مەنى بالدۇر كىتىش، ئەرلەرنىڭ قاباھەتلىك چۈشى ھەمدە جىنسى ئىقتىدار توسالغۇسىدىكى ئەڭ كۆپ كۈرۈلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى ؛ كىسەللىك سەۋەبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ياش قاتلىمى، ئوخشاش بولمىغان مىجەز خارەكتىر، ئوخشاش بولمىغان سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەمما كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بولغىنى مەنى بالدۇر كىتىش كىسىلىنى كۆپىنچە پىسخىكىلىق مەسىلىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئەھۋالدا ئاندىن ئەزا خارەكتىرلىك كىسەللىكلەر سەۋەبىدىن بولىدۇ.

پىسخىكىلىق خارەكتىردىكى مەنى بالدۇر كىتىش كىسەللىكى بىمارلىرىنىڭ سىپىرما قويۇپ بىرىش يۇشۇرنۇش ۋاقتى ئادەتتە نورمال دائىردە بولۇپ، ئادەتتىكى بىمارلارنىڭ 6-3مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ، ھەتتا بەزى بىمارلارنىڭ 20مىنۇتقا يىتىدۇ؛ سوبىكتىپ جەھەتتە ئۆزىنى مەنى بالدۇر كىتىش كىسىلى بار دەپ قارايدىغان بىمارلار، سىپىرما قويۇپ بىرىش يۇشۇرنۇش ۋاقتى نورمال دائىردە بولغان بىمارلارغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ خىلدىكى بىمارلارنىڭ كىسەللىك ئالامىتىنى نورمال پاتولوگىيىلىك جەريان دەپ قاراشقا بولمايدۇ؛ بۇ خىلدىكى بىمارلاردا ئادەتتە پىسخىكىلىق توسقۇنلۇق ياكى جىنسى ھەمراھى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قاتارلىق مەسىلىلەر يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پىسخىكىلىق خارەكتىردىكى مەنى بالدۇر كىتىش كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاۋال ئۆز-ئۆزىمىزگە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز كىرەك.
پىسخىكىلىق خارەكتىردىكى مەنى بالدۇر كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەڭشەش
1. جىنسى تۇرمۇش ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى ئىش، شۇڭلاشقا ئەرلەردە مەنى بالدۇر كىتىش كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئايالىڭىز سىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوختۇرىڭىز بولالايدۇ؛ چۈنكى ئۇ سىزنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدۇ، ھەمدە سىزگە ھەممىدىن بەك ياردەم قىلالايدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى ھالقىلىق مەسىلە، سىز ۋاقتىدا ئايالىڭىز بىلەن پىكىرلىشىپ، سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىز ۋە ھىسياتىڭىزنى ئۇنىڭغا بىلدۈرىشىڭىز، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىككىڭلار ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ مۇنازىرە قىلىشىڭلار لازىم. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئە-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق مەنى بالدۇر كىتىش كىسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرنەلىك بولغان.

