ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
پەسىل ئالماشتى، سومكا ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   پەسلى ئالماشقاندىن كىيىن، كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ كىيىش بىلەن بىرگە، پەسىلگە ماس كىلىدىغان سومكىلارنىمۇ ئالماشتۇرۇپ ئېسىشقا توغرا كىلىدۇ.

   سومكا، قارىماققا ئاددى بىر زىننەت سەپلىمىسى بولغان بىلەن، ئەمما ئۇنى كىيىم ماسلاشتۇرۇش، ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.
 
   سومكىنى خاتا تاللاپ سېتىۋىلىپ پۇل ئىسراپ بولۇپ كىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خانىم قىزلار ئۆزىنىڭ كىيىم ماسلاشتۇرۇش ئۇسلۇبىغا ئاساسەن سومكا تاللاش كىرەك.
   تۆۋەندە، ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇپتىكى كىيىملەرگە قانداق سومكا ماسلاشتۇرسا ياخشى بولىدىغانلىقى ھەققىدە، كۆپچىلىككە ئازراق تەكلىپ بىرىمىز!
ئۇزۇن كۆينەككە سومكا ماسلاشتۇرۇش
   ئۇزۇن كۆينەك، كۆپىنچە ئاياللىق  نازاكىتىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، مۇلايىملىق تۇيغۇسى بىرىدىغان ئوماق پاسوندىكى سومكىلار ماس كىلىدۇ.
   مەسىلەن، مەرۋايىت پاسونى؛ سېرىق رەڭلىك يۇمىلاق مەرۋايىت، ئادەمگە بىرخىل ئىسىلزادىلەر تەسىرى بىرىدىغان بولۇپ، چەكمەن گۈللۈك كۆينەك كىيىپ بۇ سومكىنى قولىڭىزدا كۆتۈرۋالسىڭىز، خۇددى مەلىكىلەرنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشاپ قالىسىز.
 
ئاددى ئەمما پاكىزە كۆرىنىدىغان ئۇزۇن كوپتا كۆينەك، ئادەمگە بىر خىل تەمكىنلىك تۇيغۇسى بىرىدىغان بولۇپ، ئاددى ئەمما يۇقىرى قاتلام تۇيغۇسىغا ئىگە كۈلرەڭ تۆت چاس سومكا بۇ خىل كۆينەككە ئەڭ ماس كىلىدۇ.

   لايىھەلىنىشى ئۆزگىچە بولغان ئاق كۆينەككە، سومكىنىڭمۇ ئالاھىدىراقىنى ماسلاشتۇرۇش كىرەك.
 
   تۇتۇق رەڭ سېستىمىسىدىكى گۈللۈك كۆينەك، ئۆزگىچە بىر خىل كىلاسسىكلىق گۈزەللىككە ئىگە؛ بۇ خىل كۆينەككە قوڭۇر رەڭلىك ياندىن ئاسىدىغان سومكىنى ماسلاشتۇرسىڭىز، ئۈستى-بېشىڭىزدىن زىيالىلىق پۇرىقى يېغىپ تۇرىدىغان كۆرىنىسىز.
 
   پۇرچاق يىشىلى رەڭلىك ئاسما كۆينەكنىڭ جەلپكارلىقى ئىنتايىن يۇقىرى! ئوخشاش رەڭدىكى كىچىك قول سومكىسى، سىزنى تېخىمۇ لاتاپەتلىك ھەم مودا كۆرسىتىدۇ.

   ئاسما كۆينەك، ساياھەتكە چىققاندا كىيىشكە ماس كىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئاددىغىنا توقۇلما نۇسخىدىكى سومكا ۋە ئاياغ ماسلاشتۇرۇپ كەيسىڭىز، گۈزەللىكىڭىزنى يوقىتىپ قويمايسىز ھەمدە ئەركىن-ئازادە راھەت ھىس قىلىسىز.

   قېنىق كۆك رەڭلىك ئاسما كۆينەككە، سۇس كۆك رەڭلىك بىرزىنت سومكا ماسلاشتۇرسىڭىز، دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا ماس كىلىدۇ.

   سېرىق رەڭلىك قىسقا كۆينەك، تىرىسى ئاق خانىم-قىزلارغا ماس كىلىدىغان بولۇپ، گۈللۈك بوغما ئېغىز سومكا، بۇ خىل كۆينەكنىڭ ئەڭ ياخشى زىننىتىدۇر.

 
ئىستىراھەت ئۇسلۇبىدىكى كىيىمگە سومكا ماسلاشتۇرۇش
   ئىستىراھەت ئۇسلۇبىدىكى كىيىملەرگە سومكا ماسلاشتۇرۇشتا، تاللاش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەرخىل ئوماق، ئۆزگىچە كەلگەن سومكىلارنى ماسلاشتۇرساقمۇ، ھەرگىز سەت كۆرۈنۈپ قالمايدۇ.
MARNI   نىڭ كۆكتات سومكىسى يېقىندىن بويان ئىنتايىن مودا بولۇپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇسلۇپتىكى سومكىلارنىڭ نۇرغۇن رەڭدىكىلىرى بار بولۇپ، ماسلاشتۇرۇش تېخىمۇ ئاسانغا توختايدۇ.

