ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلارنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-29 كۆرۈلىشى : قېتىم

    پەرزەنتلىك بولۇشتىن بۇرۇن سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز بەلكىم مۇنداق بولۇشى مۇمكىن.... ھەر كۈنىڭىز ناھايىتى تەرتىپلىك ئۆتىدۇ؛ مەسىلەن ئاساسەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئونىڭىزدىن تۇرۇپ، يز-كۆزىڭىزنى يۇيىسىز، ناشتا قىلىسىز، بىردەم ئۈندىدار كۆرىسىز ياكى ئەتىگەنلىك خەۋەر ئاڭلايسىز....

1.jpg

    ئىشتىن چۈشۈپ كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن، بىردەم تېلىۋىزور كۆرىسىز ياكى بىردەم بەدەن چېنىقتۇرىسىز؛ ھەپتە ئاخىرىدا بىر نەچچە دوستلىرىڭىزنى بىلەن يېغىلىش ئۆتكۈزىسىز، قاتارلىقلار.....

 

2.jpg

3.jpg

    ئەمما بالىڭىز بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كىيىن، رېتىملىك كەلگەن تۇرمۇشىڭىز قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ....

4.jpg

   سىز ھەر كۈنى بالىڭىزنىڭ سىزگە قانداق يىڭى رىقابەتلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز؛ بالىنىڭ قايسى ۋاقىتتا قورسىقى ئېچىپ، ئىمىتىش لازىم بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز؛ قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاشنى ھەتتە دوستىڭىز بىلەن قايسى ۋاقىتتا ئوچرىشىشنىمۇ بىكىتىشكە ئامالسىز قالىسىز....

  نىمە ئۈچۈن پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ ئالدى كەينىدىكى تۇرۇمۇشىڭىزدا بۇنچىۋالا چوڭ پەرق بولىدۇ؟ چۈنكى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بالىڭىز سىزنىڭ كۈندىلىك دەم ئېلىش ۋە باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش كۈنتەرتىپىڭىزنى بۇزىۋىتىدۇ؛ تىل ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئامالسىز بولغان بۇ شاكىچىك، سىزگە نۇرغۇنلىغان نامەلۇم ئېلىپ كىلىدىغان بولۇپ، سىزنى يېقىن كەلگۈسىدىكى ۋاقىت ئىچىدە نىمىلەرنىڭ يۈز بىرىدىغىنىنى پەرز قىلىشقا ئامالسىز قويىدۇ، بۇ سەۋپلىك ھەممە ئىش سىزنىڭ كونتىروللىقىڭىزدا بولالمايدۇ.

5.jpg

    ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىپ تۇرۇمۇشىمىزنى ئەسلىدىكى تەرتىپلىك ھالەتكە قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيمىز؟  ئالدى بىلەن بىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىشىمىز، بالىلارنىڭ تەرتىپلىك كۈندىلىك پائالىيەت ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشتۇر. بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە، " EASY " بوۋاقلار پائالىيىتى پىرگىراممىسى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى!

EASY پىروگىراممىسى دىگەن نىمە؟

6.jpg

    EASY پىروگىراممىسىنى ئامىرىكىلىق پەرزەنت تەربىيىسى مۇتەخەسسىسى تېرىش. رېگ ئۇتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تىز سۈرئەتتە تەرتىپلىك ھالەتكە ئەكىلىدىغان ياخشى بىر ئۇسۇل. " يىيىش—پائالىيەت ئېلىپ بېرىش—ئۇخلاش " بۇ ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ تەبىئى تەرتىپى؛ ئەمما بالىلارغا بولۇپمۇ بوۋاقلارغا نىسبەتەن، بۇ خىل تۇرمۇش تەرتىپىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا قارىتا قەدەممۇ-قەدەم يىتەكلىشى كىرەك بولىدۇ.

