ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
چىرايىڭىز قېنىق گىرىم قىلىشقا ماس كېلەمدۇ ياكى سۇس گىرىمگىمۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ياخشىمۇسىلەر دوستلار، مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن! يېقىندا بەزى قىزچاقلىرىمىز سۆز قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نېمىشقا گىرىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن قارىماققا مەينەت كۆرۈنىدىغانلىقىنى، گىرىمسىز ھالىتىنى گىرىم قىلغان ھالىتىدىن چىرايلىق ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
   نۇرغۇن خانىم قىزلار، گىرىم قىلغاندىن كېيىن ياشقا چوڭ ۋە مەينەت كۆرۈنۈپ قالىدىغان ئەھۋاللارغا ئۇچراپ قالىدۇ؛ يېنىدا گىرىم ئۇستىسى ئېلىپ يۈرىدىغان چولپانلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولالمايدۇ.
   شىياۋ خوۋزىنىڭ بۇ چىرايى، تىپىك بولغان كەنت ئاياللار مۇدىرى چىراي بولۇپ، ياشانغانلىق دەرىجىسى بىراقلا ئېشىپ كەتكەن.

   بۇنىڭدىكى سەۋەب، سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارغا ماس كېلىدىغان گىرىم ئۇسلۇبىنى تاپالمىغانلىقىڭلار بولىدۇ؛ چۈنكى، بەزى خانىم-قىزلار قېنىق گىرىم قىلىشقا ماس كېلىدۇ، بەزى خانىم-قىزلار بولسا سۇس گىرىم قىلىشقا ماس كېلىدۇ.
   ئۇنداقتا، چىرايىمىز قېنىق گىرىم قىلىشقا ماس كېلىمىزمۇ ياكى سۇس گىرىم قىلىشىقىمۇ؟ بىز بۈگۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتىمىز.
 
قېنىق گىرىمگە ماس كېلىدىغان چىراي

بەش ئەزاسىنىڭ نىسبىتى چوڭ
   بەش ئەزاسىنىڭ نىسبىتى قانچە چوڭ بولغانسېرى، قېنىق گىرىم قىلىشقا شۇنچە بەك ماس كېلىدۇ. ۋاڭ ئوۋ دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
   ۋاڭ ئوۋنىڭ سۇس گىرىم قىلغان ھالىتى، كالپۇك گىرىمى سۇ، قاشلىرى تاغ ئەگىلمىلىرىگە ئوخشاش چىرايلىق كۆرۈنىدۇ؛ لېكىن، ئۇ بىر خىل كېسەل ئادەمدەك كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
   كۆز سىزىقلىرىنى قارايتىپ، كالپۇكىغا توق قىزىل سۇرۇخ سۈرۈۋالسا، جەلپكارلىق دەرىجىسى دەرھال ئىككى مېتىر يۇقىرىلاپ، ھەرقانداق ئادەم كۆرسە، ئۆزىنى تۇتالماي "ئوۋ خانىش" دەپ كېتىشىدۇ.
بەش ئەزاسى سىتىرولۇق، سۆڭەك تۇيغۇسى كۈچلۈك
   دىلرابا ھەممىمىزگە تونۇشلۇق، بەش ئەزاسى سىتىرولۇق ھەم سۆڭەك تۇيغۇسى كۈچلۈك؛ بۇنىڭغا قېنىق گىرىم قوشۇلسا، بەش ئەزاسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، پۈتكۈل ئادەم تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ.
   سۇس گىرىم قىلغان دىلرابا، توق قىزىل سۇرۇخ سۈرۈۋالغان قېنىق گىرىمگە قارىغاندا، جەلپكارلىقى ئاجىزلاپ كەتكەندەك قىلىدۇ. قېنىق گىرىم قارىماققا ئۇنىڭ بەش ئەزالىرىنى تېخىمۇ نەپىس كۆرسىتىدۇ.
   ئۇنىڭ سۇس گىرىمىگە قارىساق، گەرچە يەنىلا چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى ئادەتتىكىچە، ھېچقانداق يارقىن نۇقتىسى يوق بىلىنىدۇ.
كۆزلىرى كىچىك، زاڭىقى قىسقا كەلگەنلەر
   شەنجىنىڭ بۇ خىل بەش ئەزاسى، يىتەرلىك مۇكەممەل ئەمەسلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ قېنىق گىرىمگە تايىنىپ بۇ نۇقتىنى تۇلۇقلاپ، كەمچىلىكنى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشقا تېخىمۇ بەك مۇھتاج.
   ئەگەر قېنىق گىرىمنىڭ يۇشۇرۇشىدىن ئايرىلسا، بەش ئەزانىڭ كەمچىلىكلىرى ئېنىق گەۋدىلىنىپ چىقىپ قالىدۇ.

