ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئەرلەر بالىسىغا قارىشىپ بىرىشنى خالىمىغان ۋاقتىدا، ئەسلىدە مۇنداق ئويلايدىكەن!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-17 كۆرۈلىشى : قېتىم

     ئىشىنىمەنكى، ئانىلارغا" بويتاق ھالەتتە بالا تەربىيىلەش" دىگەن بۇ ئاتالغۇ ناتۇنۇش ئەمەس، ئاز بولمىغان ئانىلار ھازىر بەلكىم مۇشۇ خىلدىكى "ئازاپ"نى باشتىن كەچۈرۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

     بويتاق ھالەتتە بالا تەربىيىلەش – بالىنى تەربىيەلەش جەريانىدا ئاتا-ئانىسىدىن بىر تەرەپنىڭ كۆرنەرلىك كەمچىل بولۇشى دىگەنلىك بولۇپ، ھازىرقى جەمىئىيىتىمىزنىڭ ئەمىلىيىتىگە ئاساسلانغاندا، كەمچىل بولىدىغان تەرەپ مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا بالىنىڭ دادىسى بولىدۇ. بىر ئائىلىدە ئەرلەر ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك مەۋجۇت بولۇش ھالىتىدە بولىدۇ:

l  ھورۇن:  ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن ئەرلەر ئۆيدە "پالەچ " ھالەتكە ئۆتۈپ قالىدۇ؛ كىرىسلودا پالەچ بولۇپ قالغاندەك ئولتۇرۇپ يانفون ئوينايدۇ، تېلىۋىزور كۆرىدۇ؛

l   دۆت: بالىغا كىيم كەيگۈزۈش، يۆگەك ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرنىمۇ قىلىشنى بىلمەيدۇ؛

l   گالۋاڭ: بالا ئاغرىپ قېلىپ يىغلاپ كەتسە، ئۇ بىر ياندا ئويغانماي ئۇخلىيالايدۇ؛

l   پالاكەت: ئاندا-ساندا بىرە قېتىم بالىنى ئويناتقىلى ئېلىپ چىقسا، بالا ھەمىشە ئۇنىڭ بىرەر "زاپچاسلىرى"نى بۇزۇپ قويالايدۇ...

     بۈگۈنكى ماقالىمىزنىڭ مەزمۇنى بىر دادىنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق سۆزلەنگەن؛ ئۇ گەرچە "چوڭ بوۋاق" تىپىدىكى ئەرلەردىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئويلىنىش ئارقىلىق، يەنىلا ئۆزىنىڭ  ئائىلىدە بالا تەربىيىلەش جەھەتتە تۆلىگەن بەدىلى نىسبەتەن ئاز بولۇپ قالغىنىنى ھىس قىلغان.

      تېخى مۇشۇنداق ھېسياتقا كىلىدىغان ئەرلەرمۇ بارئىكەن ھە؟ بۇنىڭغا ئىشىنەلىدىڭىزمۇ؟ تۆۋەندە بىز بىرلىكتە " ۋىجدانى ئويغانغان " بۇ ئەرنىڭ نىمىلەرنى دىگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

 

★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★

 

    كەچ سائەت سەككىز يېرىمدا ئۆيگە قايتىپ تاماق يىگەندىن كىيىن، كىرىسلوغا چۆكۈپ يانفون ئويناپ ئولتۇردۇم؛ ئەمدىلا ئىككى ياشتىن ئاشقان ئوغلۇم يېنىمغا كىلىپ، ئېغىزىدا " دادا، دىنوزاۋۇر"دىگىنىچە خوشامەت قىلغاندەك قىلىپ قاراپ تۇردى؛ بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئىنىق بولۇپ، ئۇ مېنىڭ تېلفونۇمدا دىنوزاۋۇر كۆرىمەن دىگەنلىك ئىدى.

     يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بويان، ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمدە، يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ئەھۋال ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش دائىملىق ھالىتى بولۇپ قالغان ئىدى. توغرا، مەن ھەرخىل بالا تەربىيىلەش ماقالىلىرى ۋە سىن فىلىملىرىدا قاتتىق تەنقىد قىلىنىدىغان، ئائىلىدە قاچان قارىسا تېلفون ئويناپلا ئولتۇرىدىغان ئاشۇ خىلدىكى دادىلاردىن. مەن بۇنداق قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەلۋەتتە بىلىمەن، ئەمما ھەر قېتىم ئاز-تولا پۇشايمان قىلغان ۋاقتىمدا، كۆڭلۈمدە يەنە بىر ئۆزۈم چىقىپ دەيدۇ:" ھېچقىسى يوق، بىر كۈن ئىشلەپ چارچىدىڭ، ئاران بىر دەم ئېلىش ۋاقتى كەلگەندە تېلفونغا قاراپ، ئۆزۈڭنى ئەركىن قويۇپ بەرسەڭ بولمايدىغان نىمىسى بار؟ بۇندىن كىيىن ئوغلۇڭغا ھەمرا بولىدىغان ۋاقىت دىگەن كۆپ".

      نەتىجىدە، ھەر قېتىم يىڭىپ چىقىدىغىنى كۆڭلۈمدىكى ئۆزۈم، مەن يەنە دەخلىسىز تېلفون ئويناپ ئولتۇرىۋىرىمەن.

1.jpg

      ئويلايمەنكى، مەندەك ئويلايدىغان ۋە مەندەك ئىش كۆرىدىغان دادىلار ھەرگىز ئاز ساندا ئەمەس ھەقىچان.

     بىز ھەر خىل ئاماللارنى ئىشلىتىپ بالىمىزنى يېنىمىزدا قالدۇرۇشقا تىرىشىمىز، ھەتتا ئات-ئانىمىزنى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىپ، بالىغا قارىشىپ بىرىشكە ئېلىپ كىلىشتىنمۇ باش تارتمايمىز؛ ئەمما ئاخىرىغا كەلگەندە بىزنىڭ بالىمىزغا ھەمرا بولىدىغان ۋاقتىمىز، تېلفونغا ھەمرا بولىدىغان ۋاقتىمىزغا قارىغاندا خېلىلا ئاز بولىدۇ. ھەر قېتىم بۇلارنى ئويلىغان ۋاقتىمدا، مەن ناھايىتىمۇ خىجىل بولۇپ كىتىمەن. مەندەك ئېغىزىدا ۋە كۆڭلىدە بالىنىلا ئويلايدىغان بىر " بالا سارىڭى"،  قانداق بولۇپ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم؟ مەن ناھايىتى بىئارام بولدۇم، ھەم بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىنىقلاپ چىقىشنى نىيەت قىلدىم.

     پەقەت يېقىنقى مەزگىلگە كەلگەندىلا، مەن دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بالامغا بولغان مۇھەببىتىمىنىڭ ھايۋانلار خارەكتىرىدىكى" بالىسىنى قوغداش" قاتلىمىدا توختاپ قالغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. بۇندىن ئىلگىرى مەن ئىزچىل تۈردە، پەقەت بالام قورسىغى توق، كىيىمى پۈتۈن، تېنى ساغلام ۋە بىخەتەر تۇرسىلا، مەن بۇ دادا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئادا بولغان بولىدۇ دەپ قاراپ كەلگەن ئىكەنمەن.

      بۇ سەۋەپلىك مەن ئىلگىرى ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن، كۆپ بولسا ئايالىمدىن بىرەر ئېغىز " بۈگۈن بالىنىڭ تاماق يىيىش ئەھۋالى قانداقراق؟" دەپ سوراپ قوياتتىم؛ ئوغلۇم سۆزلىيەلىگۈدەك بولغاندىن كىيىن، مەن ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ دەيدىغىنىم " بۈگۈن قانداق ياخشى تاماقلارنى يىدىڭ" دىگەن بىر جۈملە سۆز ئىدى. دەسلىپىدە ئوغلۇم ھەر نىمىدۇر ئاز تولا ئىنكاس قايتۇراتتى، كىيىنچە كۆپ سوراۋەرگەنسىرى بار-بارا بۇ سۆزلىرىمگە پەرۋا قىلمايدىغان بولدى.

      بۇ خىل ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن ئەڭ بىۋاستە سەۋەب، مىنىڭ بالا تەربىيەلەش ۋە بالىغا ھەمرا بۇلۇش جەھەتتە سەرپ قىلغان ۋاقتىمنىڭ ئاز بولغانلىقى ئىدى. تەجىربەم كەمچىل بولغانلىقتىن، نۇرغۇن ئىشلارنى قانداق قىلىشنى بىلەلمىگەن ھەم قانداق قىلىشنى ئۆگىنىشنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن، ھەمىشە بۇ ئىشلارغا ئانىسى بولغاندىكىن بولدىغۇ دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىكەنمەن.

