ھامىلدار ئايالغا ئۇزۇقلۇق يىتەرلىك بولۇشى، ئانا-بالىنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ھامىلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجى يوقىرى بولغاچقا، ھامىلدار ئايالنىڭ مۇۋاپىق تۈردىكى مول ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىشى ناھايىتىمۇ زۈرۈردۇر.
1. تەركىبىدە ۋىيتامىن C مول بولغان مىۋە-كۆكتاتلار

ئەگەر ھەركۈنى قوبۇل قىلىدىغان ۋىيتامىن C مىقدارى تۆۋەن بولۇپ قالسا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى ۋىيتامىن C مىقدارىمۇ ماس ھالدا تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا ئالدىن بىشارەت بولىدىغان ھامىلدارلىق تۇتقاقلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش نىسبىتى، ساغلام ھامىلدار ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا 4-2ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭلاشقا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەر كۈنلۈك ۋىيتامىن C قوبۇل قىلىش مىقدارى ئەڭ ياخشىسى 85 مىللىگرامدىن تۆۋەن بولۇپ قالماسلىقى كىرەك.
2. ھەسەل

تەبىئى يىمەكلىكلەر ئىچىدە، چوڭ مىڭە نىۋرونىغا كىتەرلىك بولغان ئىنىرگىيە ھەسەلنىڭ تەركىبىدە ئەڭ مول. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىۋەتكەندە، كۆپ چۈش كۈرۈپ ئاسان ئويغىنىپ كىتىدىغان ئەھۋاللارنى ئازلىتىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ. ئەمما ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئاز ئىچىش كىرەك.
بۇندىن باشقا ھامىلدار ئاياللار ھەركۈنى ئەتىگەندە ياكى چۈشتىن كىيىن سۇ ئىچكەندە، سۇغا ئازراق ھەسەل قوشۇپ ئىچسە قەۋزىيەتنى ياخشىلاشقا بولىدۇ.
3. بىلىق تۈرى

بىلىق گۆشى تەركىبىدىكى DHA بولسا، ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ھامىيلىنىڭ مىڭە ھۈجەيرە پەردىسى شەكىللىنىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر پۈتكۈل ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قەتئى بىلىق گۆشى ئىستىمال قىلمىسا، ئۇنداقتا ھامىلىنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنىڭ نورمال بولماسلىق مۇمكىنچىلىكى تەخمىنەن %20-%15 ئەتراپىدا يۇقىرىلاپ كىتىدىكەن.
ھامىلدار ئاياللار بىر ھەپتە ئىچىدە ئاز دىگەندە بىر ئىككى قېتىم بىلىق گۆشى يەپ بەرسە، ھامىيلىنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىدىكى ئېھتىياجنى قامداشقا يىتەرلىك بولىدىغان بولۇپ، بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش ئىھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
4. تۇخۇم

توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار بىرقەدەر تۇلۇق ھەم تەڭپۇڭ كەلگەن، بولۇپمۇ تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى خولىننىڭ "ئەستە تۇتۇش ماددىسى" دىگەن نامى بولۇپ، ھامىلىنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە ھامىلدار ئايالنىڭمۇ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشى ھالەتتە ساقلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھەركۈنى ئىستىمال قىلغان تۇخۇم سانى ئۈچتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كىرەك، بولمىغاندا جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ بېسىمىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
5. كۆك كاۋا (冬瓜)

كۆك كاۋىنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق ھەم سۇ تەركىبى مول بولۇپ، ئۇسسۇلۇقنى قاندۇرۇپ سۈيدۈك ھەيدەيدۇ؛ ئەگەر سازان بىلىق (鲤鱼) بىللە شورپا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ پۇتىنىڭ ئىششىپ قېلىشىنى يىنىكلەشتۈرىدۇ.
6. ئالما

ئالما تەركىبىدىكى سىنىك ماددىسىنىڭ مىقدارى ناھايىتى مول بولۇپ، سىنىك ماددىسى بولسا ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كىلىدۇ. سىنىك ماددىسى ھامىلىنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ چەت قىسمىدىكى سەقەنقۇر رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپ، ھامىيلىنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىنكى مەزگىللىك ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا پايدىلىق بولىدۇ.
ھامىلدار ئاياللار ھەركۈنى 2-1 ئالما يەپ بەرسىلا ھامىيلىنىڭ سىنىك ماددىسىغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
7. خەيدەي (海带) ۋە يۇدلۇق تۇز

