ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
تۆت خىل ئەھۋالدا بوۋاقلارنى سۆيمەڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : گۈزەلئاي ۋاقتى : 2016-08-16 كۆرۈلىشى : قېتىم

 

سۆيۈش ئامراقلىقنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل شەكلى بولغاچقا، مەيلى ئاپا، دادا ياكى باشقىلار بولسۇن بوۋاقنى ئامراقلىق قىلىپ سۆيۈپ كېتىدۇ. بىراق بۇنداق ئامراقلىقنىڭ بوۋاقلارغا نىسبەتەن تولىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن كىشى بىلمەيدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، سۆيگۈچىلەردە زۇكام ياكى باشقا كېسەل بولسا، بوۋاقلار ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدىكەن. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا بوۋاقلارنى ھەرگىز سۆيمەسلىك كېرەككەن.

1.ئائىلە باشلىقلىرى زۇكام، تارقىلىشچان قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى، بادامسىمان بەز ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ۋە قىزىل قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا، بولۇپمۇ ئۆزىدە تاشما، سۇلۇق قاپارتما قاتارلىق ئالامەتلەر بايقالغاندا بوۋاقلارنى سۆيمەيلا قالماستىن، بەلكى بوۋاقلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇش ھەم جىددىي داۋالىنىش كېرەككەن.

2.نۇرغۇن ئاشقازان ئۈچەي يولى باكتېرىيەلىرى، مەسىلەن، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى ۋە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلار يۇقۇملۇق بولغاچقا، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغان ياكى ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، بوۋاقلارنى سۆيمەسلىكى، يېمەكلىكلەرنى چايناپ بەرمەسلىكى ۋە پۈۋلەپ بەرمەسلىكى كېرەككەن، بولمىسا بوۋاقلار ئاسانلا يۇقۇملىنىدىكەن.

3. ئائىلە باشلىقلىرى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىرى، بولۇپمۇ چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش يىلىكى ياللۇغى ۋە چىش چىرىش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا، بوۋاقلارنى سۆيمەسلىك كېرەككەن، بولمىسا بوۋاقلار ئاسانلا چىش چىرىش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدىكەن.

4.ئانىلار قويۇق گىرىم قىلىۋالغاندىمۇ بوۋاقلارنى سۆيمەسلىكى كېرەككەن. گىرىم بۇيۇملىرىدا ھامان ئاز–تولا خىمىيەلىك ماددىلار، ھەتتا بەزى گىرىم بۇيۇملىرىدا قوغۇشۇن بولغاچقا ئانىلار بوۋاقلارنى سۆيگەن ياكى بوۋاقلارغا ئۆزىنى سۆيدۈرگەندە، بەزى زىيانلىق ماددىلار بوۋاقلارنىڭ تېنىگە كىرىپ، بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن.

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号