ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۇيۇنۇشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە فىزىلوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر كۆرلىدۇ.
    ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەر بېزى ۋە تىرە ياغ بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا ئېشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن تەرلەش ۋە چېچىنىڭ مايلىشىپ كىتىشىمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ ھەمدە ئاسانلا قىچىشقاقلىق ئىششىق قاتارلىق تىرە كىسەللىكلىرى كىلىپ چىقىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللار كۆپرەك يۇيىنىشى، چېچىنى يۇيۇش ۋە كىيىم ئالماشتۇرۇشمۇ ئادەتتىكىدىن كۆپرەك بولۇشى كىرەك، بۇنىڭدا شەخسى تازىلىقىنى ياخشىلاپ ياللۇغلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يۇيۇنۇش ھەققىدە، ھامىلدار ئاياللار تۆۋەندىكى نوقتىلارنى ئىسىدىن چىقارماسلىقى كىرەك!
ھامىلدار مەزگىلدە ئولتۇرۇپ يۇيۇنۇشتىن ساقلىنىشى كىرەك
    ھامىلدار ئاياللار يۇيۇنغاندا ئىمكان قەدەر ئولتۇرۇپ يۇيۇنۇشتىن ساقلىنىشى، ئۆرە تۇرۇپ سۇ چۈشۈرۈپ يۇيۇنۇشنى ئاساس قىلىش كىرەك.
   چۈنكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىكى تىرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى يىڭىدىن پەيدا بولۇش مىقدارىدىن كۆپ بولۇپ، كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ كىتىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك ئەگەر ئولتۇرۇپ يۇيۇنغاندا، مەينەت سۇنىڭ جىنسىي يولغا كىرىپ كىتىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلۇپ، ئاسانلا ياللۇغ كىلىپ چىقىدىغان، بەزىدە ھەتتا بالدۇر تۇغۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ.
سۇنىڭ تىمپىراتۇرىسىنى كونتىرول قىلىش ناھايىتى مۇھىم
      بۇنىڭدا ئادەتتە سۇنىڭ تىمپىراتۇرىسىنى 38-35 سىلتسىيە گىرادوس ئارلىقىدا كونتىرول قىلساق بولىدۇ.
    ئەگەر سۇ بەك قىزىق بولۇپ كەتسە، ھامىلدار ئاياللاردا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك كۆرۈلۈپ، بۇ سەۋەبلىك ھامىلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقى كىلىپ چىقىشى مۇمكىن؛ بولۇپمۇ ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىللەردە قىزىق سۇدا يۇيۇنۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك كىرەك
     مۇنچىنىڭ ئىلھام مەنبەسى دىگەن نامى بولسىمۇ، ئەمما ھامىلدار ئاياللارنىڭ يۇيۇنۇش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كىتىشى ياخشى ئەمەس، ئادەتتە 20-10مىنۇت ئارلىقدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق.
    ئادەتتە مۇنچا ئىچىنىڭ تىمپىراتۇرىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولغاچقا، ئوكسىگىن تەمىنلەش نىسبەتەن يىتىشمەيدىغان ھالەتتە تۇرىدۇ؛ بۇنداق ۋاقىتتا ئەگەر يۇيۇنۇش ۋاقتىمىز بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ھامىلدار ئاياللاردا ئاسانلا باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، پۇت-قوللىرى ماغدۇرسىزلىنىش، كۆكسى سىقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ قالىدۇ.
   بۇندىن باشقا، يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەندە، ھامىلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ۋە يۈرەك سوقۇش رېتىمىنىڭ تىزلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ ئېغىرراق بولغاندا ھەتتا ھامىلىنىڭ نىرۋا سېستىمىسنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كىرەك
    ھامىلدارلىق مەزگىلدە، ئاياللارنىڭ تىرىسى ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ كىتىدۇ؛ بۇنىڭغا ئادەتتىكى يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدە خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ بەدەنگە ئاسانلا سۈمۈرلۈپ كىتىشى قوشۇلۇپ، ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىنى تاللىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تەركىبىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆپرەك دىققەت قىلىش كىرەك؛ ئىمكان قەدەر مۆتىدىل كەلگەن ھەم غىدىقلاش تەسىرى بولمىغان، تەركىبى قىسمى بىخەتەرلىك تاللاش سىنىقىدىن ئۆتكەن يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كىرەك.
    بۇنىڭدا تەركىبى قىسمى جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇپلا قالماي، يەنە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تىرە مەسىلىلىرىنى نىشانلىق تۈردە ھەل قىلىپ، كىيىنكى مەزگىللىك تىرە ئاسراش، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارغا قارىتا پايدىلىق ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号