ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللارغا ئەڭ تېز قان تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى بىلىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-29 كۆرۈلىشى : قېتىم

   ئايال كىشىدە قان تولۇق بولسا، چىرايى قىزىل تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلىقچە قېرىلىق يەتمەي، قارىماققا تېخىمۇ جەلپكار كۆرۈنىدۇ. ئۇنداقتا، ئايال كىشى قانداق يېمەكلىكلەرنى يىسە ئەڭ تېز سۈرئەتتە قان تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، قان تولۇقلايدىغان يېمەكلىك ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغانلىرى، ئاق قېرىنقولاق كاۋا شورپىسى قاتارلىق قۇۋۋەت شورپىلىرىدۇر. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قان تولۇقلاش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولغان بۇ شورپىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
 
ئۈچ قىزىل شورپىسى
   ئاتالمىش ئۈچ قىزىل شورپىسى، چىلان، قىزىل پۇرچاق ۋە خاسىڭنى قوشۇپ قاينىتىلغان شورپىنى كۆرسىتىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، قىزىل رەڭلىك يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قان تولۇقلاش ئۈنۈمى بار؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، چىلان، قىزىل پۇرچاق ۋە خاسىڭ قاتارلىقلار، نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدىغان ھەم ئاسانلا سېتۋالغىلى بولىدىغان يېمەكلىكلەردۇر.
   تەييارلاش ئۇسۇلى: چىلان، قىزىل پۇرچاق، خاسىڭ قاتارلىقلارنى بىر قازانغا سېلىپ بىللە قايناتساقلا بولىدۇ. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغىنىمىز، خاسىڭنىڭ ئىچكى قىزىل پوستىنى سويۇۋەتمەڭ؛ چۈنكى، خاسىڭنىڭ قىزىل پوستىنىڭ قان تولۇقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى.
 
ئاق قېرىنقولاق كاۋا شورپىسى
   ئاق قېرىنقولاق(银耳) بىلەن كاۋا، ئاياللارغا ئەڭ ماس كېلىدىغان چىراي گۈزەللەشتۈرىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە قان تولۇقلاش ئۈنۈمىمۇ بار، بولۇپمۇ رەڭگى-رويى ياخشى ئەمەس، چىرايى سارغىيىپ ئۆڭۈپ قالغان ئاياللارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ھەممىدىن بەك ماس كېلىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: كاۋا(南瓜), 20گىرام نىلوپەر ئۇرۇغى(干莲子)، ئاق قېرىنقولاق، 10تال چىلان، مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات
  تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاۋۋال كاۋىنى يۇيۇپ پاكىزلايمىز، ئەڭ ياخشىسى پوستىنى سويۇۋەتمەڭ، تەمى تېخىمۇ ياخشى چىقىدۇ؛ كەينىدىن نىلوپەر ئۇرۇغىنىڭ ئۆزىكىنى(莲子心) چىقىرىۋىتىپ، چىلان بىلەن قوشۇپ يۇيۇپ پاكىزلايمىز؛ قازانغا سۇ قۇيۇپ قايناتقاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن نىلوپەر ئۇرۇغى ۋە ئاق قېرىنقولاقنى سېلىپ، كىچىك ئوتتا 15 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، كاۋىنى سېلىپ، كاۋا يۇمشاپ پىشقۇچىلىك قاينىتىپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
گۈلسامساق كۈمۈش ئۈرۈك كالا گۆشى شورپىسى
گۈلسامساقنىڭ(百合) مۇئەننەسنى قۇۋۋەتلەپ نەملىك يەتكۈزۈش ئۈنۈمى بار، كالا گۆشىنىڭ تەركىبىدە بولسا ئامىنو كىسلاتالىرى ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر ھەر خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار. ئادەتتە، گۈلسامساق، كالا گۆشى، كۈمۈش ئۆرۈك(白果) قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى بىللە قاينىتىپ شورپا تەييارلاپ ئىچىپ بەرسەك، قان ۋە ماغدۇر تولۇقلاپلا قالماي، يەنە چىراي گۈزەللەشتۈرۈش، قوقاق ياندۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号