ئەگەر سىزنىڭ مۇنچىدا يۇيۇنىۋاتقان ھالىتىڭىزنى بىرەرسى سۈرەتكە تارتىپ، دوستلار چەمبىرىكىدە تارقىتىپ يۈرسە، سىز قانداق قىلىسىز؟
ئەلۋەتتە ئاچچىقىم كىلىدۇ؛ ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن.
شۇنداق، ئەس-ھۇشى جايىدا ئادەمنىڭ ھەممىسى قورامىغا يەتكەن بىر ئادەمگە بۇنداق قىلمايدۇ. ئەمما بالىلارغىچۇ؟
يېقىندا 6 ياشلىق بىر قىز بالا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ سۈرەتلىرىنى تورغا چىقىرىش قىلمىشىغا قارىتا ئەيىبلەش ئىلان قىلغان:
"ھەقىقەتەن بەك سەت تۇرىدىكەن، بەزى سۈرەتلەر ھەتتا مىنىڭ يۇيۇنۇۋاتقان ۋاقتىمدىكى ھېچنىمە كەيمىگەن سۈرەتلەر؛ بۇنداق ھالىتىمنى ئەسلىدە ئاتا-ئاناملا كۆرەلەيدىغان بولۇشى كىرەك ئىدى، ھازىر ھەرقانداق بىر ئادەم "چىراي كىتابى" (چەتئەلدىكى ئۈندىدارغا ئوخشاش ئىجتىمائى ئالاقە قورالى) چىقسىلا، مىنىڭ ئانىدىن تۇغما ھالىتىمنى كۆرەلەيدۇ.
مىنىڭ بارلىقىم، ئۇلار تەرپىدىن تورغا چىقىرىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇنۇشلىرىنىڭ كۆرۈشىگە سۇنۇلدى. ئەمما مەن بۇنداق قىلىشقا ئەزەلدىن قوشۇلۇپ باقمىغان."
يۇقىرقىلاردىن باشقا، بۇ قىزنىڭ يەنە بىر ئېغىز سۆزى مىنى ئىچىمنى سىرىۋەتتى:
"مەن پەقەت بىر كىچىك بالا خالاس، مەن نىمىمۇ قىلالايتتىم؟ ئەسلىدە ئاتا-ئانامىنىڭ مەسئۇلىيىتى مىنى قوغداش بولۇشى، ھەرگىز مىنى توردا نام چىقىرىش قورالى قىلىۋىلىش بولۇپ قالماسلىقى كىرەك ئىدى. "
شۇنداق، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بۇ قىلمىشلار بىر ئەسلىمە ئورنىدا بولۇپ، كۆز-كۆز قىلىش، ياكى بەخىتنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلغان، ئەمما بىز ئۆزىمىزمۇ بىلىپ-بىلمەي بالىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ئازار بىرىپ قويىمىز. بىز ئەسلىدىنلا بالىلارنى قوغداشقا تىگىشلىك ئەمەسمىدۇق؟
-1-
بالىلار ھەر بىرىمىزنىڭ ئالقىنىمىزدىكى گۆھىرىمىز، ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆز-ھەرىكەتلىرى بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا خاتىرلەشكە ئەرزىيدىغان پەيتلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز سۈرەت ئاپارتى يانفون قاتارلىقلار بىلەن بۇ پەيتلەرنى خاتىرلىۋىلىپ، بەزىلىرىنى تورغا ياكى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىشنى ياخشى كۆرىمىز.
بۇ قىلمىش ئەسلىدە يامان دەپ كەتكىلى بولمايدىغان بىر ئىش بولسمۇ، ئەمما تور دۇنياسىغا قەدەم قويغان كىشىلەرنىڭ كۆپ قۇتۇبلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەسىلە ئۈچۈن يۇشۇرۇن خەۋپ ئامىلى ئېلىپ كەلدى.
ئىلگىرى مىنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئۈستىدە يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى ئويلىسام، مىنى ھازىرغىچە تىتىرەك باسىدۇ.
دوستۇم نانا كۆڭلىنىڭ شىرى بار كەلگەن ئايال بولۇپ، ئۇ ئىزچىل تۈردە بالىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى خاتىرلەپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن؛ ئۇ ھەتتا يۇمشاق دىتالدىن پايدىلىنىپ، بالا تەربىيەلەش خاتىرسى ياساپ چىققان بولۇپ، تور بوشلۇقىغا چىقارغاندىن كىيىن، ھەقىقەتەن چىرايلىق كۆرۈنگەن. ئۇنىڭ دوستلىرى بولغان بىزلەرمۇ ھەمىشە دىگۈدەك ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇپ، ئۇنى ماختاپ قوياتتۇق.

