ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيادىكى ئەڭ "ساپالىق" قەبرە ئوغرىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاناتولىي.موسكىۋىن بولسا روسىيىلىك تارىخشۇناش بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان ئىلمى ماقالىلارنى ئېلان قىلغان؛ ئۇ يەنە 13 دۆلەتنىڭ تىلىنى سۆزلەشنى بىلىدىغان بولۇپ، كىشىلەر تەرپىدىن "تالانت ئىگىسى" دەپ نام ئالغان؛ بىراق بۇ تالانت ئىگىسى، قەبرە ئوغۇرلاش جىنايىتى بىلەن 2011-يىلى قولغا ئېلىنغان.
    موسكىۋىننىڭ ئادەتتىكى قەبرە ئوغرىلىرىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇ مەخسۇس 13-12ياشتىكى قىز بالىنىڭ جەسىتىنى ئوغۇرلايدىكەن ھەمدە قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن جەمئى 150 دانە جەسەت ئوغۇرلىغان ئىكەن.
    ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، موسكىۋىن ئوغۇرلاپ كەلگەن قىز بالىنىڭ جەسىتىنى مۇمىيا قىلىپ ياساپ، ئۇلارغا ئىشتان پايپاق، قىزلار كىيىمى ۋە تىزىغا كىلىدىغان ئۆتۈك كەيگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە گىرىم قىلىپ، ئۇلارنى قونچاققا ئوخشاش قىلىپ قويىدىكەن ۋە ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم ئىسىم قويۇپ، يېغىلىش ئۆتكۈزىدىكەن.  ئۇ ھەتتە مۇزىكا قۇتىسىنى ئۇلارنىڭ كۆكرىكىگە تىقىپ قويغان ھەمدە ياتاق ئۆيىدىكى ھەر بىر "قونچاق"نىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئەسكەرتىپ قويغان.
    ئۇ يەنە بىر قىز بالىنىڭ جەسىتىنى "تەيدى ئېيىقى" شەكلىدە ياساپ، ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان ساقلاش بۇيۇملىرى تەييارلىغان.
    ئەينى يىلى، موسكىۋىن قولغا ئېلىنغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ياسىغان "ئەجنەبىي قونچىقى" ئارىسىدىكى ئولگا ئىسىملىك بىرسى ساقلانغىلى 9يىلدىن ئاشقان ئىكەن.
    بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن ناتالىيە، يۇقىرىدا تىلغان ئالغان ئولگا ئىسىملىك قىزنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ ھەمىشە قەبرىستانلىققا قىزىنى كۆرگىلى بارسىمۇ، ئەمما جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاللىقاچان قۇرۇق ساندۇق بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن.
    ئاۋىستىرالىيە ئاخباراتىنىڭ خەۋرىدىن قارىغاندا، بۇيىل 52 ياشقا كىرگەن ئاناتولىي.موسكىۋىن پات يېقىندا قويۇپ بىرىلىدىغان بولۇپ، بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.
   موسكىۋىننىڭ 76 ياشلىق ئانىسىنىڭ ساقچىلارغا دەپ بىرىشىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى موسكىۋىننىڭ ياتاق ئۆيىدىكى "قونچاقلار"نى كۆرگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىسى ئادەمنىڭ جەسىتى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتمىگەن؛ ئۇلار پەقەت بۇنداق چوڭ "قونچاقلار"نى ياساشنى موسكىۋىننىڭ قىزىقىشى دەپ ئويلاپ، شۇنچە يىلدىن بىرى بۇنىڭدىكى مەسىلىنى بايقىيالمىغان ئىكەن.
     2013-يىلى، موسكىۋىن سوتتا ئۆزىنىڭ 13-12ياشلىق قىز بالىنىڭ قەبرىسىنى بۇزۇش ۋە ئادەم جەسىتىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قاتارلىق 44تۆرلۈك جىنايىتىگە ئىقرار بولغان.  ئۇ تېخى سوتچىغا ئۆزىنىڭ قىلمىشى ھەققىدە مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن:
    "مەن ئىلىم-پەننىڭ بۇ بالىلارنىڭ قايتا تىرىلىشى ئۈچۈن بىر ئامال تېپىپ چىقىشىغا ساقلاۋاتىمەن؛ مەن مۇمىيا ئىشلەش مۇتەخەسسىسىگە ئايلانماقچى ئىدىم."
    ئۇ ناتالىيەگە مۇنداق دىگەن:
    "سىز ئۆز بالىڭىزنى تاشلىۋەتتىڭىز، مەن ئۇلارنى ئۆيگە ئېلىپ كىلىپ، ئۇلارغا قايتا ئىللىقلىق ئاتا قىلدىم."
    بىراق، ئاخىرىقى نەتىجىدە، موسكىۋىن روھى كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، جىنايىتىنى سوتلاشنى قوبۇل قىلالمايدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ، روھى كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرۋىتىلگەن.
   موسكىۋىننىڭ جىنايىتى بىكىتىلگەندىن كىيىن، روھى كىسەللىكلەر دوختۇرى ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم، سوت مەھكىمىسىگە موسكىۋىننىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، ئۇنى قاماققا ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن. ھازىر روھى كىسەللىكلەر دوختۇرى، داۋالاش ئۈنۈم بەردى دەپ قارىغاچقا، سوت مەھكىمىسىگە موسكىۋىننى دوختۇرخانىدىن قويۇپ بىرىپ، ئۆيىدە داۋالاشنى قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.
    موسكىۋىننىڭ قويۇپ بىرىلىش خەۋرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ناتالىيە ئىنتايىن غەزەپلەنگەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ موسكىۋىننىڭ ئەركىن ئازادە ھالدا قەيەرگە بېرىشنى خالىسا شۇ يەرگە بېرىپ يۈرىدىغانلىقىنى ئويلىسىلا، ئۇنىڭ بەدەنلىرى شۈركۈنۈپ كىتىدىكەن. ناتالىيە ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەتتا كىچىلىرىمۇ ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالغان؛ ئۇلارنىڭ قارىشىچە، موسكىۋىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى شۇنداقلا تىببى جەھەتتىن نازارەت قىلىنىشى كىرەك ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号