دادا، مىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتسىڭىز، شۇنىڭدا ئانامغا نەپرەتلەنمەمسىز؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
6ياشلىق كىچىك بىر قىز ئۆز دادىسى تەرپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتىلدى.
" دادا، مەن نىمىشقا ئورنۇمدىن تۇرالمايمەن؟"
7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 4تىن ئاشقاندا، خەينەن ئۆلكىسى مەلۇم دوختۇرخانىدا بىر ئەر كىشى كىچىك بىر قىزنى كۆتۈرۈپ، ھۇدۇققىنىچە تىز قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كىرىپ كەلدى. تىز قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى دوختۇرلار بۇ قىزنىڭ پۇت قوللىرىدا قان ئۇيۇپ، پۈتۈن بەدىنىنىڭ كۆكىرىپ كەتكىنىنى، ئۇنىڭدا ئاللىقاچان ھاياتلىق بەلگىلىرى قالمىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ قىزنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئەكەلگەن ئەرمۇ، قىزنىڭ ئۆزىگە گەپ ياندۇرغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇنى تاسما ۋە كىيىم جازىسى بىلەن بىر سائەتتىن ئارتۇق ئۇرغانلىقىنى ئىتراپ قىلدى.

ساقچى تەرەپ تىز سۈرئەتتە بۇ تاش يۈرەك دادىنى كونتىروللىقىغا ئالدى؛ بۇ ئەرنىڭ فامىلىسى جىياڭ، بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن بولۇپ، سىچۈەن ئۆلكىسىدىن ئىدى. ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن قىز بالا جىياڭ فامىلىلىك بۇ ئەرنىڭ ئۆز قىزى شىياۋ رۈي (يالغان ئىسىم) بولۇپ، بۇيىل تېخى ئەمدى 6 ياشقا كىرگەن ئىدى.
2012-يىلى جىياڭ فامىلىلىك بۇ ئەر بولاڭچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن 5يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇ تۈرمىگە كىرىپ قالغاندا، ئايالى ئېغىر ئاياق بولۇپ، ئۇ شىياۋ رۈينى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، شىياۋ رۈينى ئىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تاشلاپ قويۇپ كىتىپ قالغان ئىدى.
شياۋ رۈينىڭ بوۋىسى بىلەن مومىسىنىڭ دىيىشىچە، شىياۋرۈي ناھايىتى ئشى ئۇقىدىغان چوڭ بولغان بولۇپ، خوشنىلىرىمۇ ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى؛ شىياۋرۈينىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، تاملارغا "ياخشى بالا" دىگەن تەقدىرنامىلەر تولۇپ كەتكەن ئىدى.

2017-يىلى جىياڭ فامىلىلىك تۈرمىدىن چىقتى؛ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن، ئۇ مىجەزى قوپال ھەم ئەسكى بولۇپ قالغان بولۇپ، كۈچلۈك بولغان زوراۋانلىق ئىدىيىسى بار ئىدى؛ بەلكىم ئايالىنىڭ كىتىپ قېلىشى سەۋەبلىكمىكىن، ئۇنىڭ قىزى شىياۋرۈيگە بولغان پوزىتسىيىسىمۇ ئۇنچە ياخشى ئەمەس ئىدى.
شىياۋرۈينىڭى ھاممىسىنىڭ دىيىشىچە، جىياڭ فامىلىلىك تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن، ئۆيدە بىكار ئولتۇرغان بولۇپ، شىياۋرۈي ھەمىشە ئۇنىڭغا بۇنچىلىك چوڭ بولۇپ قالغاندا يەنىلا ئاتا-ئانىسىنى باققىلى سالماسلىقى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ئۇلارغا ھەمدە بولۇشى توغرىسىدا نەسىھەت قىلاتتى. جىياڭ فامىلىلىك قىزىنىڭ نەسھىتىگە قولاق سالمايلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ بۇ نەسىھەتلىرىنى دادىسىغا قارشى چىققانلىق، دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغانلىق دەپ قاراپ، شىياۋرۈيگە تەربىيە ئىشلىدىم دەپ ھەمىشە شىياۋرۈينى ئۇرىدىكەن.

