ھەربىر ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ھامىلدار ئاياللاردا "بۇنى يىسەم بولارمۇ؟"، "ھامىلدار ۋاقتىمدا قايسى خىل ئۇزۇقلۇق تەركىبلىرىنى تۇلۇقلىسام بولار؟" دىگەنگە ئوخشاش غەم-ئەندىشىلەر بولۇشى مۇمكىن.
بۇنداق ۋاقىتتا، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى تەمكىن ساقلاپ، جىددىلىشىپ قالماسلىقىڭىز كىرەك! ھامىلدارلىق مەزگىلى ئاياللارغا نىسبەتەن ئالاھىدە بىر مەزگىل بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار زور مىقداردا ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاپ بەرگەندىلا، ئاندىن ھامىيلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا ھامىلە مەزگىلىدە قايسى خىلدىكى ئۇزۇقلۇقلار كەم بولسا بولمايدۇ؟
ۋىيتامىن C--سۆڭەكنىڭ ئۆسۈپ تەرەققى قىلىشىدىكى ياخشى ياردەمچى
ھامىيلىنىڭ سۆڭەك ۋە چىشىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى، قان ئىشلەپچىقىرىش سېستىمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى، تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرلۈشى...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ۋىيتامىن
Cنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ مىۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلار بولسا، ۋىيتامىن
Cنىڭ ئاساسلىق كىلىش مەنبەسى بولۇپ، ئەتىگەنلىك ناشتىدا بىر كىشىلىك مىۋە سالىتى ياكى بىر ئىستاكان مىۋە شەربىتى ئىستىمال قىلسا، ھامىلدار ئايالنىڭ ئېھتىياجىنى پۈتۈنلەي قامدىيالايدۇ.
تەۋسىيىلىك رىسالە: قېتىق ئارىلاشتۇرۇلغان مىۋە سالىتى

كىتەرلىك ماتىريال: ئالما، بانان، شاپتۇلنىڭ ھەربىرىدىن بىرتال، قېتىق، كونسىرۋا سۈتىدىن(
炼乳) مۇۋاپىق تۈردە
تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. ئالما، بانان، شاپتۇل قاتارلىق مىۋىلەرنى پاكىزە يۇيۇپ توغراپ قاچىغا سالىمىز.
2. قېتىقنى توغرىغان مىۋىنىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئاز مىقداردا كونسىرۋا سۈتى قۇيۇپ تەمىنى تەڭشىسەكلا بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئالما، بانان، شاپتۇل قاتارلىق مىۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار مول بولۇپ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىلىق ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ. ئەمما دولانا (
山楂)، كاۋاك مىۋە (
桂圆)، دۇريان(
榴莲) قاتارلىقلار ھامىلدار ئاياللارغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە زىيانلىق بولۇپ، دىققەت قىلىش لازىم بولىدۇ.
ۋىيتامىن B12 -–قان ئازلىقنى يوقىتىدىغان ياخشى ياردەمچى
ۋىيتامىن
B12نىڭ ئاساسلىق كىلىش مەنبەسى گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىك بولۇپ، ئۇ يىلىكنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتنىشىدۇ؛ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى كۈچىيىدىغان بولۇپ، ۋىيتامىن
B12 نىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشى كىرەك؛ بولمىغاندا، بۇ تۈردىكى ماددىلار كەمچىل بولۇپ قالسا، بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كىيىن قان ئازلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
تەۋسىيىلىك رىسالە: كالا سۆڭىكى شورۋىگۈرۈچى

كىتەرلىك ماتىريال: كالا سۆڭىكى 250 گىرام، گۈرۈچ 100 گىرام، ئاز مىقداردا تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. قازانغا سۇقۇيۇپ، كالا سۆڭىكىنى سېلىپ بىر سائەت قايناتقاندىن كىيىن، كالا سۆڭىكىنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
2. كالا سۆڭىكى شورپىسىغا پاكىزلانغان گۈرۈچنى سېلىپ، گۈرۈچ يۇمشاق ئېتىلغۇچىلىك قايناتساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: كالا سۆڭىكىدە ئاقسىل، كالتسىي فوسفات، سۆڭەك كوللاگىنى قاتارلىق ماددىلار مول بولۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، قان تۇلۇقلاش ۋە سۆڭەكنى چىڭىتىش ئۈنۈمى بار. ھامىلدار ئاياللار كالا سۆڭىكى شورۋىگۈرۈچىنى كۆپلەپ ئىچىپ بەرسە، كالتسىي ۋە قان تۇلۇقلايدۇ؛ بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى پاچىقىنىڭ پېيى تارتىشىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم ياخشىلايدۇ.
تەۋسىيىلىك رىسالە: قۇۋۇرغا خەيدەي ئۈگرىسى