    E ھەرىپى يىيشكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتى يىيىشتىن باشلىنىدۇ؛ نورمال تەرتىپ بويىچە پائالىيەت قىلىدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، ھەر كۈنلۈك يىيىش پائالىيىتى نىسبەتەن قانۇنىيەتلىك ھەم تەرتىپلىك كىلىدۇ.

    A ھەرىپى پائالىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، قورسىقى تويغاندىن كيىن ئويناش، سەل چوڭراق بوۋاقلارغا نىسبەتەن تەبىئى بىر ئىش؛ ئەمما نەچچە ئايلىقلا بولغان بوۋاقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار ئادەتتە ئىمىپ بولغاندىن كىيىنلا ئوخلايدۇ. EASY پىرگىراممىسى بولسا، بوۋاقلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزغاندىن كىيىن، ئۇلارنى دەرھال ئۇخلاتماستىن، ئۇلارنى ئىمكان قەدەر بەلگۈلۈك ۋاقىت ئوينىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭدا بالىلارنىڭ كۈندۈزلۈك پائالىيەتلىرىگە يىتەرلىك ۋاقتى بار بولىدۇ، ئەمچەككە ياكى ئىمىزگىگە زىيادە تايىنىۋىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر تەرەپتىن تاماق يەپ بىر تەرەپتىن ئوينايدىغان يامان ئادەت يىتىلدۈرۋىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

   S ھەرىپى ئۇخلاشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بالىلار ئادەتتە ئازراق ئوينىسىلا ھېرىپ قېلىپ ئۇيقۇسى كىلىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ئەگەر بالىنىڭ ئۇيقۇسى كەلگەنلىك سىگنالىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇلارنى پەپىلەپ بەرسە، بالىنىڭ ئۇيقۇغا كىرىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىدۇ. كۈندۈزى قىسقا ئۇخلاپ ئادەتلەنگەن بوۋاقلارنىڭ ئويغاق ۋاقتىدا زىھنى تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇلىدۇ، ئىشتىھاسىمۇ ئىچىلىپ كىتىدۇ.

   Y ھەرىپى سىزنىڭ ۋاقتىڭىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ نۇرمال تەرتىپ بويىچە پائالىيەت قىلىپ ئادەتلەنگەن بوۋاقلارغا نىسبەتەن، سىز ئۇلارنىڭ كۈندۈزى ئۇخلايدىغان ۋاقتىنى ھەم قانچىلىك داۋاملىشىدىغىنىنى ئىنىق بىلىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بالا ئويغىنىشتىن بۇرۇن، سىز ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق بولغان پائالىيەت ۋاقتىغا ئىرىشەلەيسىز.

EASY پىروگىراممىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى

   EASY پىروگىراممىسىنىڭ يادروسى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بوۋاقلارنىڭ تۇرمۇشىدا يىتەكچىلىك رول ئوينىشى بولۇپ، بالىلار چىقارغان سىگناللارغا ئاساسەن، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا يىتەكلەشتۇر. بۇ خىلدىكى پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى، ئىلگىركى تەرتىپسىز بالا بېقىش ئۇسۇلىغا قارىغاندا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا نىمىگە ئېھتىياجلىق بولىدىغىنى ۋە نىمە ئىش قىلماقچى بولۇۋاتقىنىنى تېخىمۇ ياخشى پەرەز قىلالايدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنىڭ نىمە ئۈچۈن يىغلاپ خاپا قىلغىنىنى تېخىمۇ تىز سۈرئەتتە ئايرىپ چىقىشقا ياردىمى بولىدۇ؛ بالىلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئاتا-ئانىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئارام ئېلىش ۋاقتىغا ئىگە قىلىدۇ.