سۇس گىرىم قىلىشقا ماس كېلىدىغان يۈز
بەش ئەزا نىسبىتى كىچىك بولغانلار
   جوۋ دۇڭيۈگە ئوخشاش بەش ئەزاسى كىچىك بولغانلار، سۇس گىرىم قىلىشقا ماس كېلىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار ئەگەر قېنىق گىرىم قىلىۋالسا، قارىغۇسىز بولۇپ كېتىدۇ.
   قېنىق سىزىلغان كۆز سىزىقلىرى ۋە لەۋ سۇرۇخى، پۈتكۈل ئادەمنى زىيادە پىشىپ يىتىلگەن، يەنى قېرى چىراي كۆرسىتىپ قويىدۇ.
   شۇڭا جوۋ دۇڭيۈگە ئوخشاش بۇنداق چىرايى بەك چوڭ بولمىغان، بەش ئەزاسى نىسبىتى بىر قەدەر كىچىك بولغان چىراي شەكلىگە ئىگە خانىم-قىزلار، سۇس گىرىم قىلىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.
ئۇستىخىنى كىچىك ئۆسمۈر قىزلارغا ئوخشاشلار
   ھەممىمىز ياقتۇرىدىغان جاۋ لىيىڭ، دەل مۇشۇنداق ئۇستىخىنى كىچىك تىپقا تەۋە بولۇپ، شۇڭا سۇس گىرىم ئۇلارنىڭ لاتاپىتىنى تېخىمۇ بەكرەك گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئەمما يالقۇندەك قىزىل رەڭلىك كالپۇك، ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ باشقىچە كۆرسىتىپ قويىدۇ.
   ئوخشاشلا، ياڭ مىيمۇ سۇس گىرىم قىلىشقا ماس كېلىدىغانلاردىن بولۇپ، ئالدى چىكىسىدىكى قۇيۇق چاچلىرى بىلەن كۆزلىرىنى پۈتۈنلەي ئورىغان سىزىقچىلار ۋە ئىسلاپ قويغاندەك يۈز گىرىمى، ئەكسىچە ئۇنىڭ چىراي قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
   ئەمما سۇس گىرىم ئۇنى تېخىمۇ ياش ۋە شوخ كۆرسىتىدۇ.
بەش ئەزاسى كۆركەم، چىراي شەكلى يۇمىلاق كەلگەنلەر
   چىن يەنشىنىڭ كۆركەم كەلگەن بەش ئەزاسى، ئۇنىڭ يۇمىلاق يۈزىگە ماسلىشىپ، ئۇنى بىر خىل چىقىشقا كۆرسىتىدۇ.
   چىرايى يۇمىلاق كەلگەن چىن يەنشى، ئازراق گىرىم قىلىپ قويسىلا ناھايىتى لاتاپەتلىك بولۇپ كېتىدۇ.
   بىراق قېنىق گىرىم قىلىۋالسا، ئانىسىنىڭ گىرىم بۇيۇمىنى ئوغۇرلاپ ئىشلەتكەن كىچىك قىز بالىغا ئوخشاش، بىر خىل قاملاشمىغان چىراي بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ چىرايىغا يەنىلا سۇس گىرىم ماس كېلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号