ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلار سۈت ئىچىشنى خالىمىسا قانداق قىلىش كىرەك؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
      بالىلاردا سۈت ئىچىشنى خالىمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار جىددىلىشىپ قالماي، سەۋەبىنى ئىزدەپ بېقىشى كىرەك. ئادەتتە بالىلارنىڭ سۈتتىن زىرىكىش ھىس قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تەرەپلەردىن بولىدۇ.
     فىزىلوگىيىلىك ئامىللار: ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن بالىنىڭ بەدەن ھالىتىدە ئۆزگىرىش بارمۇ-يوق، كىسەل بولۇپ قېلىش ئالدىدا تۇرۋاتامدۇ يوق دىگەن ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىپ، بالىلاردا قۇسۇش، قەۋزىيەت، قورساق كۆپۈش ياكى ئىچى سۈرۈش، قىزىش قاتارلىق ئەھۋاللار بارمۇ-يوق كۆزىتىپ بېقىش لازىم؛ ئەگەر بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بولسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ كۆرسىتىش كىرەك.
    مۇھىت تەسىرى: يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بالىلارنىڭ فىزىلوگىيىلىك يىتىلىشى ۋە سىزىم ئەزالىرىمۇ بارغانسىرى مۇكەممەلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ؛ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا قارىتا قىزىقىش پەيدا بولۇپ، ئويناش ئۈچۈن زىھنى چىچىلىپ سۈت ئىچمەيدىغان ئېھتىماللىقمۇ بار بولىدۇ. سۈت ئىچىشنى خالىماسلىق بالىغا ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغان بولۇپ، ئەگەربالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى نورمال ھەمدە باشقا غەلىتە، بىنورمال ھادىسە كۆرۈلمىگەن بولسا، ئۇنداقتا بالىلاردىكى بەزىبىر فىزىلوگىيىلىك بىئاراملىقلار( مەسىلەن، ئەمدى ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇپ بولغان ۋاقىت، چىش چىقىش مەزگىلى، يەل كۆپۈش قاتارلىق) سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان سۈت ئىچىشنى خالىماسلىق ئەھۋاللىرى ئادەتتە نەچچە كۈن داۋاملىشىپلا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ، بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلار ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ئەھۋالى ياخشىلانماي، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرىكەتچانلىقى ناچارلىشىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇ خىل ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار بالا كىسەل بولۇپ قېلىش ئالدىنقى مەزگىلىدە تۇرۋاتامدۇ يوق، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ قالغان ياكى مىكرو ئىلمىنىتلار كەمچىل بولۇپ قالغان ئەھۋاللار بارمۇ يوق دىققەت قىلىشىمىز ھەمدە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىز كىرەك.
      پىسخىكىلىق ئامىللار: بالىلار تۇغۇلغاندىن باشلاپ ھەر كۈنى ئىچىدىغىنى ئوخشاش بىر خىل يىمەكلىك بولغاچقا، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، سۈت ئىچىشتىن يىرگىنىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىشى مۇمكىن؛ بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلارغا ئەسكەرتىش بىرىۋاتقىنى بولۇپ، ئۇنىڭغا باشقا يىمەكلىكلەرنىمۇ يىگۈزۈشىڭىز كىرەك. بالىلارغا مۇۋاپىق تۈردە سۇيۇق يىمەكلىكلەرنى يىگۈزسەك، ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كىلىدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ روھى كەيپىياتى ياخشى، ھەرىكەتچانلىقىمۇ ياخشى بولۇپ، پەقەت ئىشتىھاسى سەل ئازلاپ قالغان بولسا، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.
        تۆۋەندەك كۆپچىلىككە بەزىبىر كونكىرتىنى تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
       1. سۈت پاراشوكىنى خالىغانچە ئالماشتۇرماڭ. ئەگەر فىزىلوگىيىلىك جەھەتتىن بولسا، پەقەت بالىنىڭ روھى كەيپىياتى ياخشى بولسىلا ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ مەجبۇرى ئىچكۈزمەڭ، ئېھتىياجىغا قاراپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
        2. سۈت ئىچىشنى خالىماسلىق سەۋەبىگە قاراپ، ئىچكۈزۈشنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. ئىچكۈزۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشتىن باشلاپ، نىسبەتەن خالىغانچە كەلگەن ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئەسلىدىكى مىقدار بويىچە ئىچۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ مىقدارى ئاز قېتىم سانى كۆپ بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، بالا ئىچىشنى خالىغاندا ئۇنىڭغا ئىچكۈزسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر كىسەللىك سەۋەبىدىن ياكى قەۋزىيەت سەۋەبىدىن بولغان سۈت ئىچىشنى خالىماسلىق بولسا، ئۇنداقتا ئىچكۈزۈشنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىشىڭىز، مىۋە شەربىتى ۋە سۇ تەركىبى تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىپ، زىيادە ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرلۈشىنى ئازايتىپ، تۈرىنى كۆپەيتىشىڭىز كىرەك.
        3. مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك. زىيادە كۆپ ئاۋاز ۋە مەنزىرلەرنىڭ بالىنىڭ تاماق يىيىشىنى غىدىقلىشىدىن ساقلىنىشىڭىز كىرەك؛ ياخشى بولغان تاماق يىگۈزۈش مۇھىتى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشىڭىز، ئەڭ ياخشىسى جىمجىت مۇھىتتا تاماق يىگۈزۈشىڭىز كىرەك.
       4. ئىمىزگىنىڭ ماس كەلگەن كەلمىگىنىگە دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك. بەزى بالىلارنىڭ سۈت ئىچىشنى خالىماسلىقى بەلكىم ئىمىزگىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئىمىشكە ماس كەلمىگەنلىكى سەۋەپلىك ئوڭۇشلۇق سۈت ئىچەلمىگەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن؛ ئەگەر بۇ سەۋەپتىن بولسا، ئۇنداقتا ئىمىزگىنى ئالماشتۇرىشىڭىز كىرەك.
     5. مۇۋاپىق تۈردە قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى قوشۇپ يىگۈزۈشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. بالىلار 4 ئايلىقتىن ئاشقاندىن كىيىن، ئاستا-ئاستا قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى يىگۈزۈشكە باشلىسىڭىز بولىدۇ، بولۇپمۇ سۈت ئىچىشنى خالىمىغان مەزگىلدە، يىڭى قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ؛كەينى-كەينىدىن كۆكتات ئەزمىسى ۋە مىۋە ئەزمىسى يىگۈزسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئازدىن كۆپىيىش، سۇيۇقتىن قوياغلىشىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشىڭىز، يەنىلا سۈتنى ئاساسى ئورۇندا قويىشىڭىز كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号