EASY پىروگىراممىسىنى قانداق مەشغولات قىلىش كىرەك؟

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاق

7.jpg

    ئانا بالىنى تۇغۇپ بولۇپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىنكى بىر ئاي ۋاقىت، بوۋاق بىلەن ماسلىشىشى ۋاقتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. سىز بەلكىم بايقىشىڭىز مۇمكىن، بۇ مەزگىلدە بوۋاقنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى ئىمىش ۋە ئۇخلاش بىلەن ئۆتىدۇ، ئويغاق تۇرىدىغان ۋاقتى ناھايىتى قىسقا كىلىدۇ، سىزمۇ بۇ مەزگىلدىن پايدىلىنىپ، تىزدىن ئەسلىگە كىلىۋىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىسىز ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەزگىلدە بوۋاقلارنى ئۆزىنىڭ تەبىئى پائالىيەت تەرتىپىگە قويۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

4-2 ئايلىق بولغان بوۋاقلار

    بىر ئاي ئەتراپىدىكى ماسلىشىش مەزگىلىدىن كىيىن، سىز بىلەن بوۋاقنىڭ تۇرمۇشى قەدەممۇ-قەدەم ئىزىغا چۈشۈشكە باشلايدۇ. بوۋاقنىڭى ئويغاق ۋاقتى بارغانسىرى ئۇزىرايدۇ، ئىككى قېتىملىق تاماق يىگۈزۈش ياكى ئىمىتىش ۋاقتىمۇ ئۇزىراشقا باشلايدۇ؛ بۇ مەزگىلدە سىز ئەگەر بالىنىڭ پائالىيەت تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ، ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان، تاماقنى ياخشى يىمەيدىغان ياكى ئەممەيدىغان، ياخشى ئوينىيالمايدىغان بولۇپ قالغىنىنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا 3سائەتلىك EASY  پىروگىراممىسىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

a.png

8.jpg

6-4 ئايلىق بولغان بوۋاقلار

   ئالدىنقى نەچچە ئايغا قارىغاندا، بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، كۈندۈزى ئوينايدىغان ۋاقىتلىرىمۇ ئۇزىرايدۇ. بۇ مەزگىلدە يەنىلا كۈندۈزى ئازراق ئۇخلىۋىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەك لازىم. بۇ مەزگىلدە بىز 3 سائەتلىك پىروگىراممىدىن 4 سائەتلىك EASY پىروگىراممىسىغا ئۆتسەك بولىدۇ.

9-6 ئايلىق بولغان بوۋاقلار

    بۇ مەزگىلدىكى EASY لاھىيىسى يەنىلا 4 سائەتلىك پىروگىراممىنى ئاساس قىلىدۇ، ئەمما ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر ئۆزگىرىش بار، ئۇ بولسىمۇ بوۋاقنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن كەچقۇرۇندىكى ئۇخلاشنى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بۇنىڭدىكى سەۋەپ بوۋاقنىڭ كەچلىك ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ بەك كىيىن بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.

c.png

9 ئايلىقتىن كىيىنكى بوۋاقلار

    بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلارنىڭ ئويغاق بولىدىغان ۋاقتى تېخىمۇ ئوزۇن بولۇپ، نۇرغۇن بالىلار چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كىيىن ئىككى قېتىملىق ئۇخلاشتىن، چۈشتىن كىيىن بىرلا قېتىم 3-2 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلاشقا ئۆزگىرىدۇ. پىروگىرامما نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ مەزگىلدە بىزنىڭ مەشغۇلاتىمىز EASY پىروگىراممىسى ئەمەس بەلكى EAEASY پىروگىراممىسى، يەنى يىيىش—پائالىيەت—يىيىش—پائالىيەت—ئۇخلاش پىروگىراممىسى بولىدۇ؛ لىكىن قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بۇمۇ يەنىلا تەرتىپلىك ھەم قانۇنىيەتلىك كەلگەن كۈندىلىك تەرتىپ ھىسابلىنىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:

    1.  EASY پىروگىراممىسىنىڭ ھەممە ئائىلىلەرگە ماس كىلىشى ناتايىن.

    2.  EASY پەقەت بوۋاقلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەت قانۇنىيىتى ۋە تەرتىپىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى بىر يىتەكچى ئىدىيە، ھەرگىزمۇ ئۆلۈك ھالدىكى مۇقىم ۋاقىت جەدۋىلى ئەمەس.

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号