      يەنە يۇقارقى سەۋەبلىك، مەن ئوغلۇمنىڭ نۇرغۇنلىغان " تۇنجى قېتىم" لىرى بىلەن ئۇچرىشالماي ئۆتۈشۈپ كەتتىم: تۇنجى قېتىم ئۆرۈلەلەيدىغان بولۇشى،  تۇنجى قېتىم ئىمىلەكلىشى، تۇنجى قېتىم سۆزلىشى، تۇنجى قېتىم ئۆزى مۇستەقىل يول مېڭىشى، تۇنجى قېتىم سۇغا چۈشۈپ سۇ ئۈزۈشى.....

2.jpg

      ھازىر ئويلىسام، ئوغلۇم تۇغۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغا كەلگۈچە، مەن خۇددى يات ئادەملەرگە ئوخشاش، پەقەت بىر ياندىلا ئۇنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە قاراپ تۇرۇپتىمەن؛ ئۇنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگەنلىكى، ئارلىقتا يەنە قانداق خوشاللىق ۋە خاپىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، بۇ تەرەپلەر مىنىڭ خاتىرەمدە ناھايىتى غۇۋا ئىدى. ئەمما ئايالىم ماڭا ئوخشىمايدۇ، ھامىلدار بولغاندىن باشلاپ، ئۇ بالىنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاشقا باشلىغان ئىدى.

     ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، تەخمىنەن بىرە يىل ئەتراپىدا بالىغا ئايالىم بىلەن ئىككىمىزلا قارىدۇق؛ ئەمىلىيەتتە مەن ئىشقا بارىدىغان بولغانلىقىم ئۈچۈن، كۆپىنچە ھاللاردا ئايالىم ئۆزى يالغۇز قارايتتى؛ بالا بېقىش ھەر ئىككىمىزگە نىسبەتەن بىر يىڭىلىق، ئەمما ئايالىم ئۆگىنىشنى خالايدىغان تىپقا تەۋە، مەن بولسام ئەگەشكۈچىلەر تىپىغا تەۋە ئىدىم.

      بىر مەزگىللەردە ئوغلۇمغا سۇ تەمرەتكىسى چىقىپ، ئەھۋالى سەل ئېغىرلىشىپ قالدى؛ ئايالىم توردىكى ھەر قايسى ئانىلار چەمبىرەكلىرىدە باشقىلاردىن ياردەم سوراپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئالاقىدار تەجىربىگە ئىگە بىرسىدىن بالىغان سۇۋاپ يۇيۇندۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل دورا رىتسىپىنى سېتىۋالدى؛ بۇ جەرياندا مەن ئۆتىگەن رول ناھايىتى دورا سېتىۋىلىپ كىلىش، كەچ تەرەپلىرى ئىشتىن قايتقاندىن كىيىن بالىنى يۇيۇندۇرۇپ دورا سۇۋاشقا ياردەملىشىشى ئىدى، بەزىدە تېخى مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ ئوخشىتالماي، دورا سۇۋاش تەرتىۋىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان ۋاقتىممۇ بولغان.

      بالا ئازراق چوڭ بولغاندىن كيىن ئايالىم ئۇنىڭغا قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى تەييارلاشقا كىرىشتى؛ ھەر كۈنلىكى ھەرخىل تۈرلەرنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇماچ، شۇرپا ، گۆش پىشلىقى قاتارلىقلارنى قىلىپ بالىغا يىگۈزۈپ، ئۇنى ناھايىتى بودەك قىلىۋەتتى. ئەمما مەن بولسام، بالىغان چۆپ سېلىپ بەرگەندە كىسىپ قىسقىراق قىلىپ سېلىپ بىرىشتەك مۇشۇنداق ئاددى بىر ئىشنىمۇ، نەچچە قېتىم ئەسكەرتكەندىن كىيىن ئاران ئۈگۈنىۋالدىم؛ ئەمما بالا قايسى ۋاقىتتا قانداق يىمەكلىك يەيدۇ دىگەندەك مەسىلىلەرگە قارىتا، مىنىڭ كاللامدا ئاساسى جەھەتتىن بۇ خىلدىكى ئۇقۇملار يوق بولۇپ، ئايالىم نىمىنى قىلىشنى تاپىلىسا شۇنى قىلاتتىم. بىر قېتىم تېخى " بۇيرۇق" نى ياخشى ئىجرا قىلالماي، بالىغا تۇخۇم سېرىغى ئىچۈرگەندە تۇخۇمنىڭ ئېقىنى پاكىزە ئېقىتىۋەتمەي، بالىنىڭ شۇ ئاخشىمى بەدىنىگە قىزىل مۇدۇچاقلارنىڭ چىقىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان ئىدىم. شۇندىن كىيىن بىرە چاتاق چىقىرىپ سېلىشتىن قورقۇپ، ئوغلۇمغا ئىككىچىلەپ تۇخۇم يىگۈزمىدىم.

