ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى نىمە ئۈچۈن ئاسانلا ئاجىزلاپ كىتىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
     بالىڭىز ھەر قېتىم سىزنىڭ يانفونىڭىزنى تالىشىپ ئوينىغان ۋاقتىدا، سىز ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلاپ، يېقىننى كۆرەر كۆز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ باققانمۇ؟
    سىز ھەرگىز يالغۇز ئەمەس، ھازىر بالىلارنىڭ كۈرۈش قۇۋۋىتى توغرىسىدا گەپ چىقىپ قالسىلا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى قىزغىن مۇزاكىرىگە چۈشۈپ كىتىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە ئاتا-ئانىلار ئەڭ كۆپ ئەنسىرەيدىغان مەسىلىلەر تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتىغا يېغىلغان:
     بىرىنچى: تېلىۋىزور ياكى باشقا ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەش؛
     ئىككىنچى: كىچىك بالىلار رەسىملىك كىتاپ كۆرگەن ياكى ئويۇنچۇق ئوينىغان ۋاقتىدا، بېشىنى يانتۇ تۇتىۋىلىشى ياكى كۆزىگە يېقىن ئەكىلىۋىلىشى؛
    ئۈچىنچى: ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزلىرى يېقىننى كۆرەر كۆز كىسىلى(近视眼) بولسا، ئۇنداقتا بالىلىرىنىڭمۇ كەلگۈسىدە يېقىننى كۆرەر كۆز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشى؛
     بۇ ئۈچ مەسىلە ھەقىقەتەنمۇ بىر مەسىلە.
     1. 2017-يىلى دۆلىتىمىزدىكى 6ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ، ھەركۈنى ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدىغان ۋاقتى ئوتتۇرىچە 2-1.5 سائەت ئەتراپىدا بولغان. بالا ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلات ئوينايدىغان ۋاقىت ئۇزۇن ھەم كۈچلۈك بولسا، ئۇزۇن مۇددەت ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتتىكى كۆك نۇر بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ھەقىقەتەن بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يىتىلىشىگە زىيان ئېلىپ كىلىدۇ. ئەمما ھازىر چوڭ-كىچك كوچىلارنىڭ ھەممىسىدە ئىكرانلار نۇرغۇن، شۇڭلاشقا بالىلارغا قارىتا ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر بالىلارنىڭ ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلات ئىشلىتىشىنى قانداق قىلىپ، ئىلمى ھەم مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا بۇسەۋەپلىك بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ئېلىپ كەلگەن زىياندىن قانداق ساقلىنىش دىگەن مەسىلىلەر، ئاتا-ئانىلار بىلىشكە تەقەززا بولۇپ كىلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان.
    2. بالىلار 3-2ياش ۋاقتىدا، رەسىملىك كىتاپ كۆرگەن ۋاقتىدا ھەمىشە كاللىسىنى يانتۇ تۇتىۋالسا ياكى كۆزىگە يېقىن ئەكىلىۋالسا، كۆرۈش قۇۋىتىدە مەسلە بولامدۇ يوق دىگەن مەسىلىدە، بىزنىڭ جاۋابىمىز: ئېھتماللىققا ناھايىتى يېقىن.     ناھايىتى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن شۇنى ئېيتىشقا بولىدۇكى، بېشىنى يانتۇ تۇتىۋىلىش، دىققىتنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك قىلمىشلىرىنىڭ كەينىگە، ئېغىر بولغان كۆز قىسىم كىسەللىكلىرى يۇشۇرۇنغان بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. بۇ ۋاقىتتا بەزى ئاتا-ئانىلار سورىشى مۇمكىن: مىنىڭ بالام تېخى كىچىك، كىتاپنىمۇ كۆپ كۆرۈپ كەتمەيدۇ، قانداقسىگە ئېغىر بولغان كۆز قىسىم كىسەللىكلىرى بار بولسۇن؟
     2016-يىلىغىچە كەلگۈچە، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 20مىليۇن ئەتراپىدىكى بالىلاردا، ۋاقتىدا داۋالاشقا ئىرىشەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن، قايتۇرۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. بۇخىلدىكى كۆز قىسىم كىسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى، ئەمىلىيەتتە بالا 3ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت قىلمىشلىرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق بايقىۋىلىشقا بولىدىغان بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا بايقالسا، پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىنچىلىكى بار بولىدىكەن.
     ئەمما ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ھەقتە ئازراقمۇ ساۋاتلىرى بولمىسا، بالىلارنىڭ كۆزىگە قارىتا كونكىرتنى ھۆكۈم چىقىرالماي قالىدۇ. بۇ سەۋەپلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىش ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىپ قالسا، مەيلى بالىغا بولسۇن ياكى پۈتكۈل ئائىلىگە بولسۇن، ئېغىر دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كىلىدۇ. سىز بەلكىم بۇ كىسەللىكلەرنى ئۆزىڭىزدىن ناھايىتى يېراق دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن؛ بىراق %10ئەتراپىدىكى ئېھتىماللىق بولسىمۇ، بىر ئائىلىگە يولۇقۇپلا قالسا %100تىراگىدىيىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ.
