ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىڭىزنىڭ بوزەك قىلىنىشىدىن ئەنسىرەمسىز؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بالىمىز باشقىلارنىڭ بالىلىرى تەرپىدىن بوزەك قىلىنسا، ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ يۈرۈكى ئاغرىپ كىتىدۇ؛ ئەمما بالىلىرىمىزنى باشقىلارغا بوزەك بولماي، سەنمۇ ئۇرۇپ-تىللا دەپ ئۆگىتەيلى دىسەك، بالىمىزنى باشقىلارنىڭ "تەربىيە كۆرمىگەن"دەپ كۆزگە ئىلماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز.
    بالىسى يەسىلىگە بارغىلى ئۇزۇن بولمىغان بىر ئانا، ئارقا سۇپىدا يۇقارقى مەسىلىنىڭ ئۇنىڭ بېشىنى بەك قاتۇرۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە سۆز قالدۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ دىيىشىچە، بالىسىنىڭ مۇئەللىمى ئۇنىڭغا تېلفون قىلىپ، بالىسىنىڭ يەسلىدە باشقا بالىلارنى ئۇرغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بۇ ئانا ھەم ھەيرانلىقتا قالغان، ھەم ئاچچىقى كەلگەن:
    بالا ئادەتتە ئۆيدە ناھايىتى يوۋاشتىغۇ؟ مەكتەپكە بېرىپ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قاملاشمىغان ئىشنى قىلغاندۇ؟
    بۇندىن كىيىن، ئادەت خارەكتىرلىك زوراۋانلىق ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالارمۇ؟
    يەسلىدە باشقا بالىلار يېقىنلاشقىلى ئۇنىماي، يالغۇز قالارمۇ؟
    ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتەرمۇ؟
    .....
    بىر قاتار مەسىلىلەر بۇ ئانىنى تەشۋىشلىنىشكە سېلىپ قويدى.
    شۇنىڭ بىلەن بۇ ئانا مەكتەپتىن بالىسىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىش جەريانىدا، بالىغا توختىماي" سەن ئادەم ئۇرساڭ بولمايدۇ"،"قالايمىقان ئادەم ئۇرىدىغان كىچىك بالىلارنى باشقىلار ياخشى كۆرمەيدۇ" دەپ تەربىيە ئىشلەپ مېڭىپتۇ.
    بالىسى يەسلىگە كىرگەندىن بويان، بۇ ئانا ئىزچىل تۈردە ئەنسىرەپ كەلگەن مەسىلە، "باشقا بالىلار بالامنى بوزەك قىلسا قانداق قىلارمەن" دىگەن مەسىلە ئىدى؛ بۇ سەۋەپلىك ئۇ تېخى ئەستايىدىللىق بىلەن، بالىلارنىڭ بىر تۈرلۈك ئۆزىنى قوغداش ئۇسۇللىرىنى تەييارلاپ، ھەر كۈنى بالىسىغا سۆزلەپ بىرەتتى.
    ئەمما بۈگۈنگە كەلگەندە، بۇ ئانا بالىسىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ھەددىدىن ئېشىپ كەتتىمۇ نىمە دىگەن بۇ مەسىلىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى... باشقىلار تەرپىدىن بوزەك قىلىنىشتىن ئەنسىرەشتىن بىراقلا باشقىلارنى ئۇرۇشتەك رىئاللىققا ئۆزگىرىشى، بۇ ئانىنى نىمە قىلىشىنى بىلەلمىگەن ھالەتكە ئەكىلىپ قويغان ئىدى.
    ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك؟ بالىغا زادى قانداق تەربىيە ئىشلەش كىرەك؟
    تۆۋەندە مەن دوستۇمنىڭ بالىسى ھەققىدىكى بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بىرەي، بەلكىم ئاز-تولا پايدىسى تىگىپ قالار.
    مىياۋ مىياۋ بىلەن كەيشىن بىر ئولتۇراق رايونى ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان كىچىك دوستلاردىن. كىچىكىدىنلا يامان بىر بالا باققۇچى تەرپىدىن بېقىپ چوڭ قىلىنغان مىياۋ مىياۋ، ئىزچىل تۈردە ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان بىر بالا ئىدى.