2. مەنى بالدۇر كىتىش ئايالىنىڭ جىنسى تەلىپىنى قاندۇرالمايدىغانلىغى ئۈچۈن، مەنى بالدۇر كىتىش كىسىلى بار نۇرغۇن ئەرلەر ناھايىتى ئازابلىنىپ بىئاراملىق ھىس قىلىدۇ؛ ئەگەر ئۈزۈلمەي نەچچە قېتىم مەنى بالدۇر كىتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۆزىنىڭ جىنسى ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كەتتىمىكى دەپ ئەنسىرەشكە باشلايدۇ. بۇخىل ئەنسىرەشنىڭ جىنسى تۇرۇمۇشقا تەسىرى ناھايىتى زور، كۆپىنچە پىسخىك خارەكتىرلىك باھ ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمىلىيەتتە بىز ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش، بىر نەچچە قېتىملىق مەنى بالدۇر كىتىش، سىزنىڭ جىنسى ئىقتىدارىڭىزدا مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ، بەلكى سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ روھى كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشىمىگەنلىك سەۋەبىدىن بولۇپ، ۋاقىتلىق مەسىلە ھىسابلىندۇ.
3. مەنى بالدۇر كىتىدىغان ئەرلەر كۆپىنچە ناھايىتى تەشۋىشلىنىدىغان كىلىدۇ، ئۆزىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلەپ باھ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىشىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ ھەر قېتىملىق جىنسى تۇرمۇش جەريانىدا مەنىنىڭ يەنە بالدۇر كىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ھەتتا جىنسى تۇرمۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا باشلايدۇ، لىكىن دەل مۇشۇنداق پىسخىكىلىق بېسىملار مەنى بالدۇر كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردۇر. نەچچە قېتىملىق مەنى بالدۇر كىتىش ھېچنىمىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، زىيادە ھاياجانلىنىش ۋە ھېرىپ-چارچاشلارنىڭ ھەممىسى مەنى بالدۇر كىتىش نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ بەدىنى ۋە كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەپ بەرسەك كۆپ قىسىم مەنى بالدۇر كىتىش ئەھۋاللىرىدىن ساقلانغىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
4. نۇرغۇن ياشلار بىرە قېتىم مەنى بالدۇر كىتىش كۆرۈلگەن ھامان، ئۆزىنىڭ بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدىن ئەنسىرەپ، تەرەپ –تەرەپلەرگە قاتراپ ھەرخىل قۇۋۋەت دورىلىرىنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىدۇ؛ جاھەنكەزدى "پارتىزان" دوختۇرلارنىڭ يالغان-ياۋىداق گەپلىرىگە ئىشىنىپ، قۇۋۋەت دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، بۇرنى قاناپ، چىش مىلىكلىرى ئىششىشتەك " ئىسسىقلىقى" ئېشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرلىدۇ. ئەمىلىيەتتە كۆپ قىسىم ياشلارنىڭ ھېچقانداق يىرى ئاجىز ئەمەس بولۇپ، بۇنداق دورىلىق قۇۋۋەت تۇلۇقلاشنىڭ قىلچىلىك زۈرۈرىيىتى يوق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇۋۋەت تۇلۇقلاش كىرەك بولسىمۇ، رەسىمى يۇسۇندىكى دوختۇرخانىلاردىكى، ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىتراپ قىلىدىغان دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسىدە تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىش لازىم.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئەرلەردە ئەگەر پاتولوگىيىلىك مەنى بالدۇر كىتىش كۆرۈلگەندە، بىرىنچى ۋاقىتتا رەسمى يۇسۇندىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى كىرەك. پىسخىلوگىيىلىك خارەكتىردىكى مەنى بالدۇر كىتىشنى بولسا يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇللار ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بارسا ۋە ئالدىنى ئالسا بولىدۇ؛ ھەرگىزمۇ ئۆزىگە ئارتۇق بېسىم بىرىۋىلىپ، پىسخىكىلىق خارەكتىردىكى مەنى بالدۇر كىتىشنى تەڭشەش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كىرەك.
قىسقىسى، روھى ھالىتىڭىزنى توغرا تۇتۇپ، ئۆزىڭىزنى ئازادە قويۇپ بىرىپ، ھەمراھىڭىز بىلەن ماسلىشىشچان كەلگەن گۈزەل جىنسى تۇرمۇشقا ئىگە بولۇڭ!

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ گەرچە بۇلارنىڭ %100

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكىلىق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئېچىۋىتىلگەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرغىپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئ

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

ئامىرىكىلىق جېف.دابىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ توم بىلىكى بار بولۇپ، باشقىلار تەرپىدىن رىئاللىقتىكى "كۈچتۈڭگۈر ماتروس" دەپ تەرىپلەنگەن.

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

نۇرغۇن كىشىلەر، يېشىغا يىتىپ قالغاندا، مۇنداقلا مۇھەببەتلىشىپلا توي قىلسا بولىدۇ دىيىشىدىكەن. بىراق، زادى قانچە ئۇزۇن مۇھەببەتلەشسە ئاندىن ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئى

يېقىندا ئامىرىكىنىڭ نىيورۇك شەھرىدە، 30نەپەر بوۋاق بىر قېتىملىق بوۋاقلار ئۆمىلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. مۇسابىقە جەريانىدا، "ماھىرلار"غا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئات

ئىلگىرى ئاشكارىلىنىشىچە، ھىندىستاندىكى 43ياشلىق بىر ئەرنىڭ پۇت ۋە قول بارماقلىرىنى قوشقاندا جەمئى 28تال بارمىقى بار بولۇپ، جىننىس دۇنيا رىكوتى تەشكىلاتى تەرپىدىن
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号