ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئائىلە زوراۋانلىقىدا ئاياللار ئۆز ھوقۇقىنى قانداق قوغدىشى كېرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۇ يىل 110-نۆۋەتلىك 8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمى. بۇ يەردە ئالدى بىلەن، بارلىق خانىم-قىزلارنىڭ بايرىمىنى خۇشال ئۆتۈشىنى ھەمدە تېنىنىڭ ساغلام ۋە تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.
   بۈگۈن بىز، دۆلىتىمىز ئاساسى قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!
   بىرىنچى مەسىلە، ئاياللارنىڭ قانداق ھوقۇق ئىمتىيازلىرى بار؟
سىياسى ھوقۇقى
   1. دۆلىتىمىز ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر سىياسى ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
   2. ئاياللارنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بار.
ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى ھوقۇقى
   ئاياللار ئىقتىسادى تۇرمۇشتا، ئەلەر بىلەن باراۋەر بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوخشاش ئىش ئورنىدا ئوخشاش مائاشقا ئىرىشىش، ئالاھىدە ئەمگەك تۈرىدە قوغداش قاتارلىق ئىمتىيازلارغا ئىگە.
ئائىلە تۇرمۇشىدىكى باراۋەرلىك ھوقۇقى
   1. ئائىلە تۇرمۇشى جەھەتتە، ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئوخشاش بولغان ھوقۇق-ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولىدۇ. دۆلىتىمىزدە تويلىشىش ئەركىن بولۇش، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش، ئەر-ئايال باراۋەر بولۇش قاتارلىق تويلىشىش تۈزۈملىرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئەر-خوتۇن ھەر ئككى تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشقا قاتنىشىش ھوقۇقى بار.
   2. توي تۇرمۇشى جەھەتتە، دۆلىتىمىز قانۇن-نىزاملىرىدا ئاياللارغا ئالاھىدە ئېتىبار بىرىلگەن: (1) ئايال كىشى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، تۇغقاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە ياكى ھامىلدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە، ئەر تەرەپ ئاجرىشىپ كېتىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. ئەگەر ئايال تەرەپ ئاجرىىپ كېتىشنى تەلەپ قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەر تەرەپنىڭ ئاجرىشىپ كېتىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش زۆرۈر دەپ قارىغان بولسا بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. (2) ئاجراشقاندىن كېيىن، ئىمىتىش مەزگىلىدىكى پەرزەنتلىرى، ئىمىتكەن ئانىنىڭ ھامىيلىقىغا قالدۇرۇلۇش پىرىنسىپى قوللىنىلىدۇ.
جىنايى ئىشلار بويىچە ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ئالاھىدە ئىمتىيازى
   ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتى، چوقۇم ئايال خىزمەتچى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇ خىل بەلگىلىمە، ئاياللارنىڭ فىزولوگىيەلىك تۇيغۇسى ۋە پىسخىكىلىق تۇيغۇسىنى نەزەردە تۇتقان.
   ئىككىنچى مەسىلە، ئايال كىشى ئائىلە جەمئىيەت مۇناسىۋىتى ئىچىدىكى ئاجىز توپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئاسانلا ئائىلە زورۋانلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ؛ ئۇنداقتا ئائىلە زورۋانلىقىغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ئاياللار ئۆز ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟
   1. ئائىلە زوراۋانلىقى كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا دەرھال 110غا تېلېفون قىلىپ دىلو مەلۇم قىلىش كېرەك. خەلق ساقچىلىرى يىتىپ كەلگەندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلىق تەپسىلىي جەرياننى ھەقىقىي تۈردە بايان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ خاتىرىلەپ دىلو ماتېرىيالى تۇرغۇزىشىغا ماسلىشىشى لازىم. بۇندىن باشقا، كىيىن ساقچىخانىغا بېرىپ دىلو مەلۇم قىلىش، ئەدەلىيە ئورۇنلىرىدىن ياردەم تەپە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانسىمۇ بولىدۇ، ئەمما بۇ جەرياندا يازما ئىسپات ماتېرىياللىرى قالدۇرۇش لازىم.
   2. يانفون ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەدەن سىرتقى قىسىم جاراھەتلەرنى سۈرەتكە تارتىۋىلىش ھەمدە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش لازىم. دوختۇرغا تەكشۈرتكەن ۋاقىتتا، كېسەل تارىخىدا گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، يارىلانغۇچى يارىلىنىش سەۋەبىنى دوختۇرغا ئەينەن ئىنكاس قىلىشى كېرەك.
   3. ئەگەر ئۆيىگە ۋىدىئولوق نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان بولسا، ئائىلە زوراۋانلىقى جەريانى خاتىرىلەنگەن فىلىمنى ئىسپات قىلىپ ئېلىپ قالساق بولىدۇ.
   4. تۇرۇشلۇق ئورنىدىكى ئاياللار بىرلەشمىسىگە بېرىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلىش ھەمدە بۇ ئەھۋالنى تىزىمغا ئالدۇرۇش.
   5. ئەگەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدا ئائىلە زوراۋانلىقى سەۋەبلىك خامۇشلۇق كېسىلى ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
   6. كەنت ئاھالە كومېتىتى، مەھەللە ئاھالە كومېتىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ كىلىشتۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىش ھەمدە كىلىشتۈرۈش جەريانىدا ئائىلە زوراۋانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان يازما ماتېرىيال شەكىللەندۈرۈش.
   7. ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ئۇرۇغ-تۇققان ۋە دوست-يارەنلىرىدىن ياكى قوشنىلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلارمۇ دىلودىكى گۇۋاھچىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
   خانىم-قىزلار، ئۆزۈڭلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، چوقۇم باتۇرلۇق بىلەن قانۇن قورالى ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداشنى بىلىڭلار! ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ئۆزىڭىز، ھوقۇق مەنپەئەتىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى قوغدىغۇچىسىدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号