    بىر يىلى ياز كۈنلىرىدە، كەيشىن ئولتۇراق رايونى ئىچىدىكى كىچىك ئۆستەڭ بويىدا، باشقىلارنىڭ سۇ ئوينىغىنىغا قاراپ ئولتۇراتتى؛ يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان مىياۋ مىياۋ كەيشىننى كۆرۈپ، ھېچنىمە دىمەستىن، كىلىپ بىر تېپىك بىلەن كەيشىننى ئۆستەڭگە چۈشۈرۋەتتى.
    مىياۋ مىياۋنىڭ مومىسى بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، جىددىلىشىپ كەتتى ھەمدە پۈتۈن ئائىلىگە ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتتى: بۇ بالىنى ياخشىراق باشقۇرۇش كىرەك، بۇنداق كىتىۋەرسە قانداق بولغىنى؟
   شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئىشتىن كىيىن، مىياۋ مىياۋنىڭ مومىسى ئەسلىدىنلا كۆزىگە سىغمايدىغان، مىياۋ مىياۋنى باقىدىغان ھېلىقى "يامان" بالا باققۇچىنىمۇ كەتكۈزۈۋەتتى. ھەر قېتىم بالا بىلەن سىرتقا ئايلىنىپ كىرىشكە چىققاندا، موماي خوددى ئۆزىگە رادار بەكىتىۋالغاندەك، كىچىك  دوستلار ئارىسىدا زىددىيەت كۆرۈلۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ھامانلا، كىلىپ مىياۋ مىياۋنى ئېلىپ كىتەتتى.
    بۇ خىلدىكى تۈزىتىش تەسىرىدە، كىچىك دوست مىياۋ مىياۋ قانداق بولۇپ ئۆزگەردى؟
   ئەكسىگە يانىدىغان ئەھۋال بۇ يىل يازلىق تەتىلدە يۈز بەردى. ئولتۇراق رايونغا يېقىن بىر يەردىكى يازلىق لاگىر سىنىپىدا، مىياۋ مىياۋ بىلەن كەيشىن قايتىدىن ئۇچرىشىپ قالدى. بىر كۈنى دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن، مىياۋ مىياۋ بۇرۇنلىرى قان پېتى ئۆيگە قايتتى؛ ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ دىگىلى ئۇنىمىدى. كىيىنچە ئانىسىنىڭ توختىماي خىزمەت ئىشلەپ "ئېزىقتۇرۇشى" ئاستىدا، مىياۋ مىياۋ ئەھۋالنى ئىخرا قىلدى: مىياۋ مىياۋنىڭ بۇرنىنى كەيشىن چىمدىپ قانىتىۋەتكەن ئىدى.
    بۇ ۋاقىتتا مىياۋ مىياۋنىڭ مومىسى يەنە جىددىلىشىشپ قالدى: باشقىلار بۇرنىڭنى چىمداپ قانىتىۋەتسە نىمىشقا قاراپ تۇردۇڭ؟ قول ياندۇرساڭ بولمامدۇ؟ مۇئەللىمگە دىسەڭ بولمامدۇ؟
    ئادەم ئۇرىدىغان بولۇپ قېلىش—بۇ قىلمىشىنى تۈزىتىش—تۈزىتىش چەكتىن ئېشىپ كىتىش—باشقىلار ئۇرسا قول ياندۇرماسلىق—بالىنىڭ يامان بولىشىنى ئۈمىد قىلىش....
   ئىشىنىمەنكى، مىياۋ مىياۋنىڭ ھالىتىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش كۆپىنچە ئاتا-ئانىلارغا ناتۇنۇش ئەمەس. بالىنىڭ باشقىلار تەرپىدىن بوزەك قىلىنىشىغا چىدىماسلىق، ئەمما بالىنىڭ باشقىلارنى بوزەك قىلىشىنىمۇ خالىماسلىق؛ سىز بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە بېشىڭىز قېتىپ تۇرغان ۋاقىتتا، بالىڭىزمۇ ئوخشاشلا بېشى قېتىپ تۇرغان بولىدۇ: مەن زادى قانداق قىلسام، ئاتا-ئانام ئاندىن ئاچچىقلانمايدۇ؟
    شۇنداق، بالىلارغا نىسبەتەن بۇ چەكنى ئايرىماق ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر بىر قېتىم ئەھۋال كۆرۈلگەندىن كىيىن، مۇۋاپىق بىر ئۇسۇلدا بالىنى توغرا يۆنىلىشتە يىتەكلەش، ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن مۇھىم بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ.
    بىز ماقالىمىزنىڭ بېشىدا سۆزلەپ ئۆتكەن، ھېلىقى بالىسى يەسلىدە باشقا كىچىك دوستلارنى ئۇرۇپ قويغان ئانىنىڭ ئۆيىگە قايتىش يولىدىكى چەكتىن ئاشقان ئىنكاسى، نۇغۇن ئاتا-ئانىلاردا كۆرلىدىغان خاتالىقتۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا ئوخشاش بالىنى يوۋاش بولماپسەن دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا ئادەم ئۇرۇشقا بولمايدۇ دەپلا تەربىيە ئىشلىسەك، بالىنى يەنە بىر قارشى قۇتۇپقا يۈزلەندۈرۈپ قويىشىمىز مۇمكىن؛ مىياۋ مىياۋنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن ئەھۋال بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى ئىبرەت بولالايدۇ.
 
     ئاتا-ئانىلار بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئالدى بىلەن ئۆزىنى بېسىۋىلىشى كىرەك.
    بىلىشىمىز كىرەككى، بالىلارنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 2 ياش ئەتراپىدىكى مەزگىلىدە، بالىلارنىڭ باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش بۇ ئىش ئۈستىدە يامان نىيىتى بولمايدۇ. مەسىلەن بەزى بالىلار بۇ مەزگىللەردە، باشقا كىچك دوستلارنى كۆرسە بېرىپ ئۈسۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ قارىشىچە زىددىيەت پەيدا قىلىش خارەكتىرىدىكى بۇ مەسىلە، بالىلارنىڭ نوقتىسىدىن قارىغاندا، بەلكىم ئۆزىنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنى ئىپادىلىگىنى ياكى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئېلىپ كىلىدىغان ئىنكاسىنى سىناق قىلىپ بېقىشى بولۇشى مۇمكىن.
    شۇڭا ئاۋال ئۆزىمىزنى تۇتىۋىلىشمىز، ئەمما ھېچنىمە بىلەن كارىمىز بولماي يۈرمەسلىگىمىزمۇ لازىم؛ مۇۋاپىق ئۇسۇلدا بالىدىن ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىشىمىز كىرەك. مەسىلەن بىز ئۆزىمىز سەۋەبىنى پەرەز قىلىپ، ئۇندىن كىيىن بالىلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا بولغان ئىنكاسىنى كۆزىتىش دىگەندەك.
    نۇرغۇن كىچىك دوستلارنىڭ باشقىلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىشىدا، كۆپىنچە ئۆزىنىڭ سەۋەپ ئاساسلىرى بار بولىدۇ؛ مەسىلەن باشقىلار مىنىڭ ئورنۇمنى ئىگەللىۋالدى ياكى مەخسۇس ماڭا تەئەللۇق بولغان نەرسىنى تارتىۋالدى دپ ھىس قىلىشى دىگەنلەرگە ئوخشاش. ئەگەر بىز ئەمەلى ئەھۋالنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، كىلىپلا بالىلارغا تەربىيە ئىشلەشكە چۈشۈپ كەتسەك، بالىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىشى جەھەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىتىپ قويغان بولىمىز.
   شۇڭلاشقا بالىلىرىمىز يۇقىردا سۆزلەنگەن ئەھۋاللارغا ئۇچرىغاندا، بىز ئاۋال ئۆزىمىزنى بېسىۋىلىپ، توغرا ئۇسۇلدا بالىلار بىلەن پىكىرلىشىشىمىز لازىم. ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى ئىگەللىگەندىن كىيىن، كونكىرتنى ئەھۋالغا قاراپ ئۇلارنى توغرا ئۇسۇلدا يىتەكلىشىمىز، ئۇلارغا زىددىيەتنى ھەل قىلىش ياكى كەيپىياتنى تەڭشەشنىڭ باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىمىز لازىم؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىنىڭ يوللۇق بولغان ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈشنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号