ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتى چوڭقۇر بولسا، بۇ 5 خىل قىلمىشى بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىر ئەركىشى بىر ئايال كىشىنى ناھايىتى بەك ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئۇنىڭ ئۇ ئايال كىشىگە قاراشلىرىدىمۇ مۇھەببەت ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ، ھەمدە تۆۋەندىكى بەش خىل قىلمىشى بار بولىدۇ!
1. سىزنىڭ ھەر بىر قىزىقىشلىرىڭىزنى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىزنى ئەستە ساقلايدۇ.
    سىزنىڭ قىزىقىش-ھەۋەسلىرىڭىز تەدرىجى ھالدا ئۇنىڭ قىزىقىش ھەۋەسلىرىگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ سىزگە ھەمرا بولۇپ، سىز ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، شۇڭا ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، سىلەرنىڭ قىزىقىش-ھەۋەسلىرىڭلارمۇ بارغانسىرى ئوخشىشىپ كىتىدىغان بولىدۇ.
    سىز قانداق رەڭنى ياخشى كۆرىسىز، قايسى خىلدىكى تائاملارنى ياقتۇرۇپ يەيسىز، نىمە نەرسىلەر سىزگە رىئاكسىيە قىلىدۇ...بۇلارنىڭ ھەممىنى ئۇلار ئىنىق بىلىدۇ، ھەمدە سىزنىڭ ياقتۇرىشىڭىزغا ئاساسەن تۇرمۇشۇڭلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
2. سىزگە ياردەملىشىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىدۇ.
    مەيلى مۇھەببەتلىشىش بولسۇن ياكى نىكاھلىنىش بولسۇن، سىلەر بىرگە بولغان ۋاقىتتا ئۇ ھەمىشە سىزگە ياردەملىشىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىدۇ، ھەمدە سىزگە بەك چارچاپ كەتمەسلىك ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ.
    ئەگەر ئۇنىڭ ۋاقتى بولسا، ئۇ ئۆز قولى بىلەن سىز ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلارنى تەييارلاپ بىرىدۇ؛ سىزنى بېقىپ سەمىرتىۋىتىدۇ، ئەمما سىزنى سېمىز دىمەيدۇ.
3. ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە سىزنىڭ سۈرىتىڭىزنى چىقىرىدۇ.
    مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ پات-پاتلا دوستلار چەمبىرىكىگە ئىككىڭلارنىڭ سۈرەتلىرىنى چىقىرىدۇ، ياكى بولمىسا ئارقا كۈرنۈش رەسىمىگە سىز بىلەن ئالاقىدار بولغان سۈرەتنى چىقىرىپ قويىدۇ.
    توي قىلغاندىن كىيىن، ئۇ سىز بىلەن ئالاقىدار بەزى نەرسىلەرنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدۇ، مەسىلەن: سىز تەييارلىغان تاماق،  سىلەر بىللە ساياھەتكە چىققان ۋاقىتتىكى سۈرەتلەر، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ كىشىنىڭ سۈرەتلىرى قاتارلىقلار.
4. ھەرقانداق سورۇنغا سىزنى بىللە ئېلىپ بارىدۇ.
     سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشى، قەيەرگە بارمىسۇن، پەقەت سىز خالىسىڭىزلا سىزنى بىللە ئېلىپ بارىدۇ؛ سىزنى يېنىغا ئېسىۋالغۇسى كىلىپ، سىز بىلەن ھەردائىم بىللە بولۇشنى ئويلايدۇ.
    دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇ سىزنى ماختايدۇ، كىمگە ئۇچرىسا، ئۇنىڭغا سىزنى قىز دوستۇم ياكى ئايالىم دەپ تۇنۇشتۇرىدۇ؛ باشقا ئاياللارنىڭ ئالدىدىمۇ سىزگە ئىلگىركىگە ئوخشاش مۇھەببەتلىك مۇئامىلە قىلىدۇ.
5. ئۆزىگە بىر سىنىتمۇ خەجلىمەيدۇ، ئەمما سىزگە پۇلنى سۇدەك خەجلەيدۇ.
     سىز بىلەن بىرگە بولغاندا، ئۇ ئەڭ ياخشى نەرسىنىڭ ھەممىنى سىزگە بىرىدۇ، ئۇنىڭ كىرىمى ئۇنچە بەك يۇقىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ئۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىڭ يېرىم بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.
    سىلەر سىرتلارغا چىقىپ تاماق يىگەن ۋاقتىڭلاردا، ئۇ سىزنىڭ ئىسراپخور ياكى چوڭچىلىق قىلدىڭ دەپ ئەيىبىلىمەيدۇ؛ سىز نىمە يىيىشنى خالىسىڭىز شۇنى يەيدۇ؛ پەقەت سىز خوشال بولسىڭىزلا، بەزى-بەزىدە ئاز-تولا يۇقىرى ئىستىمال قىلىپ قويغاننىڭ ھېچۋەقەسى يوق دەپ قارايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号