فولىن كىسلاتاسى(叶酸)
فولىن كىسلاتاسى ئەڭ دەسلەپتە پالەكنىڭ يۇپۇرمىقىدىن چەككىلەپ ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن، فولىن كىسلاتاسى(
叶酸) دەپ ئاتالغان؛ ئۇ ئادەتتە ۋىيتامىن
B9 دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بىر خىل سۇدا ئىرىيدىغان ۋىتامىنلىق ماددىدۇر. فولىن كىسلاتاسىنىڭ يىلىكتىكى بالا ھۈجەيرىلەرنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رول بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە ئەگەر فولىن كىسلاتاسى كەمچىل بولسا چوڭ قىزىل ھۈجەيرە تپىدىكى قان ئازلىق كىسىلى ۋە ئاق قان دانىچىسى كېمىيىپ كىتىش كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ھىسابلىنىدۇ.
1. فولىن كىسلاتاسىنىڭ ئاساسلىق تەسىرى فولىن كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ شىكەر تەركىبى ۋە ئامىنو كىسلاتاسىدىن پايدىلىنىدىغان ۋاقتىدىكى زۈرۈر بولغان ماددا بولۇپ، بەدەن ئورگانىزىمىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىدە كەم بولسا بولمايدۇ. فولىن كىسلاتاسى ئاقسىلنىڭ مىتابولىزىملىنىشىغا ياردەملىشىپ، ۋىيتامىن
B12 بىلەن بىرلىكتە قىزىل ھۈجەيرىلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئىشلەپچىقىرىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىدە فولىن كىسلاتاسى كەم بولسا، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىنورماللىقى، يىتىلمىگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى، قان ئازلىق ۋە ئاق قان دانىچىلىرىنىڭ ئازلاپ كىتىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا فولىن كىسلاتاسى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق ماددىسىدۇر.
2. نىمە ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللارنىڭ فولىن كىسلاتاسى ئىستىمال قىلىشى لازىم بولىدۇ؟ ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، بەدىنىددە فولىن كىسلاتاسى كەمچىل بولۇپ قالسا، ھامىلىنىڭ نىرۋا نەيچىسىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىشى ۋە ھامىلە چۈشۈپ كىتىش، مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغۇلۇپ قېلىش، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە فولىن كىسلاتاسىغا بولغان ئىھتىياج زور دەرىجىدە ئېشىپ كىتىدىغانلىقى ۋە بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان ھەر خىل يىشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتات، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى، تۇخۇم سېرىقى، پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى فولىن كىسلاتاسى پىشۇرۇش جەريانىدا %80-%50 ئەتراپىدا يوقاپ كىتىدىغانلىقى سەۋەپلىك، ھامىلدار ئاياللاردا فولىن كىسلاتاسى كەمچىل بولۇش ئەھۋالى بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئالاقىدار تىببى تەتقىقات دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھامىلدار ئاياللار ھامىلدار بولۇشنىڭ بىر ئاي ئالدىدىن باشلاپ، ھامىلدار بولغان دەسلەپكى ئۈچ ئاي ئىچىدە، ھەر كۈنى تەۋسىيە قىلىنغان مىقداردىكى فولىن كىسلاتاسى قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، بوۋاقنىڭ نىرۋا نەيچىسى(
神经管)دە كەمتۈكلۈك بولۇش خەتىرىنى %70-%50 ئەتراپىدا چۈشۈرگىلى بولىدىكەن، ھەمدە بالىلاردا تۇغۇلما كىسەللىك ۋە كالپۇكى پۇچۇق قاتارلىق غەلىتە شەكىللىك بولۇپ قېلىشنىڭ، ھامىلدار ئانا ۋە بوۋاقنىڭ قان ئازلىق كىسىلى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىشقا بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللارنىڭ مۇۋاپىق تۈردە فولىن كىسلاتاسى تۇلۇقلاپ بىرىشى ناھايىتى زۈرۈردۇر.
