ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەرنى ئاسانلا ئېزىقتۇرىدىغان ئاياللار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
1. ئايالىنىڭ يېقىن دوستى
     ئەرلەرنىڭ ئايالىنىڭ سىرداش دوستى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ؛ بولۇپمۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە كەلگەندىن كىيىن ئۆزىنى ئازادە قويۇۋىتەلەيدىغان سىرداش دوستىڭىز، ئىرىڭىزنى بەزنى كۆرگەن مۈشۈكتەك قىلىپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا، ئايالىنىڭ سىرداش دوستى، ئەرلەرنى ئەڭ ئاسان ئېزىقتۇرالايدىغان ئايال كىشى ھىسابلىنىدۇ.
2. ئەرلەردىن ياردەم تەلەپ قىلغان ئاياللار
     ئەرلەر ھەمىشە ئاجىزلارغا ئىچ ئاغرىتىشقا ئامراق بولۇپ، ئۇلاردا تۇغما بىر خىل ئاجىزلارنى قوغداش ئىسىتىكى بار بولىدۇ. ئۆزىگە دەرت تۆككەن، بولۇپمۇ بۇرۇندىن ياخشى تەسىرى بار ئايال كىشىگە نىسبەتەن، ئەرلەر كۆپىنچە كۆڭلىنى تىنچ تۇتالمايدۇ.
3. تۇنجى مۇھەببىتى
     تۇنجى مۇھەببەت، كۆپ قىسىم ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى مەڭگۈلۈك جاراھەت؛ شۇڭا سىز ئىرىڭىزنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم بىلەن مۇناسىۋەتنى چوت ئۈزگەن دىگەن يالغان گەپلىرىگە ئىشەنمەڭ.
4. ئالدىنقى مۇھەببىتى 
    ئەگەر ئالدىنقى قىز دوستىغا ئۇچرىشىپ قالسا، نۇرغۇن ئەرلەر كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كىتەلمەيدۇ؛ بولۇپمۇ ھازىرقى قىز دوستى يېنىدا يوق ۋاقىتتا، ئەگەر ئىلگىركى قىز دوستىدا يېقىنلىق قىلىش سۆز-ھەرىكەتلىرى كۆرۈلسە، بۇ ئەرلەرگە نىسبەتەن قارشى تۇرۇپ بولمايدىغان بىر خىل ئېزىقتۇرۇش بولىدۇ.
5. ئۇچۇق مىجەز ئاياللار
    بۇنداق ئاياللار ئەرلەر توپى ئارىسىدا كۆپىنچە ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئۇچۇق مىجەزى ئەرلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئەرلەرنىڭ قالايمىقان چاقچاقلىرىدىن ۋە ئەرلەر دۇنياسىدىكى ئاتالمىش "يۇشۇرۇن قائىدىلەر"دىن قورقۇپ قالمايدۇ.
6. كىچىك ھالقىلارغا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان ئاياللار
     بۇنداق ئاياللارنىڭ ئىدىيىسى نىسبەتەن ئاددى، كۆڭلى تۈز كىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە پىسىخكىلىق مۇداپىئە توسۇقلىرى ئاز بولىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن ئەرلەر بۇنداق ئاياللارنى بىلىپ-بىلمەي ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.
7. كۆڭۈل چۈشىنىدىغان ئاياللار 
    ئەرلەر ئادەتتە ئۆزىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئاياللارنى ياقتۇرمايدۇ؛ ئەرلەر ئادەتتە، تېخىمۇ ئاسان ئارىلاشقىلى بولىدىغان، ئاسان يېقىن كىلىشكە ۋە ئاسان قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغان ئاياللارنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئەرلەرنىڭ تۇغۇلما "پەسكەش" خارەكتىرى بولۇپ، ئاياللارنىڭ كۆڭۈل چۈشىنىدىغان بولۇشىغا ئىھتىياجلىق بولىدۇ.
8. ئەرلەرگە قىزىقىش تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان ئاياللار 
    ئەرلەر تۇغۇلما تەۋەككۈلچىلىك ۋە بويسۇندۇرۇش روھىغا باي كىلىدىغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ سىرلىقلىقى ئەرلەرنىڭ قىزىقىش تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ  ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ بويسۇندۇرۇش ئىستىكىنى قوزغاپ قويىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号