ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئەرلەر نەچچە يېشىدا بالىلىق بولسا، بالىسى ئەڭ ئەقىللىق بولىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
    نەچچە كۈن ئىلگىرى مەلۇم بىر ئانا-بالىلار مۇنازىرە مۇنبىرىدە، بىر ئانىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ دىيىشىچە، بۇ ئايال ياش ۋاقتىدا ئىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىتىپ، 35ياشقا كىرىپ قالاي دىگەندە ئاندىن ئىرى بىلەن پەرزەنتلىك بولۇش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن؛ بۇ ۋاقىتتا ئۇ يۇقىرى ياشتا قورساق كۆتۈرگەن ئايال ھىسابلىنىدىغان بولغاچقا، قورساق كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىش مەزگىلى ئىنتايىن جاپادا ئۆتكەن. ئۇ مىڭ تەستە قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقان بولسىمۇ، ئەمما بوۋىقى تۇغۇلغاندىن كىيىن، تېنى ئاجىزراق بولۇپ قالغان. بۇ سەۋەپلىك ئائىلىدىكى چوڭلار ھەمىشە ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ، ئۇنى بۇنداق كىيىن قورساق كۆتۈرمەي بالدۇرلا قورساق كۆتۈرۈپ تۇغۇشىڭىز كىرەك ئىدى دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ ئانا كىيىن دوختۇرلاردىن مەسلىھەت ئالغاندىن كىيىن، ئەسلىدە بالىنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى، ئۇنىڭ تۇخۇمىغا باغلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئىرىنىڭمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلگەن. ئەگەر ئەرلەرنىڭ ئىسپىرمىسىنىڭ سۈپىتى ناچار بولسا، ئوخشاشلا تۇغۇلغان بالىنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ناچار بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
    تىببى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ ئىسپىرمىسىنىڭ سۈپىتى ئۇلارنىڭ يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەپ بارىدىغان بولۇپ، گەرچە ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى 80-70ياشلارغىچە ساقلانسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىسپىرمىسىنىڭ سۈپىتى ئىزچىل تۈردە يۇقىرى پەللىدە تۇرمايدىكەن.
1.ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ئۇزۇن ساقلىنىدۇ.
    ئادەتتە كۆرىدىغان ماتىرياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللارنىڭ تۇغۇت يېشىغا ئائىت بولغان مەزمۇنلار، ئەمما ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئائىت ماتىرياللار بەكمۇ ئاز؛ بۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشىلەر ئەرلەرنىڭ تۇغۇت يېشىغا ئائىت بىلىملەرنى بىلمەيدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئەرلەر نەچچە ياشتا پەرزەنتلىك بولسا بولىۋىرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس، ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ئۇزۇن ساقلىنىدۇ، ھەتتا ئەرلەر پەقەت ئىسپىرمىنىڭ ساغلام بولۇشى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالىسىلا، ئۇنداقتا ئۇلار ھەر ۋاقىت پەرزەنتلىك بولالايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئاساسى جەھەتتىن ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
    ئەمما بىز بىلىشكە تىگىشلىك بولغىنى، ئەرلەرنىڭ ئىسپىرمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ھاياتلىق كۈچى ئىزچىل تۈردە يۇقىرى پەللىدە تۇرمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەرنىڭ ئىسپىرمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ھاياتلىق كۈچى ئۇلارنىڭ ياش چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى بولغان پەرزەنتلىك بولۇش ۋاقتى، يەنى ئەرلەرنىڭ تۇغۇت يېشى ئادەتتە 35-25ياش ئارلىقىدا بولۇپ، بۇ ئارلىقتا ئەرلەرنىڭ ئىسپىرمىسىنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى كىلىدۇ. ئەمما ئەرلەر 35ياشتىن ئېشىپ كەتكەندىن كىيىن، ئىسپىرمىنىڭ سۈپىتى ۋە ھاياتى كۈچى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. ئەگەر ئەرلەرنىڭ ئىسپىرمىسىنىڭ سۈپىتى يۇقىرى بولمىسا، ئۇنداقتا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسى نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ قالىدۇ.
2. ئەرلەرنىڭ ئىسپىرمىسىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار
    بىرىنچى خىل ئامىل—تىمپىراتۇرا. ئىسپىرما يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا چىدىيالمايدۇ، يەنى يۇقىرى تىمپىراتۇرلۇق شارائىتتا ئىسپىرما ھايات تۇرالمايدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسپىرمىنىڭ ھايات ساقلىنىشىدىكى ئەڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرا 44 سىلتسىيە گىرادوس ئەتراپىدا بولۇپ، ئەگەر تىمپىراتۇرا 44 سىلتسىيە گىرادوستىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئەرلەرنىڭ ئىسپىرمىسىنىڭ ھاياتلىق كۈچى تۆۋەنلەشكە باشلاپ، بۇ سەۋەپلىك ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    ئىككىنچى خىل ئامىل—ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئەر كىشىلەردە تاماكا چىكىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، كىچىسى ئۇخلىماسلىق قاتارلىق يامان تۇرمۇش ئادەتلىرى ئەۋج ئالغان؛ بۇ خىلدىكى ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بولسا ئەر كىشىنىڭ ئىسپىرمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ھاياتى كۈچىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    ئەگەر ساغلام ھەم ئەقىللىق بىر پەرزەنتكە ئىرىشەي دىسىڭىز، ئاياللارنىڭ تىرىشىشى كىرەك بولۇپلا قالماستىن، ئەرلەرنىڭمۇ تۇغۇت ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق كۆرۈشى لازىم بولىدۇ. تۇغۇت ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە ئەرلەر چوقۇم يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تاشلىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号