كىيىنچە بىز QQتور بوشلۇقىدىن ئۈندىدار ئىشلىتىشكە ئۆتكەندىن كىيىنمۇ، ئۇ يەنە بالىسىنىڭ سۈرەتلىرىنى تاللانما قىلىپ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىشنى توختاتمىغان ئىدى. ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ بالىسىنىڭ رەسىمىنى قايتا دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغىنىنى كۆرمىدۇق. بىر قېتىم ئۇنىڭغا تېلفون قىلىپ كۆرۈشكەندىن كىيىن، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ بالىسىنى ئالداپ ئېلىپ قاچقىلى تاسلا قالغانلىقىنى بىلدىم.
بۇنداق ئىشنىڭ ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگىنىگە خېلى ۋاقىتقىچە ئىشەنگۈم كەلمىدى، لىكىن قانۇنسىز ئۇنسۇرلار نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بالىسىغا قول سالماقچى بولۇپ قالغاندۇ؟
نانا ناھايىتى ئەستايىدىل ئانا، ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى كىچىك رەختلەرگە كەشتىلەپ، بالىسىنىڭ كىيىمىنىڭ ئۈستىگە تىكىپ قوياتتى؛ ئەمما ئۇ يەنە ئەڭ بىخۇتلۇق قىلغان ئانا بولۇپ قالغان، بالىسنىڭ سۈرەتلىرىنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان ۋاقتىدا، كىيىمىگە تىكىلگەن ئىسىمنى ئۆچۈرۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالغان.

ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە ئۇزۇنراق ۋاقىت دىققەت قىلغاندا، بالىنىڭ ئىسمى، ئەركىلەتمە ئىسمى، قايسى يەسلىدە ئىكەنلىكى، ئادىرىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. بىر قېتىم ئۇ سىمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان بولۇپ قېلىپ، مۇئەللىمگە ئۆزىنىڭ قوشنىسىنىڭ بالىنى ئالغىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بالا ئوغرىسى بالىنىڭ يەسلىسى ئەتراپىدا كۆزىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، نانانىڭ قوشنىسىنىڭ ئورنىدا بالىنى ئېلىپ كىتىشكە ئۇرۇنغان. ئاخىرىدا بالىنىڭ مۇئەللىمى بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ ناناغا تېلفون قىلىپ قايتا سورىغان ۋاقىتتىلا بالا ئالغىلى كەلگەن بۇ "قوشنىسى"نىڭ ساختا ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، بىر قېتىملىق تىراگىدىيە يۈز بىرىشنىڭ ئالدى ئېلىنغان.
بۇ ئىشلارنى ھەر بىر ئويلىغىنىدا، دوستۇم ھازىرغىچە يۈرىكى ئاغرىيدۇ؛ ئۆزىنىڭ مەقسەتسىز قىلمىشىنىڭ بالىنى خەتەرگە سۆرەپ ئاپىرىدىغىنىنى ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
-2-
بەزىدە، بىز بالىلارنى تېخى كىچىك دەپ قاراپ، يالىڭاچ رەسىمىنى تورغا چىقىرىشنى قىزىقارلىق بىر ئىش ياكى يىڭىلىق قاتارىدا كۆرىمىز. لىكىن تور دۇنياسىدا ھەر خىل ئادەملەر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نىيىتى بۇزۇق ئادەملەرمۇ ناھايىتى كۆپ؛ بەزى ئادەملەر بالىلارنىڭ رەسىمىنى چۈشۈرۋىلىپ، يامان غەرەزلىك ئادەملەرگە سېتىپ بىرىدۇ. ئەگەر بۇ سۈرەتلەر يامان غەرەزلىك ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قانۇنسىز ئىشلارغا ئىشلىتىلىپ تارقىلىپ كەتسە، كىيىنچە پۇشايماننى ئالغىلى قاچا چىقماي قالىدۇ.

بالىلارنىڭ سۈرەتلىرىنى تورغا كۆپ چىقىرىش، بىخەتەرلىك ئامىلىنى ئويلاشمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنە باشقىلارنىڭ زىرىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى بۇ بالىلارغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك.
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى تورغا چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بەزىلىرى ھەتتا بالىلارنىڭ ئىشتىنىغا سىيىپ سالغانلىقى، تاماقلارنى چېچىۋەتكەنلىكى، يىغلاپ خاپا قىلغانلىقى قاتارلىق "سەتچىلىك"لىرىنىمۇ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدۇ. ئەمما ئۇلار بالىلارنىڭ بۇ "سەتچىلىك" لىرىنى كۈلدۈرگە قاتارىدا تورغا چىقىرىش بالىلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ كەلدىمۇ يوق دىگەننى ئويلاشمايدۇ.
ئىلگىرى باشقىلار بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ "سەتچىلىك"لىرىنى سىرتقا ئاشكارىلاش قىلمىشىغا قارىتا، %20 بالا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىغىنىنى بىلدۈرگەن، %70دىن ئارتۇق بالىلار، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى ناھايىتىمۇ بەك ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن ئالغاندا، بالىلار 2 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ، مۇستەقىل ئاڭ يىتىلدۈرىدىغان بولۇپ، 3 ياشتىن كىيىن ئۇلاردا ئىزا تارتىش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ. ئەمما بالىلارنىڭ "تەسىر كۈچى" ئاجىز بولغاچقا، ئاتا-ئانىسغا قارشى تۇرالمايدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنىمۇ چۈشىنىپ يىتەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى پەقەت بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئۇلارنى بىئارام قىلىغىنىلا بولىدۇ.

