ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلار مىڭىسىنىڭ يىتىلىشى ياخشى بولماسلىقنىڭ ئالامەتلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
      بوۋاقلاردا تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل غەلىتە ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇ، بوۋاقلارنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ، ئاتا-ئانىلار دىققەت قىلىشى كىرەك!
1. ھەرىكەت تۇسالغۇسى
    بۇ خىل ئالامەت ئاساسلىقى 4ئايلىق بولغاندا بېشىنى مۇقىم تىكلىيەلمەسلىك، دۈم ياتقان ھالىتىدە كاللىسىنى كۆتۈرۈشى 90گىرادوسقا يەتمەسلىك، 6ئايلىق بولغاندا قولىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەرسە تۇتالماسلىق، 8ئايلىق بولغاندىمۇ ئولتۇرىشى تۇراقلىق بولماسلىق، 14 ئايلىق بولغاندىمۇ ئۆزى مۇستەقىل ھالدا ئۆرە تۇرالماسلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى بوۋاقلار ئوخشاش ياشتىكى نورمال بوۋاقلارغا قارىغاندا ھەرىكەت ئىقتىدارى نىسبەتەن تۆۋەن، ھەرىكەتنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىمۇ نىسبەتەن ناچار كىلىدۇ. ھەرىكەت تۇسالغۇسى دەرىجىسى نىسبەتەن يىنىكرەك كەلگەن بوۋاقلارنىڭ پۇت-قولىنىڭ ھەرىكىتى ماسلاشمايدۇ، نىسبەتەن كالامپايراق كىلىدۇ؛ ھەرىكەت توسالغۇ دەرىجىسى نىسبەتەن ئېغىرراق كەلگەن بوۋاقلارنىڭ بولسا ئىككى قولىدا بىرنەرسە تۇتالماسلىق، ئىككى پۇتىدا نورمال ماڭالماسلىق، ئۆزى ئۆرىلەلمەسلىك، ئۆزى ئورنىدىن تۇرالماسلىق ۋە ئۆزى ئولتۇرالماسلىق، يىمەكلىكلەرنى ئۆزى چايناپ يۇتالماسلىق قاتارلىق كونكىرتنى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
2. ئەقىل ئىقتىدارى توسالغۇسى ۋە سىزىم توسالغۇسى
     چوڭ مىڭە تەرەققىياتى ياخشى ئەمەس بارلىق بالىلارنىڭ ئىچىدە، ئەقلى ئىقتىدارى نورمال بالىلار تۆتتىن بىر قىسىمنى ئىگەللەيدۇ؛ ئەقلى ئىقتىدارى يىنىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدە يىتىشمەيدىغان بالىلار تەخمىنەن ئىككىدىن بىر قىسىمنى ئىگەللەيدۇ؛ ئەقلى ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە يىتىشمەيدىغان بالىلار بولسا تۆتتىن بىر قىسىمنى ئىگەللەيدۇ. سىزىم توسالغۇسى بار بىمارلار كۆپىنچە غىدىقلاشقا زىيادە سەزگۈر ياكى ئىنكاسى يوق بولىدۇ.
3. مۇسكۇل كېرىلىش كۈچىنىڭ غەيرى ئۆزگىرىشى
      بۇ ئاساسلىقى ئىككى جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
    بىرىنچى خىلى مۇسكۇل كېرىلىش كۈچى ئېشىپ كىتىش. بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرى، سىز ئۇنىڭغا تىگىپ سالسىڭىزلا سىزگە كۈچلۈك تەسىر كۈچى قايتۇرىدىغان ئەھۋاللارغا ئۇچرىغان؛ ئادەتتە زاكا ئالماشتۇرۇش ياكى كىيىم كەيگۈزۈش قىيىنغا توختىغان. بۇ يەردە ئېيتىلغان تەسىر كۈچى قايتۇرۇش، بۇ بىر ياخشى بولمىغان ھادىسە بولۇپ، بۇنداق بوۋاقلارغا تىگىپ سالسىڭىزلا سىزگە قارشىلىق كۈچى قايتۇرىدۇ، قارشىلىق تۈگىگەندىن كىيىن ئۆزىچىلا بوشاپ قالىدۇ. بۇ خىلدىكى بالىلاردا، يۆلەپ ئۆرە تۇرغۇزغاندا پۇتنىڭ ئۇچىدا تىرەپ تۇرىدىغان، ئىككى پۇتىنى بىر-بىرىگە كىسىشتۈرۈپ "قايچا" شەكىلدە قەدەم ئالىدىغان، سەكرەشنى ياخشى كۆرىدىغان ئالامەتلەر كۆرلىدۇ. بۇنداق ئالامەتلەر ئادەتتە بىرەر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۆزلىگىدىن ئوڭشىلىپ كىتىدۇ، ئەگەر ۋاقىتدا ئوڭشالمىسا، بوۋاقلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈپ، دەسلەپكى باسقۇچلۇق مۇداخىلە داۋالاش ئېلىپ بېرىش كىرەك.
    ئىككىنچى خىلى بولسا مۇسكۇل كېرىلىش كۈچى تۆۋەنلەپ كىتىشتۇر. بۇ ئاساسلىقى ئىككى پۇتىنى ئاجرىتىپ كېرىسە، ئىككى پۇتى ئارىسىدىكى بۇلۇڭ 180گىرادوسقا يېقىنلىشىپ قالىدىغان ھالەتتە ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، ئىككى پۇتى ناھايىتى يۇمشاق، پىشىرۇلغان چۆپكە ئوخشايدۇ، قارشىلىقى بولمايدۇ؛ ئولتۇرغان ۋاقتىدا پۈتكۈل بەدىنى پۇتىغا چاپلىشىپ، "پاقا" شەكىللىك بولۇپ قالىدۇ؛ ئەگەر بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا دوختۇرغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈش كىرەك.
4. سىرتقى قىياپەت ھالەتلىرىدە غەلىتىلىك كۆرلۈش
     بۇ خىلدىكى غەلىتە قىياپەت ھالەتلىرى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بوۋاقلارنىڭ ئىككى چوڭ بارمىقى، بوۋاقلار تۆت ئايلىق بولغاندىن كىيىن، ھەمىشە ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش سىرتقا قاراپ ئېچىلماي، ئالقىنى تەرەپكە قاراپ تۇرسا؛ 6-5ئايلىق بولغان ۋاقىتتا نەرسە-كىرەكلەرنى قولىنىڭ نورمال قىسمىدا تۇتماي، ئالقىنىنىڭ كەينى تەرپىدە تۇتسا؛ ئىككى مۈرىسى ھەمىشە كەينىگە قاراپ يېغىلىپ، 4 ئايلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، دۈم ياتقان ۋاقتىدا ئىككى قولىنى كۆكرەك قىسمىدا تۇتالماي، بەدىنىنىڭ ئىككى يېنىدا قويۇپ ياتسا؛ ئۇنى قۇچاقلاپ كۆتۈرگەن ۋاقتىمىزدا ئىككى قولىنى بىر يەرگە ئەكەلمىكى تەس بولسا، ياكى چاۋاك چالمىقى قىيىن بولسا؛ 7 ئايلىق بولغاندىن كىيىن، بىلىنى تىك تۇتالمىسا ياكى ئولتۇرغان ئورنىدا كەينىگە ئۆرۈلۈپ كەتسە؛ 10 ئايلىقتىن كىيىن، يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزغاندا ھەمىشە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرسا، ئىككى پۇتىنى كىسىشتۈرۈپ قەدەم ئالسا.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号