ئىش چىققان كۈنى، شىياۋرۈي دادىسى بىلەن ئۆيدە يالغۇز قالغان بولۇپ، جىياڭ فامىلىلىكنىڭ دىيىشىچە، شىياۋرۈي كەپسىزلىك قىلغان ھەم ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرغان، بۇ سەۋەپلىك جىياڭ فامىلىلىك ئۆزىنى تۇتىۋالالماي، ئۇنى قاتتىق ئۇرغان. جىياڭ فامىلىلىك ئالدى بىلەن كىيىم جازىسى بىلەن شىياۋرۈينى ئۇرغان، كەينىدىن تاسما بىلەن ئۇرغان ھەمدە ئۇرۇشنى بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇپ، شىياۋرۈي يەردە يېتىپ قېلىپ مىدىرلىمىغاندا ئاندىن بولدى قىلغان. ئۇرۇپ ھارغان جىياڭ فامىلىلىك شىياۋرۈينىڭ ئورۇنىدىن تۇرۇپ يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇشقا بۇيرىغان.

ئەمما بىچارە بالا، تاياق زەربىسىدىن ھالىدىن كەتكەن ئىدى؛ ئۇ ئورنىدىن تۇرالماي، دادىسىنىڭ ئۇنى تارتىپ قويۇشىنى ئۆتۈندى. ئەمما دادىسى ئۇنى يەنە كەپسىزلىك قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، بۇ ئىشقا ئىرەنشىمىگەن. بىر ھازادىن كىيىن، بالا راستىنلا مىدىرلىمىغاندا، بېرىپ قاراپ، بالىنىڭ ئاللىقاچان نەپەستىن قالغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ۋاقىتتا جىياڭ فامىلىلىك بالىنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا قاراپ چاپقان، ئەمما كىچىككەن بولۇپ، ئىشلار ئەسلىگە كەلمەسكە كەتكەن ئىدى؛ مۇشۇنداق بىر ئىش ئۇقىدىغان ئەقىللىق بىر بالا ئۆز دادىسى تەرپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتىلگەن ئىدى.
شىياۋرۈينىڭ بوۋىسى بىلەن مومىسى ئازاپلانغىنىدىن، شىياۋرۈينىڭ سۈرىتىنى قۇچاقلاپ يىغلايتتى. 6ياشلىق كىچىك بىر قىز، پارنىكتىكى گۈلگە ئوخشاش ئاجىز بىر ھاياتلىق؛ ئانىسى ئۇنى تاشلاپ كىتىپ قالدى، ئۇ ئەسلىدە دادىسىنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇھتاج ئىدى، ئەمما ئەمىلىيەتتە دادىسىنىڭ زەھەرخەندىلىك بىلەن ئۇرۇپ قىيناشلىرىغا دۇچار بولدى.
بىچارە بالا، ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى خاتىرسى، چىرايى دەھشەتلىك ھەم قورقۇنچلۇق كەلگەن دادىسى بىلەن بەدىنىنى ئېچىشتۇرۇپ تەككەن تاسما بولۇپ قالدى. بىر دادا بىلەن بىر ئادەم ئۆلتۈرگۈچى قاتىلنىڭ ئارلىقىدا، پەقەت بىر قېتىملىق كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالماسلىقلا بار ئىدى.
كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالمىغان ئاتا-ئانىلار، بالىلارنى زەخمىلەندۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ گۇناھكاردۇر.
سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، %80 ئەتراپىدىكى بالىلارنى خورلاشتىكى باش گۇناھكار ئۆز ئاتا-ئانىلىرى ئىكەن. بۇ ئاتا-ئانىلار بولسا، ھەممىسى ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىشنى بىلمەيدىغانلار بولۇپ، كۆڭلى جايىدا بولمىسا، كىچككىنە بىر ئىشلار ئۈچۈن، ئۆزىنى تۇتالماي، بالىلىرىنى ئۇرۇپ تىللايدىكەن.
يېقىندا، جې ياڭ دىكى بىر دادا ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ، كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ۋاقىتىدا، قىزى يىغلاپ خاپا قىلغانلىقى ئۈچۈن، قىزىنى قاتتىق ئۇرغان، بالا توختىماستىن " دادا، بولدى ئۇرماڭ..." دەپ يالۋۇرغان؛ ئەمما بۇ دادا قىزىنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلماي، تېخى قىزىنى ئۇرۇش جەريانىنى سۈرەتلىك فىلىمغا ئېلىپ، قىزنىڭ ئانىسىغا ( ئۇلار ئاجرىشىپ كەتكەن) ئەۋەرتىپ بەرگەن.
ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن، كۆڭلى بىئارام بولسا ئاچچىقىنى بالىدىن چىقارسا بولامدۇ؟ بالىنى خورلىسا، ھەتتا بالىنى ئۇرۇپ تىللاش ئارقىلىق قارشى تەرەپنى جازالىماقچى بولسا، بۇ توغرا بولامدۇ؟

