئىشلەش شىركىتىدە ئىشلەپ باققان بولسىمۇ، بىراق ئەزەلدىن چىرايىنىڭ گۈزەللىكى سەۋەبىدىن ئىشتىن بوشىتىلىپ باقمىغان ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号