قارا ئاشلىقنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سېللىلوزا بولۇپ، سېللىولوزا ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سېللىلوزا بولغان يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئەكسىچە سالامەتلىككە زىيان سالىدۇ.
سېللىلوزا ئادەتتە زىيانلىق ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئاقسىل، ئانىئورگانىك تۇز ۋە مەلۇم خىل مىكرۇ مىقدارلىق ئېلېمېنت قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن سۇدا پىشۇرۇلغان ياكى قورىغان سېرىق پۇرچاقنى يىگەندە سېرىق پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلۈپ ھەزىم قىلىنىش نىسبىتى ئاران %50 ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەمما سېرىق پۇرچاقنى پىششىقلاپ پۇرچاق ئۇيۇتمىسىغا ئايلاندۇرغاندا، سېرىق پۇرچاق تەركىبىدىكى سېللىلوزىنىڭ تەركىبى بۇزۇلۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئاقسىلنىڭ سۈمۈرلۈش نىسبىتى %90 گە يىتىدۇ.
قارا ئاشلىقنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلغان يېراق قەدىمقى دەۋىردىكى ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ پەقەت تۆتتەن بىرىگە توغرا كەلگەن، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بولغان. گەرچە بۇ گېن قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، بىراق يەنە باشقا بىر جەھەتتىن ئويلاشقاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ قارا ئاشلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى قارا ئاشلىقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب بولۇپ قالغان.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كىشىلەر ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل يۇقىرى سېللىلوزىلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، ئاقسىل، ياغ ۋە مىكرۇ مىقدارلىق ئېلېمېنت قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلىشى يېتەرلىك بولماي ياكى كەمچىل بولۇش تۈپەيلىدىن بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.
جۇڭگو ئوزۇقشۇناسلار جەمئىيىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر بىر كۈن ئىچىدە ئىستېمال قىلىدىغان ئاساسى يېمەكلىك 400~250 گرام بولسا، بۇنىڭ ئىچىدە قارا ئاشلىق 100~50 گرامغىچە نىسبەتنى ئىگەللىسە مۇۋاپىق بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، نورمال كىشىلەر قارا ئاشلىقىنى ھەر كۈنى بىر قېتىم ئىستېمال قىلسا ھەم ئىستېمال قىلىش ۋاقتى چۈش مەزگىلىگە توغرا كەلسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىكەن.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى زادى قانچىلىك زىددىيەتلىك كىلىدۇ؟ ئادەتتە بىر خىلدا كىلىدۇ، مەلۇم بىر ۋاقىتتا يەنە بىر خىل بولۇپ ئۆزگىرىپ قالىدۇ؛ خۇدد

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پەرق بار بولسىمۇ، ئەمما بالى

پولشالىق 41ياشلىق بىر ھامىلدار ئايال، بەلكىم قورسىقىدىكى بالىسىغا تارتىشقانلىقتىن بولسا كىرەك، بۇ ئايالنىڭ چوڭ مىڭىسى ئۆلۈپ، ھاياتلىق بەلگىلىرىنى يوقاتقان بولسى

يېقىندا، كولۇمبىيەنىڭ شەرقى شىمالى قىسمىدىكى سانتانتى ئۆلكىسىدە، يىڭى تۇغۇلغان بىر قىز بوۋاق ئەخلەتلىككە تاشلىۋىتىلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئەخلەت دۆۋىسى يېنىد

ئەر كىشىنىڭ بىر ئايال كىشىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋاقتى، بۇ ئايال كىشىنى قوغلاشقان ۋاقتى بولۇپ، مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن بولسا، يىڭىلىق تۇيغۇسىنىڭ بارغانسىرى كېمى

شۇڭلاشقا، ئىگىلىك تىكلەپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغاندا، ئىگىلىك تىكلىگۈچى، چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىشى ۋە ئانالىز قىلىشى، زۈرۈر بولغان ساۋاتلارنى

توي قىلغان ئاياللار تېخىمۇ كۆپ بەخىتكە ئىرىشىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ھازىر بەخىتلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىك

بىز ئەگەر دىققەت قىلىدىغان بولساق، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئادەتتە، ئادەم ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان بەزىبىر غەلىتە پىروگىراممىلارنى ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئەخمەق قىلىنغا
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号