بارلىق ئاتا-ئانىلار ئىلگىرى كىچىك بالا بولغان، ئەمما ئۇلار چوڭ بولغاندىن كىيىن، بالىلار بىلەن چوڭلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئويلاش نوقتىسىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغىنىنى ئۇنتۇپ قالغان. ئەمىلىيەتتە چوڭلارنىڭ نەزىرىدە ناھايىتى " ئوماق" بىلىنىدىغان بەزى سۈرەتلەر، بالىلارنىڭ قارىشىدا بولسا، ئۇلارنىڭ ئەڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە تەۋە بولغان "سەتچىلىكلىرى" ھىسابلىنىدۇ.
بىز سۈرەتلەر ئارقىلىق تۇرمۇش خاتىرسى تۇرغۇزساق بولىدۇ، ئەمما ئۇنى ئىمكان قەدەر دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارماسلىقىمىز كىرەك. چۈنكى بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكلىرىنى ئىجتىمائى ئالاقە تورلىرىغا چىقارماسلىق، ئۇلارغا بولغان بىر خىل ھۆرمەت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
-3-
مەن ئىلگىرى بىر ئاممىۋى خارەكتىرلىك ئېلان كۆرگەن:
قىزنىڭ ئانىسى كۈندە دىگۈدەك قىزىنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش، ئويناش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى يانفون ئارقىلىق خاتىرلەيدىكەن. بىر قېتىملىق يېغىلىشتا، قىزى سەھنىگە چىقىپ ئويۇن كۆرسەتمەكچى بولغاندا، ئانىسى يەنە يانفوننى قولىغا ئېلىپ، ئەھمىيەتلىك بۇ ۋاقىتلارنى خاتىرلىۋالماقچى بولۇپتۇ؛ بۇ ۋاقىتتا قىز سەھنىدە تۇرۇپ ئانىسىغا:
ئانا، يانفونىڭىزنى قويۇپ قويسىڭىز بولامدۇ؟ چۈنكى مەن ھازىر سىزنىڭ ئالدىڭىزدىلا تۇرۋاتىمەن.

ئانا قىزىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھۇشىنى تاپقاندەك بولۇپ، كۆزلىرىدىن ياشلار ئەگىتكىنىچە، بالىسىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپتۇ....
بالىلارنىڭ ھەر بىر ۋاقتى ئىنتايىن قىممەتلىك؛ ئىشىنىمەنكى ھەربىر ئانا ۋاقىتنى توختىتىپ قويۇپ، بالىسىنىڭ ھەربىر مىنۇت ۋاقتىنى خاتىرلىۋىلىشنى ئويلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇ ئويى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەسلىمە قالدۇرۇش ئۈچۈن بولىدۇ، ئەمما كىيىنچە ئۆزىمۇ بىلمەي، باش-ئاخىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. ئۇلار سىرتقى كۆرنۈشتىكى خاتىرلەشنىلا قوغلىشىپ، بالىنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئارزۇ قىلىدىغىنى ئەسلىمە بولماستىن بەلكى شۇ پەيتتىكى ھەمرا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

يېقىندا يۈز بەرگەن، بېيجىڭلىق قوشكىزەك ئاچا-سىڭىلنىڭ چىڭداۋ شەھرىدە سۇغا چۆكۈپ ئۆلۈپ كىتىش ۋەقەسى بىزگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ئاگاھلاندۇرۇش بولالايدۇ. بالىلار دېڭىز ساھىلىدە ئويناۋاتقان بولۇپ، ئانىسى ئۇلارنى سۈرەتكە تارتقاندىن كىيىن، بۇ سۈرەتلەرنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرش بىلەن ئاۋارە بولغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئىككى بالا دېڭىزغا چۈشۈپ كىتىپ، بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈ خوشلىشىدۇ.
"ئانا، مەن سىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىڭىزدە ئەمەس!"، بۇ بالىلار ئۆز ھاياتى بەدىلىگە تارقاتقان قۇتقۇزۇش سىگنالى.
بالىلارنىڭ قەلبىدە، كۆڭۈل بۆلگەن ھالەتتىكى بىر قاراش، بىر ئېغىز كۈلۈمسىرەشكە تولغان ئىلھام بىرىش، ۋاقتىدا كەلگەن بىر قېتىملىق قۇچاقلاش، نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەن بىر پارچە سۈرەتكە قارىغاندا ئىنتايىن يۇقىرى ئەھمىيەتكە ئىگە.
بالىلار بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزنى بىر يانفوننىڭ توسۇپ قويۇشىغا ئەمدى يول قويماڭ!