ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قىش پەسلىدىكى سۇغۇقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    جۇڭگۇ تىبابىتىنىڭ قارىشىدا، قىش پەسلىدە بەدەنگە ئىسسىقلىق توپلاپ، كىلەركى يىللىق ساغلاملىق ئۈچۈن ئاساسا سېلىش، كەلگۈسىگە ھاياتى كۈچكە تولغان ھالەتتە يۈزلىنىش كىرەك.
1. ئاق رەڭلىك كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بىرىش
    بەسەي. بەسەينىڭ بەدەنگە بولغان رولى نۇرغۇن كۆكتاتلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولۇپ، قىش پەسلىدە بەسەي يىگەندە، بەدەننىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
    ئاق تۇرۇپ. ئاق تۇرۇپنىڭ قوقاق ھەيدە زەھەر تازىلاش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى لىگنىننىڭ قاندىكى ماينىڭ قويۇقلىقىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار.
    پىچەكگۈل. پىچەكگۈلنىڭ ئادەمنىڭ تىرىسىنى يۇمراق ھەم سىلىق قىلىش رولى بار بولۇپ، تەبىئى ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش يىمەكلىكى ھىسابلىنىدۇ؛ ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا، گىرىپ بويۇملىرىنى ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
2. قوي گۆشى يىيىش
    "دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى"دا قوي گۆشى ئادەم بەدىنىگە قۇۋۋەت ۋە ماغدۇر تۇلۇقلاپ، ئاشقازان ۋە ئۆتنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ھەمدە بەدەندىن سۇغۇقنى ھەيدەپ، بەدەننى ئىسسىق ساقلايدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇندىن باشقا، قوي گۆشى تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىيتامىن Aبار بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاش ۋە كۆز قىسىمدىكى چارچاشنى پەسەيتىشتە كۆرنەرلىك رول ئوينايدۇ.
3. ئەتىگىنى سۇغۇق سۇدا يۈزىنى يۇيۇش
    گەرچە قىشتا سۇغۇق سۇدا يۈز يۇساق سەل جاپالىق بىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پايدىسى ئىنتايىن كۆپ. يۈز-كۆزىمىزنى مۇۋاپىق تۈردە سۇغۇق سۇدا يۇيۇپ بەرسەك، تىرە قىسمى ۋە نەپەسلىنىش سېستىمىسىنىڭ سىرتقى مۇھىتقا ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتايىن ياخشى ھالدا سۇغۇقتىن ساقلىنىش رولى ئوينايدۇ.
4. زەنجىۋىل سۈيى ئىچىش
    قىزىق قايناقسۇغا زەنجىۋىل، غولپىياز تاشلاپ، كۈندە بىر ئىستىكان ئىچىپ بەرسەك، ئاشقازاننى ئىللىتىپ، بەدەندىن سۇغۇقنى ھەيدەيدۇ، يەنە تېخى زۇكامنى ياخشىلاش ئۈنۈمىمۇ بار.
5. ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىش
    قىش پەسلىدە ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىپ بەرسەك، بەدەنگە ۋىيتامىن D ۋە كالتسىي ماددىسى تۇلۇقلاشقا بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق سۆڭەك شالاڭشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مىڭىمىزنى سەگەكلەشتۈرگىلى ۋە بەدەنگە ئىسسىقلىق يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号