نەچچە كۈن ئىلگىرى، يەنە بىر دادا بالىسىنى ئۇرغان سۈرەتلىك فىلىم دوستلار چەمبىرىكىدە تارقالدى، بۇ فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئالغۇچىسى بالىنىڭ ئانىسى ئىدى.
سۈرەتلىك فىلىمدىكى بالا ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە ئويناپ، ئۆيىدىكىلەردىن ئوغۇرلۇقچە ئۆيىدىكى 7000يۈەن پۇلنى ئېلىپ چىقىپ خەجلەپ تۈگىتىۋەتكەن؛ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلغا ئىچى ئاغرىپ بالىغا زوراۋانلىق ئىشلەتكەن. دادىسى بىر تەرەپتىن بالىنى ئۇرغاچ، بىر تەرەپتىن بالىنىڭ ئانىسىنى سۈرەتكە ئېلىشقا بۇيرىغان، ھەمدە سۈرەتلىك فىلىمنى بالىنىڭ ساۋاقداشلىرىغا ئەۋەرتىپ، ئۇلارغىمۇ كۆرسىتىپ قويۇشنى تاپىلىغان.
بالىنىڭ ئانىسىمۇ ئىرىگە ماسلىشىپ، ئىرىنىڭ بالىنى ئۇرغان جەرياننى سۈرەتكە ئېلىپ، بالىسىنىڭ ساۋاقداشلىرىغا ئەۋەرتىپ بەرگەن. بالا يىغلاپ يالۋۇرغاندا، دادىسى يەنە ئۇرۇشنى توختاتمىغان، ھەمدە "سەن پۇلنى خەجلىگەن ۋاقتىدا، بۇ پۇلنى بىزنىڭ مىڭبىر جاپادا تاپقىنىمىزنى ئويلىمىغانمىدىڭ؟ فىلىمنى ساۋاقداشلىرىڭغا ئەۋەرتىپ بىرەيلى، سىنىڭ تاياق يىگىنىڭنى ئۇلارمۇ بىلىپ قالسۇن" دەپ توختىماي بالىسىنى تىللىغان.

