ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئەرلەرنىڭ ئايالىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان 6 خىل قىلمىشى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
      ئاياللار ئەرلەرنىڭ تۆۋەندىكى 6خىل قىلمىشىدىن ئەڭ بىزار بولۇپ، بۇ يەنە تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشتا ئەڭ ساقلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەردۇر؛ ئەگەر ئەرلەرنىڭ بۇ قىلمىشلىرى كۆپىيىپ كەتسە، ئاخىرى بېرىپ ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇۋىتىشى مۇمكىن.
1. ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى قايتا تىلغا ئېلىش
     ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا كونا ھىسابنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىشتىن ساقلىنىڭ، بولمىغاندا قارشى تەرەپنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى نازرازىلىقنى قوزغاپ قويىسىزدە، بۇ ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ نۇرغۇن ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىشىڭىز كىرەك، چۈنكى تۇرمۇشتا ئالدىغا قارىماق لازىمدۇر.
2. باشقا يات جىنىسلىقلار بىلەن مۇناسىۋىتى زىيادە يېقىن بولۇپ كىتىش
      توي قىلىپ بولغان ئادەمنىڭ بۇنىڭغا ماس ئاڭ قارىشى بولىشى كىرەك. باشقا يات جىنسلىقلارغا قارىتا ئارلىقنى ساقلاش، ھەر جەھەتتىن پايدىلىق.
3. "سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى" ئېلىپ بېرىش
     ئەر-خوتۇنلار ئارىسدا، جىدەللىشىپ قېلىش نورمال ئەھۋال. ئەمما جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، توختىماي سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، ھەر ئىككى تەرەپ باش ئىگىشنى خالىمىسا، ئەر-خوتۇنلۇق مىھرى بارغانسىرى سۇسلاپ، ئاستا-ئاستا بىر-بىرىنى ئۆز دۇنياسىدىن چىقىرۋىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىدارىغا گۇمان بىلەن قاراش
    ئىككى ئادەم بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەندە ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈشى كىرەك؛ ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىدىغان گەپ-سۆزلەر كۆپ بولۇپ كەتسە، قارشى تەرەپتە ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى پەيدا قىلىپ قويىدۇ؛ ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى بار ئادەم، ئادەتتە باشقىلارنى سۆيۈش ئىقتىدارىنى يوقاتقان كىلىدۇ.
5. ئۆي ئايرىپ ئۇخلاش
     كونىلاردا "ئەر-خوتۇنلار ئوچاق بېشىدا جىدەللىشىپ، كارۋاتتا يارىشىپ قالىدۇ" دىگەن گەپ بار؛ ئەگەر ئەر-خوتۇنلار جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن ئۆي ئايرىپ ئۇخلىسا، زىددىيەتنى تۈگىتىشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغان بولىدۇ. ئەگەر ئۆي ئايرىپ ئۇخلاشنىڭ ۋاقتى ئۇزىراپ قالسا، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھېسيات ئالماشتۇرۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، قايتا بىر يەرگە كىلىپ ئۇخلىشى تەسكە توختايدۇ.
6. قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇغ-تۇققانلىرىغا تىل تەككۈزۈش
     ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا مەيلى گەپ تەگىشىپ قېلىش بولسۇن ياكى جىدەللىشىپ قېلىش بولسۇن، ھەرگىز قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇغ-تۇققانلىرىنى چىشلەپ تارتماڭ، ئۇلارنى ھۇجۇم ئوبىكتى قىلىۋىلىشتىن تېخىمۇ ساقلىنىڭ. سىز ئۆزىڭىزنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ، بۇ خىلدىكى گەپلەر ئېغىزدىن چىقىپ كەتسە، ئادەمنىڭ يۈرىكىنى يارا قىلىدۇ.
      ياخشى كۆرۈشۈش ئاسان ئەمەس، تويلىشىش مۇھەببەتنى مەڭگۈلۈككە ئۆزگەرتىدىغان ئۇسۇل تېخىمۇ ئەمەس؛ ھەر بىر بۆلەك ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتى ۋە مۇھەببەت ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى يۈرگۈزۈشىگە، بىر-بىرىنى قەدىرلىشىگە ئېھىتياجلىق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号