   ئاددى ھەم كەڭرى كىلىدىغان كىيىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ ياسىنىپ، ئۆزى كىچىك ئەمما مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنى يوقاتمىغان مەرۋايىتلىق يانفون سومكىسىنى ئېسىۋالساق، تەبىئىيلا مودا كۆرىنىمىز.

   يۇمىلاق شارچىدا زىننەتلەنگەن سومكىلارمۇ، مەرۋايىت قويۇلغان سومكىلارنىڭ مودا بولغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ كەتكەن؛ ئادەتتە بۇ خىل سومكىنى ئېسىۋالسىڭىز، چاكىنا تۇرۇپمۇ قالمايدۇ ھەمدە تور چولپانلىرىنىڭ سومكىسىغا ئوخشاپمۇ قالمايدۇ.

   چىلەك شەكىللىك سومكىمۇ يامان ئەمەس تاللاشتۇر؛ بىراق، بەك چوڭ بولۇپ كەتسە سىزنى ھاردۇرۇپ قويىشى مۇمكىن، شۇڭا كىچىك پاسوندىكى چىلەك شەكىللىك سومكا، ئىستىراھەت ئۇسلۇبىدا خالىغانچە ياسىنىشقا تېخىمۇ ماس كىلىدۇ.

   ئاق ۋە قارا رەڭنى ماسلاشتۇرۇپ كېيگەن ۋاقىتتا، قولىمىزدا قىزىل رەڭلىك تۆت چاسا سومكا كۆتۈرۋالساق، قاتلام تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ.
 
   پۇرچاق يىشىلى رەڭلىك چاپانغا ماسلاشتۇرۇپ ئوخشاش رەڭدىكى سومكا كۆتۈرۋالسىڭىز، يۇقىرى ماقامدا كۆرۈنۈپ قالمايسىز ھەم مودىدىنمۇ قالمايسىز.

   قولتۇق سومكىسى ئەسلىدە "رەسمى يۇسۇن" ئۇسلۇبىغا تەۋە سومكا، ئەمما ياندىن ئاسىدىغان ئۇسۇلنى ئالماشتۇرساق، شۇ ھامانلا مودىكەشلەرگە ئوخشاپ قالىسىز.

   موشا سومكىسى ھازىرقى زامان لايىھە تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، قاتلاپ يېغىلغان چىلەك شەكلىدىكى پاسونى، رەڭگى ئۇچۇق كىيىملەرگە ماس كىلىدۇ.

 
كەسپى كىيىمىگە سومكا ماسلاشتۇرۇش
   ھەربىر خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ كىيىم ئىشكابىدا چوقۇم كاستوم بار؛ ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان كاستۇم يۈرۈشلۈك كىيىمى، سىز ئىھتىياجلىق بولغاندا سورۇندىن قالماسلىقىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.

   خىزمەتچى خانىم قىزلار سومكىنىڭ سۈپىتىنى بەكرەك قوغلىشىدىغان  بولۇپ، لاتاپىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئاساسلىق ئويلىشىدۇ.

   پۈتۈنلەي ئاق رەڭلىك كاستۇم يۈرۈشلىكى كىيىۋالسىڭىز، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى يۇقىرى دەرىجىدە قوزغايسىز؛ بۇنىڭغا ئازراق سىرتقا ئاشكارىلىنىپ چىقىپ تۇرغان كۆينەك، ۋە سارغۇچ رەڭلىك سومكا قوشۇلسا، چوڭ سۈپەتلىك ئىچىدە مۇلايىملىقنى يوقاتمىغان كۆرىنىسىز.
 
   قوش تاسمىلىق سومكىنى ماسلاشتۇرماق تېخىمۇ ئاسان بولۇپ، ئازراق بىر پەرق، ئۇسلۇبىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ.
 
   ئەگەر رەسمىيلىك تۇيغۇسىنىڭ بەك ئېشىپ كىتىشىنى خالىمىسىڭىز، قانۇنىيەتسىز شەكىلدىكى سومكا تاللىسىڭىز بولىدۇ.

   كۈلرەڭ كاستومغا سۈپەت تۇيغۇسى يۇقىرى بولغان ياغاچ رەڭلىك كىچىك ئاسما سومكا ماسلاشتۇرسىڭىز، سالاپىتىڭىز بىر بالداق يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ.

   قارا رەڭلىك كاستۇم يۈرۈشلۈكى سىزنى ئازراق ئەركىشىگە ئوخشىتىپ قويىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، مىتال باغلىق سومكا ئېسىپ، يەككە ماقاملىق تۇيغۇسىنى سۇسلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

   ئەلۋەتتە، كوپتا، توقۇلما كۆينەك، يوپكا قاتارلىقلارغا ئاسما قولتۇق سومكىسى ماسلاشتۇرسىڭىز، زىيالىلارچە گۈزەللىكىڭىز يەنىلا ساقلىنىپ قالىدۇ.
 
   كوپتا بىلەن ئايىغى كەڭ ئىشتانمۇ يامان ئەمەس ماسلاشتۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭغا قارامتۇل يىشىل سومكا ماسلاشتۇرسىڭىز، ئاددىيلىق ئىچىدىكى سالاپەتكە ئىرىشىسىز.

   يۇقارقىلار، بۈگۈن ھەمبەھىرلەنمەكچى بولغان مەزمۇنلار؛ ياقتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号