3. ھامىلدار ئاياللار قانداق قىلغاندا ئىلمى ئۇسۇلدا فولىن كىسلاتاسى تۇلۇقلىيالايدۇ؟ فولىن كىسلاتاسى تۇلۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى ھامىلدار بولۇشتىن 3 ئاي ئىلگىرى ۋاقىتتىن باشلاپ، ھامىلدار بولۇپ بولغاندىن كىيىنكى دەسلەپكى 3 ئاي ئىچىدىكى ۋاقىتتۇر. بۇ مەزگىلدە ھەركۈنى ئەتىگەن ياكى چۈشتىن بۇرۇن، ناشتىلىق يەپ بولغاندىن كىيىن، 400 مىكروگىرامدىن تۆۋەن بولمىغان مىقداردا فولىن كىسلاتاسى تولۇقلاشنى داۋاملاشتۇرۇش كىرەك؛ ئەگەر شارائىت يار بەرسە، پۈتكۈل ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مۇۋاپىق تۈردە فولىن كىسلاتاسى تۇلۇقلاشنى داۋاملاشتۇرماق لازىم.
فولىن كىسلاتاسى تۇلۇقلاشتا، ئالدى بىلەن تەبىئى يىمەكلىكلەر ئارقىلىق تۇلۇقلاشتىن باشلىماق لازىم؛ ھايۋانات جىگىرى ۋە بۆرىكى، يىشىل يۇپۇرماقلىك كۆكتاتلار تەركىبىدىكى فولىن كىسلاتاسى ناھايىتى مول بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەۋسىيىسى بولسا، ئادەتتىكى ئاياللارنىڭ كۈندىلىك تەۋسىيىلىك تۇلۇقلاش مىقدارى 400 مىكروگىرام، ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ۋە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ بولسا كۈندىلىك تەۋسىيىلىك تۇلۇقلاش مىقدارى 800-600 مىكرگىرام ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ.
ئەمما نۇرغۇنلىغان تەركىبىدە فولىن كىسلاتاسى بار يىمەكلىكلەر كۈچلۈك نۇر ياكى كۈچلۈك ئىسىسىقلىققا يولۇققاندىن كىيىن، تەدرىجى ھالدا ئاكتىپلىقىنى يوقتىدىغان بولغاچقا، كۆپلىگەن ھامىلدار ئاياللار فولىن كىسلاتاسى تابلىتكىسىدىن پايدىلىنىپ تولۇقلاشنى ئويلىشىدۇ. ئەمما بۇ ئەھۋالدا چوقۇم ئالدى بىلەن دوختۇردىن كۈندىلىك ئىچىش مىقدارىنى سوراپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش لازىم بولىدۇ. ئادەتتە ئەڭ كۆپ تەۋسىيە قىلىنىدىغىنى بولسا، دورا ئارقىلىق ۋە يىمەكلىك ئارقىلىق تۇلۇقلاشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمى ئۇسۇلدا تۇلۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشىشتۇر.
4. فولىن كىسلاتاسىنىڭ ئەكىس تەسىرى ئادەتتە فولىن كىسلاتاسىنىڭ ئەكىس تەسىرى يوق بولۇپ، ئەمما تۇلۇقلاش مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەندە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۆزىگە ۋە قورساقتىكى ھامىلىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل زىيادە مىقداردا فولىن كىسلاتاسى تۇلۇقلىغاندا، بۇ بەدەننىڭ سىنىك قوبۇل قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ۋىيتامىن
B12 كەمچىللىكىنى يۇشۇرۇپ قالىدۇ؛ بۇندىن باشقا زىيادە مىقداردا فولىن كىسلاتاسى تۇلۇقلاش، ھامىلدار ئاياللاردىكى ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورساق ئىسىلىش، ھەتتا بەزىدە كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. تەركىبىدە فولىن كىسلاتاسى بار يىمەكلىكلەر قايسىلار؟ يىشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلار: پالەك، پەمىدۇر، سەۋزە، موگو، شىياۋ بەسەي قاتارلىقلار
يىڭى مىۋە-چىۋىلەر: ئاپلىسىن، بۆلجۈرگەن، گىلاس، بانان، لىمون، شاپتۇل، ئۈرۈك، دولانا، ئانار، ئۈزۈم، مايمۇن شاپتۇلى، نەشپۈت قاتارلىقلار؛
ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇشلارگۆشى ۋە تۇخۇم تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر: مەسىلەن كالا-قوي جىگىرى، توخۇ گۆشى، كالا گۆشى، قوي گۆشى قاتارلىق
پۇرچاق تۈرى ۋە قاتتىق پوستلىق يىمەكلىكلەر: سېرىق پۇرچاق، پۇرچاق يىمەكلىكلىرى، ياڭاق، گۈلە، كاشتان، ياۋگو قاتارلىقلار
دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر: ئارپا، بوغداي قاتارلىقلار
بۇندىن باشقا ياڭاق مېيى تەركىبىدىمۇ فولىن كىسلاتاسى بار.