ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىسىنى سالامەت تۇغۇش ئۈچۈن جېنىنى دوغا تىككەن ئانا!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
     يۇقىرى ياشلىق ھامىلدار ئايال چېن خانىم، ھامىلدار مەزگىلىدە كىسەل بولۇپ قېلىپ، ھامىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇزۇن مەزگىل قان ئۇيۇشۇشقا قارشى تۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلەتكەن؛ ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، بۇ ئامال ھامىلىنى سالامەت ساقلاپ قالغان بىلەن، ئانا جېنىدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالغان.
     8-ئاينىڭ 20-كۈنى، 37 ياشلىق چېن خانىم ئىككىنچى بالىنى تۇغۇش جەريانىدا، تۇغۇتتىن كىيىنكى چوڭ كۆلەملىك قان كىتىش كۆرۈلگەن؛ چىقىپ كەتكەن ئومۇمى قان مىقدارى 3300مىللىلىتىر بولۇپ، قورامىغا يەتكەن بىر ئادەم بەدىنىدىكى ئومۇمى قاننىڭ مىقدارىغا يېقىنلىشىپ قالغان؛ ئاخىرىدا دوختۇرخانىدىكى دوختۇر سېستىرالارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، چېن خانىم خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغان.
     ئۇ كۈنى كەچتە، چېن خانىم مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئىككىنچى بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، تۇيۇقسىز چوڭ قان كىتىش كۆرۈلۈپ، بىر قېتىمدىلا 400مىللىلىتىردىن ئارتۇق قان چىقىپ كەتكەن. چېن خانىمنىڭ كىسىلى تۇيۇقسىز ھەم خەتەرلىك بولۇپ، دوختۇرلار شۇ ھامانلا جىددى قۇتقۇزۇش لاھىيىسىنى قوزغىتىپ، دەرھال تۇغۇت بۆلۈم مۇدىرىغا ئوقتۇرۇش قىلغان.
     ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، چېن خانىم ھامىلدار مەزگىلىدە كىسەل بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ كىسىلى بالىسىنىڭ چۈشۈپ كىتىش خەتىرىنى يۇقىرلىتىۋىتىدىكەن؛ بۇ سەۋەبلىك چېن خانىم ھامىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇزۇن مەزگىل ئاسپىرىن قاتارلىق ئۇيۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى ئىشلەتكەن؛ يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئەسلىدە 39 ھەپتە بولغاندا ئوپىراتسىيە قىلىپ بالىنى ئېلىش پىلانلانغان بولۇپ، ئوپىراتسىيەدىن بۇرۇن دورىنى توختىتىشنى ئويلاشقان.
     ئەمما ئۆيدىكى پىلان سىرتقا توغرا كەلمەپتۇ دىگەندەك، چېن خانىم 37ھەپتە 3كۈن بولغاندا تولغىقى تۇتۇپ، تۇغۇشقا تەييار بولغان...
     6سائەتتىن ئارتۇق جىددى قۇتقۇزۇشتىن كىيىن، سەھەر سائەت 3 ئەتراپىدا، چېن خانىمنىڭ قان كىتىش ئەھۋالى كونتىرول قىلىنىپ، قان بېسىمى ۋە قان رەڭ ماددىسى ئەسلىگە كىلىشكە باشلىغان، دۇختۇرلار ئۇنىڭ بالىياتقۇسىنى ساقلاپ قالغان.
     بىر ئانا قورساقتىكى بالىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئۇنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا بۇدۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىككەن؛ ئىشىنىمەنكى دۇنيادىكى ھەر بىر ئانا ئۆز پەرزەنتىگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىھىرلىك كىلىدۇ. شۇڭلاشقا دوستۇم ئانىڭىزنى قەدىرلەڭ! ھازىرلا ئۇنىڭغا تېلفون قىلىپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراڭ، ئۇنىڭغا ئۇنى سېغىنغانلىغىڭىزنى ئېيتىڭ! قوللىرىڭىزدىكى ئىشلىرىڭىزنى تۈگىتىپ ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، سىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاشۇ قوللىرىغا سۆيۈڭ! سىزگە بەرگەن تەڭدىشى يوق مىھىر-مۇھەببىتى ئۈچۈن، بىر ئۆمۈر مىننەتدار بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号