كىتەرلىك مارتىريال: قوي قۇۋۇرغا گۆشى 150 گىرام، خەيدەي 100 گىرام، چۆپ 100 گىرام، زەنجىۋىل، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. قازانغا سۇ قۇيۇپ قايناتقاندىن كىيىن، قۇۋۇرغا گۆش بىلەن زەنجىۋىلنى بىللە سېلىپ قاينىتىمىز.
2. خەيدەينى پاكىزلىغاندىن كىيىن، قۇۋۇرغا شورپىسىغا قوشۇپ داۋاملىق قاينىتىمىز.
3. قۇرۋۇرغا گۆش بىلەن خەيدەي پىشقاندىن كىيىن، چۆپنى سېلىپ، ئازراق تۇز قوشۇپ، چۆپ پىشقاندا قاچىغا ئۇسساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: قۇۋۇرغا گۆشنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، كالتىسىي تەركىبى يۇقىرى؛ خەيدەينىڭ تەركىبىدە يۇد، فوسفور، كالىي قاتارلىق كۆپ خىل مىنرالنى ماددىلارنىڭ مىقدارى مول بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ دەلدۈش بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە ھامىيلىنىڭ سۆڭەك، ئىچكى ئەزا ۋە مىڭىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا كۆپ پايدىسى بار بولىدۇ.
فولىن كىسلاتاسى(叶酸) – بوۋاقنىڭ غەلىتە شەكىلدە تۇغۇلۇپ قېلىش خەتىرىنى ئازايتىدۇ
فولىن كىسلاتاسىنىڭ ئاساسلىق كىلىش مەنبەسى ھايۋاناتلار جىگىرى، مىۋە-كۆكتات ۋە قاتتىق پوستلۇق يىمەكلىكلەر بولۇپ، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ غەيرى شەكىلدە تۇغۇلۇپ قېلىش ۋە ھامىلدار ئاياللاردىكى قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يىتەرلىك مىقداردىكى فولىن كىسلاتاسى قوبۇل قىلىش تىز سۈرئەتتە ئۆسۈۋاتقان ھەمرىيىگە ۋە بوۋاققا نىسبەتەن ئالاھىدە مۇھىم بولىدۇ.
تەۋسىيىلىك رىسالە: توخۇ جىگىرى شورۋىگۈرۈچى

كىتەرلىك ماتىريال: توخۇ جىگىرى مۇۋاپىق مىقداردا، گۈرۈچ 100 گىرام، زەنجىۋىل، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. توخۇ جىگىرىنى يۇيۇپ توغرىۋالىمىز.
2. قازانغا سۇ قۇيۇپ گۈرۈچنى سېلىپ قاينىتىمىز؛ كەينىدىن زەنجىۋىلىنى ئەڭ كەينىدە توخۇ جىگىرىنى سېلىپ، گۈرۈچ ئېتىلىپ يۇمشاق ھالەتكە كەلگۈچە قايناتساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: توخۇ جىگىرى قان تۇلۇقلاپ، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ ھەم كۆزنى روشەنلەشتۈرىدىغان بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ؛ بۇ خىل شورۋىگۈرۈچ ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق ئوتتۇرلۇق مەزگىلىدە جىگەرگە قان يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان كۆزلىرى تورلىشىش، كىچىسى كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدۇ.
تەۋسىيىلىك رىسالە: قوي جىگىرى شورۋىگۈرۈچى

كىتەرلىك ماتىريال: گۈرۈچ 100 گىرام، قوي جىگىرى 30 گىرام، زەنجىۋىل
تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. قازانغا سۇ قۇيۇپ، گۈرۈچنى سېلىپ قاينىتىمىز.
2. قوي جىگىرى، زەنجىۋىلنى سېلىپ، چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كىيىن، كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، گۈرۈچ يۇمشاق ئېتىلغۇچە قايناتساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: قوي جىگىرىنىڭ ئادەم جىگىرىنى قۇۋۋەتلەش، قان تولۇقلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈمى بار بولۇپ، داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە قان ئازلىق، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە داۋالاشقا بولىدۇ.
يۇقىرقىلاردىن باشقا، ھامىلدار ئاياللار ئادەتتە يەنە كالتىسىي (كالتسىي تابلىتكىسى، سۈت يىمەكلىكلىرى)، سىنىك ( دېڭىز مەھسۇلاتلىرى)، تۆمۈر ( گۆش تۈرى، مىۋە-كۆكتات تۈرى) قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك، بۇنىڭدا ھامىلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتۈدىغىنىمىز، ھامىلدار ئاياللار كۈندىلىك يىمەكلىك ئىستىمالىدا تۆۋەندىكى نوقتىلارغا دىققەت قىلىشى كىرەك:
1. ئۇزۇن مەزگىل ياغ تەركىبى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم، ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشمۇ مۇۋاپىق تۈردە لايىقىدا بولۇشى كىرەك.
2. ھەركۈنى قوبۇل قىلىدىغان يۇقىرى ئاقسىل 100-90گىرام ئەتراپىدا بولۇشى كىرەك، بۇ مىقداردىن ئېشىپ كەتسە ياكى ئاز بولۇپ قالسا ياخشى ئەمەس.
3. كالستسىي تۇلۇقلاش سۈپىتىگە دىققەت قىلىش لازىم بولۇپ، ھامىلدارلىق كىيىنكى مەزگىلىگە كەلگەندە ئاندىن كالتسىي تۇلۇقلاشقا باشلايدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىش كىرەك.
4.
تۇزلۇق يىمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك، بولمىغاندا ئاسانلا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىم ئونۋىرسال كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.