پۇلنىڭ يوق بولغانلىق ئاچچىقىنى چىقىرۋىلىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسى بالىنى ئۇرۇپ دۇمبالاش، فىلىمگە ئېلىپ تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان، ئۇلار بالىنىڭ ھېسياتىنى قەتئى ئويلاشمىغان. ئەگەر كىچىك ۋاقتىدا، بالىسى 10يۈەن پۇل ئوغۇرلۇقچە ئالغان ۋاقتىدا، ئۇلار ئۇنىڭغا تەربىيە بەرگەن بولسا، بالىمۇ 7000يۈەن پۇل ئوغۇرلايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتمىگەن بولاتتى.
بالىلارنىڭ ياشلىق مەزگىللىرىدىكى قارشىلىشىش ئىدىيىسى ۋە خاتالىق ئۆتكۈزۈشى، كۆپىنچە بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى تەربىيىلەش ۋە يىتەكلەشكە ئىرىشەلمىگەنلىكىدىن بولىدۇ.
2018-يىلنىڭ بېشىدا، جىياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى 9ياشلىق بىر ئوغۇل بالا يانفوننى يۈتتۈرۈپ قويغانلىق سەۋەبىدىن، ئانىسى ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى باغلاپ قويۇپ، كالتەك بىلەن 5سائەت ، كەچ سائەت 6دىن كىچە سائەت 11 بولغۇچە ئۇرغان. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئانىسى سائەت توۋلاپ ئويغاتقاندىن كىيىن، بالىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بالىنىڭ سوغۇق پولدا، كۆزلىرىنى مەڭگۈلۈك يۇمغان ھالدا ياتقىنىنى بايقىغان.
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، بۇ ئانا "بويتاق توي"نى باشتىن كەچۈرۋاتقان بولۇپ، ئىرى سىرتتا ئىشلەپ پۇل تاپاتتى، ئۇ بولسا ئۆزى يالغۇز بالىغا قاراپ، ئۇندىن باشقا يەنە ئاز-تولا قوشۇمچە ئىشلەپ، جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن قاتتىق چارچاپ كەتكەن ئىدى. تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشقا بولغان نارازىلىق ۋە غەزەپ خۇددى بىر پارتلاتقۇچ دورىغا ئوخشاش، ئۇنىڭ كۆڭلىدە ساقلىنىپ قالغان ئىدى. بالىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىشى، پىلىككە ئوت ياققانغا ئوخشاش، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى بارلىق نارازىلىقلىرىنى پارتلاپ چىقارغان ئىدى. ئاخىرىدا بالا ئۇنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرۋالىدىغان ئوبىكتىپقا ئايلىنىپ، تىرىك پېتى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇلغان.
......

ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىشنى بىلمەيدىغان ئاتا-ئانىلار مەغلۇپ بولغان ئاتا-ئانا بولۇپ ھىسابلىنىدۇ؛ بالىلىرىغا ۋاقىراپ-جاقىراش، پەقەت ئۇلارنىڭ ھەم نامرات ھەم چارچىغان ئىقتىدارسىزلىقىنىڭ ئىپادىسى.
ئادەم قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىشى تەسكە توختايدىغان بولۇپ، بىر قېتىملىق كەيپىياتنى كونتىرول قىلالماسلىق، بىر قېتىملىق زىيادە غەزەپلىنىش ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئاتا-ئانىلارنىڭ روھى كەيپىياتىغا پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى يۇشۇرۇنغان بولىدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەسكى مىجەزى ۋە ناچار روھى كەيپىياتى، بالىلارنى خورلاش، ئۇلارنى ئۇرۇپ-تىللاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يۇشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىش ھالىتىدە بالىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىزنىڭ ھەر بىر قېتىملىق ئۇھ تارتىشىڭىز، نەرسە-كىرەكلىرىنى چېقىشىڭىز، سىزنىڭ ۋاقىراپ-جاقىراشلىرىڭىز، سىزنىڭ ئۇرۇپ-تىللاشلىرىڭىز، ھەتتا ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ھەر بىر قېتىملىق جىدەل قىلىشىڭىز بالىلارنىڭ سەلبى قەلىپلىرىدە ئىزنالارنى قالدۇرىدۇ.

دۇنيادا تويدىن كىيىن بەخىتسىز بولۇپ قالغانلار ساناقسىز بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ ياخشى ئۆتەلمەي، ئاجرىشىپ كىتىدىغان ئىشلارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەمما تويدىن كىيىنكى بەخىتسىزلىككە قارىتا ئۇلارنىڭ بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئايال كىنو ئارتىسى خۇاڭ يى، ئىككى قېتىم ئاجراشقان بولۇپ، ھەر قېتىمدا ئاجراشقان ئىرى بىلەن توردا ئۆز-ئارا تىللىشىپ، بالىسىنىڭ ھېسياتىنى قەتئى ئويلاشمىغان.
ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق بولغان مارۇڭ بىلەن ۋاڭ باۋ چىياڭ، ئۇلار ئاجراشقاندىن كىيىنكى مال-مۈلۈكنى تالىشىپ، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ سەتچىلىكلىرىنى دۇنياغا جاكارلاپ، چاۋىلىرىنى چىتقا يېيىشتى؛ ئەمما ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى مەكتەپتە داۋاملىق بالىلار تەرپىدىن زاڭلىق قىلىنىپ، پىسخىكىلىق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغان.
ئەمما ئوخشاشلا ئاجرىشىشنى باشتىن كەچۈرگەن ۋاڭ فېي، ھەر ئىككى قېتىمدا تىنچ ئۇسۇلدا ئايرىلغان بولۇپ، ئەزەلدىن ھەرقانداق سورۇندا قارشى تەرەپنى ئەيىبلىمەيدۇ؛ ئاجرىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئىرىنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلىغان.

