ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ۋاپاسىز بولۇپ قېلىشىنىڭ 4 خىل بىشارىتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغىنى: "بالام، ئۆيدىكى ياخشى يىمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى سىنىڭ!"، "جېنىم قوزام، سەن ئۈچۈن مەن ھەممىنى قۇربان قىلىشقا رازى"، "سەن پەقەت ياخشى ئۆگىنىشكىلا مەسئۇل بولساڭ بولدى، قالغان ئىشلارغا بىز بار!"...
    ئۇلار بۇنى بالىلارغا ياخشى بولسۇن ئۈچۈن دەپ قارايدۇ، ئەمما ئۇلار بۇنداق كىتىۋەرسە، بالىلار ئۆزى خالىغانچە ئىش كۆرۈپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىغا يىتىشنى بىلمەيدۇ. بالىنى ۋاپادار قىلىپ تەربىيىلەشتە، ئاتا-ئانىنىىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بەزىبىر سۆز-ھەرىكەتلىرى بالىنىڭ ۋاپاسىز چوڭ بولۇپ قېلىشىنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇلار خاتا ئۇسۇلدا بالا تەربىيەلەپ، بالىنى ۋاپادارلىقتىمۇ تەربىيەلەش كىرەكلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. ئەگەر بالىلاردا تۆۋەندىكى تۆت خىل قىلمىش كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار ۋاقتىدا تۈزىتىپ، يىتەكلەش ئېلىپ بېرىشى كىرەكتۇر.
1. ئاتا-ئانىسىغا خالىغانچە گەپ ياندۇرۇپ، ئۇلارنى خاپا قىلىش
     ئاتا-ئانىسىغا گەپ ياندۇرۇش، ئاتا-ئانىسىنى خاپا قىلىپ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈش، ۋاپاسىز بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۈرلىدىغان ئالامەتنىڭ بىرى. ھازىر نۇرغۇن بالىلار ھەممىسى يالغۇز پەرزەنت بولغاچقا، چوڭلار ئۇلار نىمە دىسە شۇنىڭغا كۆنىدۇ ھەمدە ئۇلارنى بەكمۇ ئەركىلىتىۋىتىدۇ. ئەگەر بىرەر قېتىم ئۇلارنىڭ تەلىپى ئورۇندالماي قالسا، ئۇلار ئاتا-ئانىسغا گەپ ياندۇرۇپ، ئۆزى خالىغاننى قىلىدۇ.
     ئىش ئۇقمايدىغان ئۇنداق بالىلارنىڭ ئادەتتىكى سۆز-ھەرىكەتلىرىدە، ئاتا-ئانىسىغا بولغان ھۆرمەت ۋە تۈزۈت قىلىش دىگەنلەر بولمايدۇ، ھەتتا قەستەن ئاتا-ئانىسى دىگەننىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرىدۇ، بىردىنبىر مەقسىتى ئاتا-ئانىسىنى ئاچچىقلىتىش بولىدۇ.
     ئەگەر بالىلار سىزگە گەپ ياندۇرۇشنى باشلىسا، ئاتا-ئانىلار ئۆز-ئۆزىنى ياخشى تەكشۈرۈشى، ئۆزىنىڭ ياخشى قىلمىغان يەرلىرى بارمۇ يوق ئوبدان ئويلىنىشى كىرەك. ئەگەر بالىلار راستلا خۇيى تۇتۇپ شۇنداق قىلغان بولسا، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا يىتەكچىلىك قىلىشنى باشلاپ، ئۇلار بىلەن سۇغۇققانلىق بىلەن ياخشى پاراڭلىشىشى، ئۇلاردىن نىمىشقا خوشال ئەمەسلىكىنى كۆپرەك سورىشى، ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۆزلىرى بىلەن قارشىلىشىدىغىنىنى ياخشى ئىنىقلاپ، ئۇلارنىڭ روھى كەيپىياتىنى توغۇرلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىشى كىرەك.
2. مىننەتدار بولۇشنى بىلمەسلىك
       بىز ھەمىشە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىمىز:

       تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن، بالىلار قاچىسىنى تاشلاپ قويۇپلا تىلىۋىزور كۆرگىلى ياكى ئوينىغىلى چىقىپ كىتىدۇ، ئاتا-ئانىلىرى بولسا قاچىلارنى يېغىش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ.
       ئۆيدە ياخشى يىمەكلىكلەر بولسا، ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بالىلىرىنىڭ تېتىپ بېقىشىغا قالدۇرىدۇ، ئەمما بالىلار ئاساسەن ئاتا-ئانىسىنى ئاۋال تېتىپ بېقىشقا ئۈندىمەيدۇ.
       بالىلار كىسەل بولۇپ قالسا، ئاتا-ئانىلار ئۇنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالىدۇ؛ ئەمما ئاتا-ئانىلار بىئارام بولۇپ قالسا، بالىلار ئاساسى جەھەتتىن كارى بولمايدۇ ياكى بىلمەس بولۇۋالىدۇ.
         .....
      بۇنداق ھالەتتە چوڭ بولغان بالىلار، ئائىلىدىكىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئاسرىشىغا كۆنۈپ قالىدىغان بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان مىھرى-مۇھەببىتىنى ئەسلىدىنلا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى دەپ قارايدۇ، ئەمما ئائىلىسىدىكىلەرنى قانداق سۆيۈشنى، ئۇلارغا قانداق ۋاپادارلىق كۆرسىتىشنى بىلمەيدۇ.
        ئاتا-ئانا بولغانلار، بالىلارنى مىننەتدار بولۇش توغرىسىدا تەربىيەلەش كىرەك، بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىدىن باشلىسا بولىدۇ:
        بالىلارغا تولا ئارىلىشىۋالماڭ، بالىلارنىڭ ھەممە ئىشىنى ئۆز ئۈستۈڭىزگە ئېلىۋالماڭ.
        بالىلارنىڭ يالغۇز يىمەكلىك يىيىشىگە يول قويماڭ.
        بالىلار نىمە دىسە شۇنىڭغا ماقۇل دىمەڭ، ئۇلار تەلەپ قىلىپ بولغۇچە ماقۇل دىيىشتىن تېخىمۇ ساقلىنىڭ؛ بالىلارغا ئىرىشكەن نەرسىسىنى بەك ئاسان كىلىپ قالىدىغاندەك ھىس قىلدۇرۇپ قويماڭ.
       بالىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ خىزمەت جەريانىدىكى تارتقان جاپالىرىڭىزنى كۆپرەك سۆزلەپ بىرىڭ.
       ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۆلگە بولۇپ، ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بىرىشى كىرەك.

3. نەرسە-كىرەكلەرنى زورلۇق بىلەن ئىگەللىۋىلىش
     نۇرغۇن بالىلار ئۆزىنى ئائىلىدىكى كىچىك مەلىكە، شاھزادىدەك ھىس قىلىپ، ياخشى يىمەكلىك، ئويۇنچۇقلارنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە ماڭا تەئەللۇق بولۇشى كىرەك دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئائىلىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر نەرسە كۆرۈلسىلا، ئۇنى چوقۇم يالغۇز ئىگەللىۋالىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، بۇمۇ ۋاپاسىزلىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.
     نۇرغۇن بالىلار تاماق ئۈستىلىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تاماق چىقسا باشقىلارنى چوكا تەككۈزگىلى قويمايدۇ؛تىلىۋىزوردا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نۇمۇرلار چىقسا، باشقىلارنى تىزگىنەكنى تۇتقىلى قويمايدۇ.ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئويۇنچۇقلارنى ئاتا-ئانىسىنىمۇ تۇتقىلى قويمايدۇ.
      بۇنداق بالىلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ بولمايدۇ، بۇنداق بالىلاردىن قانداقمۇ ۋاپا كۈتكىلى بولسۇن؟
4. خاتالىقنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇشقا ئادەتلىنىپ قېلىش
     ھازىرقى بالىلار مىجەزى ناھايىتى چۇس بولۇپ، ئۇلارنى ئازراقمۇ تەنقىد قىلىشقا بولمايدۇ! ئۇلار نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزىنىڭ خاتا قىلغىنىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئەگەر سىز ئۇنى بىرەر ئېغىز تەنقىد قىلسىڭىز، ئۇلار مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويىدۇ، ئۇلارنى بىرەر ئېغىز ئارتۇق تەنقىدلەپ سالسا، يىغلاپ خاپا قىلىدۇ.
     بۇ خىلدىكى بالىلار ئۆزىنى مەركەز قىلىۋىلىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇ خىل ھالەتنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىق قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ؛ ئەگەر ۋاقتىدا تۈزىتىلمىگەندە، ياخشى بولۇپ كىتىشى ناتايىن.
    كونىلاردا "بالىنىڭ ئۈچ يېشىدىن سەكسەن يېشىنى كۆرۈشكە بولىدۇ" دىگەن ھىكمەتلىك سۆزى بار؛ ئاتا-ئانىلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، بالىسىنى قانداق قىلىپ مۇنەۋۋەر قىلىپ تەربىيەلەشنىلا ئويلاپ، ھەمىشە بالىسىنى ۋاپادار قىلىپ تەربىيەلەشنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. ئەگەر بالىڭىز كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىشنى بىلىپ چوڭ بولغان بالا، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى تەلىيىمۇ ناچار بولۇپ كەتمەيدۇ، چوقۇم گۈزەل بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号