ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئانىنىڭ بۇ تۆت خىل ئالاھىدىلىكى ئوغلىغا ئىرسىيەت قالىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
     بىز ئادەتتە بىر ئائىلە كىشىلىرىنى كۆرسەك، چوقۇم "بالىڭىزنىڭ قايسى، قايسى يەرلىرى ئانىسىغا ئوخشايدىكەن، يەنە قايسى، قايسى تەرەپلىرى دادىسىغا ئوخشايدىكەن" دەپ سۆزلەپ كىتىمىز، بىز ئۆزىمىز ئۇنداق دەپ باقمىغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق ئەھۋالنى چوقۇم ئۇچراتقان. كونىلارنىڭ "ئوغۇل بالا ئانىسىنى تارتىدۇ، قىزبالا دادىسىنى تارتىدۇ" دەيدىغان گېپى بار ئىدى؛ ھازىر ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ ئىسپاتلىنىشقا ئىرىشىدىغىنىنى ئاسانلا بايقىيالايمىز. ئەگەر ئائىلىدە ئوغۇل پەرزەنت بولسا، ئۇنىڭ نۇرغۇن يەرلىرى ئانىسىغا ئوخشايدۇ؛ ئوخشاشلا، ئانىنىڭمۇ بەزىبىر ئالاھىدىلىكلىرى ئوغۇل پەرزەنتكە ئىرسىيەت قالىدۇ؛ ئۇنداقتا ئانىنىڭ قايسى ئالاھىدىلىكلىرى ئوغۇل پەرزەنتىگە ئىرسىيەت قالىدۇ؟ سىزنىڭ ئوغلىڭىز سىزنىڭ نەچچىگە ئىگە بولۇپتۇ؟ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ!
1. ئەقلى ئىقتىدارى
     ئەگەردە ئانىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئوغۇل پەرزەنتنىڭمۇ ئەقلى ئىقدارى يۇقىرى كىلىش ئىھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئەقلى ئىقتىدار جەھەتتىكى باغلىنىشلىق كۆپىنچە ئانا ۋە ئوغۇل پەرزەنت ئارىسىدا بولىدىغان بولۇپ، دادا ۋە ئوغۇل پەرزنتنىڭ ئەقلى ئىقتىدار جەھەتتىكى باغلىنىشچانلىقى ئۇنداق يۇقىرى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر ئانا ئەسلىدە بىر ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولسا، ئۇنىڭ ئوغۇل پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىدە ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.
2. تىرە رەڭگى 
     بىز ھەممىمىز بالىمىزنىڭ كەلگۈسىدە تىرىسى ئاق ھەم چىرايلىق قاملاشقان چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئادەتتە ئوغۇل بالىنىڭ تىرە رەڭگىنىڭ قانداق بولىشىنىڭ ئانىسى بىلەن بولغان باغلىنىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر ئانىنىڭ تىرىسى ناھايىتى ئاق كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تۇغقان ئوغۇل پەرزەنتىنىڭ تىرىسىمۇ ناچار بولۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭا تىرىسى ئاق كەلگەن ئاياللار ئوغۇل پەرزەنتىنىڭ تىرىسىنىڭ قارامتۇل بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرمىسىمۇ بولىدۇ.
3. بوي ئىگىزلىگى
    بۇ نوقتا بەلكىم ئانىلار ئوغۇل پەرزەنتىگە ئىرسىيەت قالدۇرۇشنى خالىمايدىغان بىر ئالاھىدىلىك بولسا كىرەك. چۈنكى ئادەتتە ئاياللارنىڭ بوي ئىگىزلىكى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا پاكارراق بولىدۇ، شۇڭا بۇ جەھەتتە ئاساسەن ئانىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولمايدۇ. نۇرغۇنلىغان بويى پاكارراق كەلگەن ئاياللار ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە بويى پاكار بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ، ئەمىلىيەتتە بۇنىڭدىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق؛ چۈنكى بالىنىڭ بوي ئىگىزلىگى دادا ۋە ئانا ئىككى تەرەپتىن ئورتاق بەلگىلىنىدۇ.
4. زىناق
     ئاخىرقى بىر ئالاھىدىلىك زىناق بولۇپ، مەڭزىدە زىنىقى بار ئادەملەر ئەسلىدىنلا ئاز بولغانلىقتىن، بۇ جەھەتتىن ئىرسىيەت قالدۇرۇشتا پەرق بولىدۇ. ئەگەردە ئانىنىڭ مەڭزىدە زىنىقى بولسا، ئۇنداقتا ئوغۇل پەرزەنتكە ئىرسىيەت قالىدۇ؛ ئەگەردە دادىنىڭ مەڭزىدە زىناق بولسا، ئۇنداقتا قىز پەرزەنتكە ئىرسىيەت قالىدۇ. بىراق بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ ئېھتىماللىق نىسپىتىدە پەرق بار بولۇپ، ئادەتتە ئانىنىڭ ئىرسىيەت قالدۇرۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇل پەرزەنتلەردە زىناق بار بولۇش ئېھتىماللىقى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号