ھامىلدار ئايالنىڭ يۇد تۇلۇقلىشى يىتەرلىك بولسا، ھامىلىنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىن ئەقلى ئىقتىدارىدا توسالغۇ بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۇد تۇلۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. يۇد تۇلۇقلاشقا نىسبەتەن، ئادەتتە يۇدلۇق تۇز ئىستىمال قىلغاندىن سىرت، يۇد تەركىبى مول بولغان، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتات خەيدەي ئىستىمال قىلسا بولىدۇ. ئادەتتە ھەپتىدە 2-1 قېتىم خەيدەي يەپ بەرسە، ھامىلىنىڭ يىتىلىشىگە كىتەرلىك يۇد ماددىسى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
8. كاۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كاۋا يەپ بەرسە، ھامىيلىنىڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە سۇلۇق ئىششىق، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق ھامىلدارلىق مەزگىلى ئەگەشمە كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە داۋالاشقا بولىدۇ.
9. گازىر

گازىر تەركىبىدە ۋىيتامىن Eنىڭ مىقدارى مول بولۇپ، ۋىيتامىن E بولسا ھىپوفىز ئالدى ياپرىقى گونادوتروپىن بېزىنىڭ(脑垂体前叶促性腺) ھۈجەيرە ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە تۇخۇمدان فونكىسىيىسىنى كۈچەيتىدۇ.
ھەركۈنلۈك تامىقىغا ئىككى قوشۇق گازىر مېيى قوشۇپ ئىشلەتسە، ھامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھامىيلە چۈشۈپ كىتىش خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
10. چۈچۈمەل تەمدىكى مىۋە-چىۋىلەر

بۆلجۈرگەن، ئالۇچا، مايمۇن شاپتۇلى، ئانار، ئۈزۈم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چۈچۈمەل تەملىك مىۋىلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى فولىن كىسلاتاسى بولسا ھامىيلە نىرۋا كانىلىنىڭ يىتىلىش جەريانىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ماددىدۇر. شۇڭلاشقا ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىللىرىدە چۈچۈمەل تەمدىكى يىڭى مىۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە، ھامىيلىدە نىرۋا كانىلى غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
11. كەرەپشە

كەرەپشە تەركىبىدە كاروتىن، ۋىيتامىن C، نىكوتىنىك كىسلاتا قاتارلىقلار ئۇزۇقلۇق ماددىلىرى بار؛ بولۇپمۇ كەرەپشە يۇپۇرماقلىرىدىكى بەزىبىر ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ مىقدارى كەرەپشە غولىغا قارىغاندا مول بولۇپ، ئىسسىقنى ھەيدەپ قاننى سۇۋۇتۇش، مىڭىنى سەگەكلەشتۈرۈپ سۈيدۈكنى ھەيدەش، تىنچلاندۇرۇپ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھەمىشە كەرەپشە ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بار بولۇپ، تۆمۈر كەمچىللىكىدىن كىلىپ چىققان قان ئازلىق ۋە يۇقىرى قان بېسىمىدىن كىلىپ چىققان ئالدىن بىشارەت بىرىدىغان ھامىلدارلىق تۇتقاقلىق كىسەللىكى قاتارلىقلارغا كۆرنەرلىك ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.
12. ھايۋانات جىگىرى

ھامىلدار ئاياللاردا فىزىلوگىيىلىك قان ئازلىق ھادىسىسى كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈر تۇلۇقلاش يىتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تۆمۈر كەمچىللىك تىپىدىكى قان ئازلىق كىسەللىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلە ھەر ئىككىسى تۆمۈر ماددىسى تۇلۇقلاشقا ئىھتىياجلىق بولۇپ، ئەگەر تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولۇپ قالسا، ئاسانلا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قان ئازلىق كىسلى ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغۇۋىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئادەتتە ھايۋانات جىگىرىنى ھەپتىدە بىر قېتىم ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ئېھتىياجنى قامداشقا يىتەرلىك بولىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەڭ ياخشىسى ۋىيتامىن C تەركىبى ۋە مىۋە كىسلاتاسى مول بولغان لىمون، ئاپلىسىن قاتارلىقلارنىمۇ تەڭ ئسىتىمال قىلىش كىرەك، بۇنىڭدا تۆمۈر ماددىسىنىڭ ئۈچەيدە بەدەنگە سۈمۈرلۈش نىسپىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
13. ياڭاق، كۈنجۈت

ياڭاق بىلەن كۈنجۈتنىڭ قانغا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈپ ماغدۇر تۇلۇقلايدىغان ئۈنۈمى بار بولۇپ، ھامىلىنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلدە مۇۋاپىق تۈردە ياڭاق ۋە كۈنجۈت ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى سېفالىن(脑磷脂)، لېتسىتىن(卵磷脂)، DHA قاتارلىقلارنىڭ ياغ تۈرىنى تۇلۇقلاش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ياغ تۈرى بولسا ھامىيلىنىڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يىتىلىشىدىكى ئاساسلىق خام ئەشيا بولۇپ ھىسابلىنىدۇ؛ ئەگەر بۇ ياغ تۈرلىرى كەمچىل بولۇپ قالسا ھامىيلىنىڭ نىرۋا سېستىمىسىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ.