قىزىپ قېلىش، ئاتا-ئانىلار دۇچار بولۇشنى خالىمايدىغان، ئەمما كۆپىنچە بالىلاردا دائىم كۆرنىدىغان مەسىلىدۇر.
قايتا-قايتا قىزىش، جىددى خارەكتىرلىك قىزىش، قىزىشى ئىزچىل يانماسلىق....بالا قىزىپ قالسا، ئاتا-ئانىلار پۇتى كۆيگەن توخىدەك بولۇپ كىتىدۇ. ئۇنداقتا بالا قىزىپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك ؟ قىزىتمىسىنى ياندۇرۇش؟ قانداق ياندۇرۇش كىرەك؟
بالا قىزىپ قالسا، ئادەتتە بالىنى يۆگەپ تەرلىتىش، قىزىتما ياندۇرۇش چاپلىقى چاپلاش، ئىسپىرت سۇۋاش قاتارلىق ئۇسۇللار كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەگەر سىزمۇ بۇرۇن مۇشۇنداق قىلغان بولسىڭىز، دەرھال توختاڭ!
بالىلار ئادەتتە بەزىبىر پاتولوگىيىلىك ياكى فىزىلوگىيىلىك سەۋەپلەر تۈپەيلى قىزىپ قالىدۇ، ئەمما قىزىپ قېلىش ئۇ پەقەت بىر خىل ئالامەت، كىسەللىك ئەمەس؛ قىزىتمىنى چۈشۈرسەكلا ھەممە ئىش جايىغا چۈشىدىغان مەسىلىمۇ ئەمەس.
قىزىپ قېلىشنىڭ چوقۇم "يامان ئىش" بولۇشى ناتايىن
قىزىش بولسا، بالىلار يۇقۇملۇنۇشقا ئۇچرىغاندا، ئاق قان دانىچىلىرى بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن باكتىرىيەلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى پەيدا قىلىدىغان ئالامەت؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىدە قىزىش ياللۇغقا قارشى تۇرۇپ ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق دەپ ئېيتساق، ئازراقمۇ ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.
گەرچە قىزىش بالىنى بىئارام قىلىپ، بەدەن تىمپىراتۇرىسىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئۆرلەپ كىتىشى تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەتىرى پەيدا قىلسمۇ، بالىنىڭ تىمپىراتۇرىسى پەقەت 41.7سىلتسىيە گىرادوستىن ئېشىپ كەتمىسىلا، بالىغا بەك كۆپ زىيىنى بولمايدۇ؛ ئادەتتىكى قىزىشنىڭ بالىنىڭ چوڭ مىڭىسىگە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بالىڭىزنىڭ قىزىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلسىڭىز، بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغىنىڭىز، تىرمومىتىردىن پايدىلىنىپ بالىڭىزنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ئەھۋالغا قارىتا ھۆكۈم چىقىرىشتۇر. ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئەتىگەن كەچلىك بەدەن تىمپىراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ئوتتۇرىچە قىممەتكە ئىرىشكەندىن كىيىن، ئاساسى جەھەتتىن بالىنىڭ قىزىش دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلالايدۇ.
ئادەتتە بالىلارنىڭ مەقئەت تىمپىراتۇرسىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، قىزىش دەرىجىسىنى ئۆلچەمگە ئايرىساق: بەدەن تىمپىراتۇرىسى 38.3-37.2 سىلتسىيە گىرادوس دائىرسىدە بولسا، يىنىك دەرىجىدە قىزىش بولىدۇ؛ بەدەن تىمپىراتۇرىسى 39.4-38.4 سىلتسىيە گىرادوس دائىرسىدە بولسا، ئوتتۇرا ھال دەرىجىدىكى قىزىش بولىدۇ؛ بەدەن تىمپىراتۇرسى 39.5 سىلتسىيە گىرادوستىن يۇقىرى بولسا، ئېغىر دەرىجىدە قىزىش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

بالىڭىز قىزىپ قالغاندا سىز توغرا ئۇسۇلدا ئاسراش ئېلىپ بارالىدىڭىزمۇ؟
بالىلار قىزىپ قالغاندا ئاسما ئاسقۇزۇش ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلىمۇ؟
ئاسما ئوكۇل سالدۇرغاندا گەرچە تىز سۈرئەتتە بەدەن سۇيۇقلۇقىنى تۇلۇقلاشقا بولسىمۇ، ئەمما بەزىبىر جىسمانى جەھەتتىكى ئارتۇقچە يۈك ۋە خەتىرى بار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، بالىلارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، دورا ۋە سۇيۇقلۇقلارنى يۇتالمايدىغان ياكى دورىنى پەقەت مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىقلا ئادەم بەدىنىگە يەتكۈزۈش مۇمكىنچلىكى بار بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا، ئاندىن ئاسما ئۇكۇل ئۇرغۇزۇش مۇۋاپىق بولىدۇ.
قىزىپ قالغاندا دەرھال قىزىتما قايتۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلىتىش كىرەكمۇ؟
شىياڭگاڭ سەھىيە باشقارمىسى، بالىلارنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسى 39 سىلتىسيە گىرادوستىن ئېشىپ كەتكەن ھەم بىئاراملىق ھىس قىلغان ۋاقىتتا ئاندىن قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىشلىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويغان.
3ئايلىقتىن يوقىرى بوۋاقلار ماس مىقداردىكى ئاتسىتو ئامىنو-فىنول (乙酰胺基酸)نى ئىچسە بولىدۇ؛ 6ئايلىقتىن يۇقىرى بوۋاقلار ماس مىقداردىكى بۇلوفىن(布洛芬) ئىچسە بولىدۇ؛ ئىشلەتمەكچى بولغان دورا، ئىچىش مىقدارى ۋە كۈندىلىك ئىچىش قېتىم سانى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كىرەك.
قىزىپ قالغاندا يۆگەپ تەرلىتىش كىرەكمۇ؟
ئادەم تەرلىگەندىن كىيىن، ھەقىقەتەن قىسقا مۇددەتلىك بەدەن تىمپىراتۇرسى تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرلىدۇ؛ ئەمما بال قىزىپ قالغاندا توختىماستىن بالىنى يۆگەپ تەرلەتسسەك، بالىنىڭ زىيادە سۇسىزلىنىپ كىتىشىنى ۋە تېخىمۇ ئېغىر كىسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.
قىزىپ قالغاندا ئىسپىرت بىلەن بەدىنىنى سۈرتۈپ بىرىشكە بولامدۇ؟
بولمايدۇ! دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، بەدىنىگە ئىسپىرت سۇۋاش ئارقىلىق قىزىتمىنى چۈشۈرۈشنىڭ ئىلمى ئاساسى يوق بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش دىگەنگە ئوخشاش ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىپ ، كىسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋىتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
بالىلار قىزىپ قالغاندىكى توغرا بولغان ئاسراش ئۇسۇللىرى
1. كىيىنىش مىقدارى مۇۋاپىق بولۇش، ساپ پاختا ماتىرياللىق كىيىملەرنى ئاساس قىلىش؛ شۇنداقلا بالا تەرلىگەندىن كىيىن، كىيىملىرىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۋىتىش.
2. ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋا ئۆتىشىشچانلىقىنى ياخشى ساقلاش؛ دەرىزىنى ئېچىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى شامالدۇرغۇچنى ماڭغۇزۇپ، ئۆي ئىچىدىكى ھاۋانى ئۆتەشتۈرۈپ، بالىلارنى ئاز تولا راھەتلەندۈرۈش.
3. سۇ تەركىبى تۇلۇقلاش. تەرلەش بەدەننىڭ سۇسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ۋاقىتتا، ئانا سۈتى، سۇ، ئېغىزدىن ئىچىدىغان ئېلىكتىرولىت ئىرىتمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ.
4. يىتەرلىك ئارام ئالغۇزۇش. ئارام ئېلىشى يىتەرلىك بولسا، بالىلارنىڭ ئەسلىگە كىلىشى تېخىمۇ تىز بولىدۇ؛ بالىلارغا ئۆي ئىچىدە بىرقەدەر يىنىك تىپتىكى ھەرىكەتلەرنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
5. ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش. مايلىق يىمەكلىكلەرنى يىگۈزۈشتىن ساقلىنىڭ؛ بالىلارغا مايسىز ھەم تۇزى كەمرەك كەلگەن ئۇزۇقلۇق قىممىتى مول سۇيۇق يىمەكلىكلەرنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

بالىلار قىزىپ قالغاندا قانداق ئەھۋال ئاستىدا، چوقۇم دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كىرەك؟
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بالىلار قىزىپ قالسىمۇ، پەقەت روھى كەيپىياتى نورمال بولسىلا، توغر بولغان ئاسراش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاستا-ئاستا ئەسلىگە ئەكىلىشكە بولىدۇ.
ئەمما تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ئاتا-ئانىلار ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ دوختۇرغا كۆرسىتىشى كىرەك.
1. 3 ئايلىق ياكى بۇنىڭدىن كىچىك بوۋاقلار قىزىپ قالغاندا دەرھال دوختۇرغا ئېلىپ بېرىش كىرەك؛
2. ھەرقانداق ياش بۆلىكىدىكى بالىلار قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىچكەندىن كىيىنمۇ، يەنە ئىزچىل تۈردە ياكى قايتا-قايتا قىزىغان ۋاقىت 48 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە؛
3. يۇقارقىلاردىن باشقا بالىلار قىزىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كىرەك:
بالا ئادەتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ روھسىز، ئۇيقۇسى كىلىپلا تۇرىدىغان بولۇپ قالسا؛
ھاياجانلىنىپ كىتىدىغان ياكى غەلىتە گەپلەرنى قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە؛
قولاق، گال قىسىملىرى قاتتىق ئاغرىسا، ھۆتەلسە، تىرىسىگە غەلىتە تەمرەتكىلەر پەيدا بولسا ياكى توختىماي كۆڭلى ئېلىشىپ، ئىچى سۈرۈيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە.

ئاخىرىدا قىسىقىچە خۇلاسىلاپ ئۆتسەك، ئەگەر بالىلاردا قىزىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئات-ئانىلار ھۇدۇقۇپ كەتمەستىن، ئاۋال ئۆزىنى بېسىۋىلىپ، بالىنىڭ قىزىش ئەھۋالى ۋە ئىپادىسىگە قاراپ بىتەرەپ قىلىش؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىنىڭ ئىسسىقلىقنى سىرتقا تارقىتشغا ۋە بالىغا سۇ تەركىبى تۇلۇقلاشقا دىققەت قىلىش؛ ئەگەر غەيرى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشى كىرەك.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ گەرچە بۇلارنىڭ %100

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكىلىق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئېچىۋىتىلگەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرغىپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئ

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

ئامىرىكىلىق جېف.دابىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ توم بىلىكى بار بولۇپ، باشقىلار تەرپىدىن رىئاللىقتىكى "كۈچتۈڭگۈر ماتروس" دەپ تەرىپلەنگەن.

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

نۇرغۇن كىشىلەر، يېشىغا يىتىپ قالغاندا، مۇنداقلا مۇھەببەتلىشىپلا توي قىلسا بولىدۇ دىيىشىدىكەن. بىراق، زادى قانچە ئۇزۇن مۇھەببەتلەشسە ئاندىن ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئى

يېقىندا ئامىرىكىنىڭ نىيورۇك شەھرىدە، 30نەپەر بوۋاق بىر قېتىملىق بوۋاقلار ئۆمىلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. مۇسابىقە جەريانىدا، "ماھىرلار"غا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئات

ئىلگىرى ئاشكارىلىنىشىچە، ھىندىستاندىكى 43ياشلىق بىر ئەرنىڭ پۇت ۋە قول بارماقلىرىنى قوشقاندا جەمئى 28تال بارمىقى بار بولۇپ، جىننىس دۇنيا رىكوتى تەشكىلاتى تەرپىدىن
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号