ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
دۇنيادىكى يېشى ئەڭ كىچىك جىنس ئۆزگەرتىش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغان بالا
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ھازىر دۇنيادا جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، نۆۋەتتىكى دۇنيادىكى يېشى ئەڭ كىچىك جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغۇچى جوسسى. رومىرو بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە بىر ئوغۇل بالا بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ئىزچىل تۈردە قىز بالا دەپ قاراپ كەلگەن.
    رومىرو ئەمدى مېڭىشنى ئۆگەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ئوغۇللار ئوينايدىغان ئويۇنچۇقنى تاشلىۋىتىپ، قونچاق ئويناشنى ياخشى كۆرەتتىكەن؛ ئۇ گەپ قىلغاندىن كىيىنمۇ تۇنجى بۇلۇپ سۆزلىگىنى "مەن دىگەن بىر قىز بالا" دىگەن بىر جۈملە سۆز بولغان، بۇندىن باشقا ئۇ يەنە ئانىسىنىڭ شارپىسىنى ئۆزىنىڭ بىلىگە يۆگىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئىكەن.
     رومىرو 6 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، دوختۇرلار ئۇنىڭدا ئىنتايىن كۈچلۈك ئىنكاس بارلىقىنى بايقىغاندىن كىيىن، رومىرونىڭ ئانىسى ئۇنى پىسخىكا دوختۇرلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغاندا، پىسخىكا دوختۇرلىرى ئۇنىڭغا قارىتا جىنىس ھۆكۈم قىلىش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ  قىز بالىغا ئايلىنىش ئىستىكىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. رومىرونىڭ ئاپىسى يولدىشى بىلەن ناھايىتى ئازابلانغان ھالەتتە مەسلىھەتلىشىپ، ئاخىرى رومىرونىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش قارارىغا كەلگەن.
    ئۇلار بالىسىنى قىز بالا قاتارىدا كۆرۈپ بېقىشقا باشلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا قىزلار ئىشلىتىدىغان ئىشكاپ قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ كىيىمىنى ئېلىپ بەرگەن؛ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئەسلىدىكى جوسىف دىگەن ئوغۇلچە ئىسمىنى ھازىرقى جوسسىي.رومىرو دىگەن قىزلارنىڭ ئىسمىغا ئۆزگەرتكەن. ھازىر جوسسىي.رومىرونىڭ سالاھىيىتى ۋە تۇغۇلۇش ئىسپاتى قاتارلىقلاردىكى جىنسىي ئايرىمىسى قىز بالىغا ئۆزگەرتىپ بولۇنغان بولۇپ، قانۇن نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر قىز بالىغا ئايلىنىپ بولغان. ئەمما ئەڭ يامان بولغىنى، ئامرىكىدىكى ھېچقانداق مەكتەپ ئۇنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان، چۈنكى جوسسىي.رومىرونىڭ تۇرمۇش جەھەتتە باشقا ئوقۇغۇچىلارغا دەخلى قىلىشىدىن ئەنسىرگەن.
    ھازىر جوسسىي.رومىرو پىسخىلوگشۇناسلارنىڭ داۋالىشىنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، كىيىنكى فىزىلوگىيىلىك جەھەتتىن جىنس ئۆزگەرتىشكە تەييارلىق كۆرۈشنى باشلىغان؛ چۈنكى قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۇ 12 ياشقا كىرگەندىن كىيىن ئاندىن جىنس ئۆزگەرتىش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرالايدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号