     3. ئاتا-ئانىلاردا يېقىننى كۆرەر كۆز كىسىلى بار بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا ئىرسىيەت قالامدۇ يوق دىگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇنىڭ جاۋابى: شۇنداق، ئىرسىيەت قالىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ يېقىننى كۆرەر كۆز كىسىلى بار بولسا، مەيلى گىرادوس سانى يوقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، دىققەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ؛ چۈنكى بۇ خىل ئەھۋالدا سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ يېقىننى كۆرەر كۆز كىسىلى بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى 5-3ھەسسە ئېشىپ كىتىدۇ. بۇندىن باشقا ئاسىيا قىتئەسىدە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆز ئوقى نىسبەتەن ئۇزۇن كەلگەچكە، ئامىرىكا-ياۋرۇپا قىتئەسىدە ياشايدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا، تېخىمۇ ئاسان يېقىننى كۆرەر كۆز كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. يۇقارقى ئۈچ مەسىلە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەشۋىشلىنىش تۇيغۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ئۇنداقتا بالىڭىزغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان سىز، بالىڭىزنىڭ يېقىننى كۆرەر كۆز كىسىلى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا باشلىدىڭىزمۇ يوق؟
      ئالدى بىلەن بىز پەرەز قىلىپ باقايلى، سىز بىلىدىغان كۆز ئاسراش ھەققىدىكى بىلىملەردىن قايسسى بار؟ بۇ ئۇسۇللارنىڭ ئىلمى ئاساسى بارمۇ يوق؟
          ۋىيتامىن A ۋە ۋىيتامىن D، بىلىق مېيى قاتارلىقلار يېقىننى كۆرەر كۆز بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ؛
          مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ، كۆز ئاسراش لامپۇچكىسى سېتىۋىلىشقا ئەرزىيدۇ؛
          سايە تاشلاش ماشىنىسى(投影仪) كۆك نۇر تارقاتمىغاچقا، كۆزگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ؛
          تىك-تاك توپ ئويناشنىڭ بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى چېنىقتۇرۇشقا پايدىسى بار؛
          بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى ئەمەس، ئەمما كۆز ئەينەك تاقاشتىن قورققاچقا، دۇختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش قىلمىدۇق.
     نۇپۇزلۇق كۆز كىسەللىكلىرى دوختۇرلىرىدىن مەسلىھەت ئالغاندىن كىيىن، بىز يۇقارقى ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، بۇ ئۇسۇللار ھەتتا بالىنىڭ داۋالىنىش ۋاقتىنى كىچىكىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
    بەزىبىر ئاتا-ئانىلار، بالا ھازىر تېخى كىچىك، كۆرۈش قۇۋۋىتى مەسىلىسىنى چوڭ بولغاندا ئويلىشىش كىرەك دەپ قارايدۇ. ئۇلار ياۋرۇپا قاتارلىق تەرەققى تاپقان ئەللەردە، بالىلار تۇغۇلۇشىدىن باشلاپ پۈتكۈل كۆز قىسىم تەكشۈرۈلىشى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ھەمدە بالىلار 3ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم مۇقىم بولغان كۆز قىسىم تەكشۈرىشىنى قوبۇل قىلىدىغىنىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى كۆپ قىسىم كۆرۈش قۇۋۋىتى مەسىلىلىرى بالىلار كىچىك ۋاقىتتىلا بايقىلىپ چىقىدىغان ھەمدە داۋالاپ ساقايتىشقا بولىدىغان بولۇپ، يېقىننى كۆرەر كۆز كىسىلىنى بالىلار كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئالدىنى ئېلىشنى باشلاش كىرەك.
    ئارىمىزدا بەزىبىر غەلىتە ئەھۋاللار بار بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار 5-4ياشلاردىكى بالىلىرىنى ئاۋۋال كۆزەينەك دوكانلىرىغا ئاپىرىپ، كۆزەينەك ئېلىپ تاقاتقاندىن كىيىن، ئاندىن دوختۇرغا كۆرسەتكىلى ئېلىپ كىلىدىكەن. بۇ باش ئاخىرى ئالمىشىپ قالغان بىر ئەھۋال بولۇپ، بەزىدە نەچچە كۈن دورا تېمىتىپ قويسا ئوڭشىلىپ كىتىدىغان ساختا خارەكتىردىكى يېقىننى كۆرەر كۆزنى ئېغىرلىتىپ، ھەقىقى خارەكتىردىكى يېقىننى كۆرەر كۆز كىسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
    كۆز قىسىم ساغلاملىقى يۇقىرى تېخنىكىلىق بىلىم تەلەپ قىلىدىغان، زىيادە سەزگۈر ۋە ئىنچىكە كەلگەن مەسىلە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئەتراپتىكى ئادەملار ياكى توردا مەسلىھەت بىرىدىغانلارنىڭ سۆزلىرىگە قولاق سالماي، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ، قەرەللىك ھالدا نوپۇزلۇق كۆز كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىلىرىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى ھەمدە دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۈندىلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاسراش ئېلىپ بېرىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号