تويلىشىشتا ھەممە ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى بولىدۇ؛ ياخشى كۆرۈش ياكى كۆرمەسلىك، ئۇ بىر خىل شەخسىي ھوقۇق، قانۇن ھېچكىمنى ھېچكىم بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتىدۇ دەپ بەلگىلىمىگەن. ئەمما ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغاندا، ياخشىلىق بىلەن ئايرىلىپ كىتىڭ، بولۇپمۇ پەرزەنتلىك بولۇپ بولغان ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن، سىلەرنىڭ ھەر بىر قېتىملىق جىدەل قىلىشىڭلار، بالىغا نىسبەتەن ئەجەللىك زىيان ئېلىپ كىلىدۇ.
ناچار مىجەز، ناچار كەيپىياتلار ئىرسىيەت قالىدۇ، بۇ خىل ئىرسىيەت گېن تىپىدىكى ئىرسىيەت بولماستىن، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يۇشۇرۇن تەسىر كۆرستىش كۈچىدىن بولىدۇ.
تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بالىلىق دەۋرىدە، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇرۇپ تىللىشىغا كۆپ ئۇچرايدىغان بالىلار، چوڭ بولغاندىن كىيىن غورۇرى تېخىمۇ تۆۋەن، ھۇجۇم قىلىش خارەكتىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ قالىدىكەن، بەزىلىرى ھەتتا جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا مېڭىپ قالىدىكەن.
ئۇنداق بالىلار ئۇزۇن مەزگىل تاياق يىيشتىن ئەنسىرەش ئىچىدە ئۆتىدىغان بولغانلىقتىن، ئۇلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇپ، تېخىمۇ بەك تەشۋىشلىنىدىغان، تېخىمۇ جىددىلىشىدىغان، ئۆزىنى تېخىمۇ بەك كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدىكەن ھەمدە ئۆزىنى قوغداش ئېڭىمۇ زىيادە يۇقىرى بولۇپ قالىدىكەن. ئۇلار توي قىلغان تەقدىردىمۇ، پەرزەنتلىرىگە ئۇخشاش زوراۋانلىققا تولغان ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ، زوراۋانلىق ئىشلىتىپ بالىسىنى ئۇرىدىغان ناچار ئايلانما ھالەتنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ھەمىشە بالىسىنى ئۇرىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىمۇ ناچار بولۇپ، ھەمىشە ئۆز-ئارا جىدەللىشىپ ئۆتىدىكەن، ھەر ئىككى تەرەپ بالىنى ئۇرۇش ئارقىلىق قارشى تەرەپكە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرىدىكەن ۋە ئاچچىقىنى چىقىرىدىكەن.
ئاتا-ئانىلار "ساڭا ياخشى بولسۇن دەيمىز" دىگەن نىقابنى تارتىۋالساق، بالىنى خالىغانچە ئۇرۇپ تىللىساق بولىدۇ دەپ قالماسلىقى كىرەك. ئۇلارنىڭ ھەر بىر قېتىملىق كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالماسلىقى، غەزەپلىنىشى، بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە غايەت زور يۇشۇرۇن خەۋپ ئەكىلىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ قەلبىگە بولغان ئىنتايىن چوڭ زىيانكەشلىكتۇر.
سىزنىڭ ئەسكى مىجەزلىرىڭىز، بالىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ قويمىسۇن! ھەر بىر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىغا تىلەكداشمىز.