      بالىغا ئويۇنچۇق ئېلىپ بىرىش مەسىلىسىدىمۇ، ئايالىم ماڭا ئوخشاش بۇنداق خالىغانچە ئىش كۆرمەيدۇ؛ ئايالىم ئوغلۇمنىڭ ئۆسۈشى ھەربىر يىڭى بۆلەككە قەدەم قويغاندا، ئۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ئويۇنچۇقلارنى سېتىۋىلىپ، بالىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارىنى يىتشتۈرەتتى ۋە چېنىقتۇراتتى. بەزىدە ئۇ ماڭا بەزى ئويۇنچۇقلارنىڭ رولى ھەققىدە چۈشەنچە بىرەتتى، لىكىن مەن ناھايىتى بىر ئويۇنچۇققۇ شۇ، بالىمىز ئويناپ خوشال بولسىلا بولمىدىمۇ، نەدىمۇ مۇنداق كۆپ ئىشلار بولسۇن دەپ قارايتتىم. پەقەت نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر دوستۇمنىڭ بالىسىغا ئويۇنچۇق تاپانچا ئىلىپ بەرگىنىنى، بالىسىنىڭ بۇنى ئويناش جەريانىدا ئۆز مومىسىنىڭ كۆزىنى يارىلاندۇرۇپ دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ قويغىنىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا، ئاندىن يۈرەكلىرىم سېلىشقا باشلىدى، ھەم ھەر نىمە بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئوغلۇمغا قالايمىقان ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرمەپتىكەنمەن دىگەن خىيالغا كەلدىم.

      بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە مەن ئەسلىدە بالا تەربىيىلەشنىڭ تېخنىكىلىق تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتىم؛ يىيىش، كىيىنىش، ئىشلىتىش، يۈرۈش، ئويۇنچۇق ئويناش قاتارلىق ھەربىر بۆلەك ۋە ھەر بىر تەرەپلەر ناھايىت چوڭقۇر بولغان ئىلىم ۋە تېخنىكا سەۋيىسى تەلەپ قىلىدىكەن.

3.jpg

      ئەمما ئۆز-ئۆزۈمدىن سوراپ باقسام، بالام تۇغۇلغاندىن بىرى، بالا تەربىيىلەش ۋە بالىغا ھەمرا بولۇش توغرىسىدىكى ماقالە ۋە بىلىملەردىن مەن زادى قانچىلىك ئۈگىنىپ باقتىم؟ مەن ئۆزۈمنى " چوڭ بوۋاق" تىپىدىكى ئەر كىشى دەپ قارىمايمەن؛ ئەمما مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بالا بېقىش جەھەتتە مىنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىم ۋە كەسىپچانلىقىم ئايالىمغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئاز ۋە تۆۋەن ئىدى. بەلكىم قەدىمدىن بويان  داۋاملىشىپ كەلگەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بالا بېقىش ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيىتى دىگەن بۇ قاراشنىڭ سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن، ماڭا ئوخشاش دادىلار ناھايىت تەبىئى ھالدا ھۇرۇن بولىۋالىمىز؛ ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئېيتىلغان ھورۇنلۇق ھەممە ئادەمدە ئۆيدە ھېچ ئىش قىلمايدىغان بۇلۇپ ئىپادىلىنىشى ناتايىن، ئۇ تېخىمۇ كۆپ ھاللاردا بىر خىل ئىدىيە جەھەتتىكى ھورۇنلۇق ، يەنى بالا تەربىيىلەشنى ئۆگىنىشنى خالىماسلىقتەك بىر خىل ھورۇنلۇق بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.

     ئۆگەنمىگەنلىك سەۋەبىدىن بىلمەيدۇ، بىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن قول تىقمايدۇ؛ بۇ خىل ھالەت بەلكىم ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن دادىلارنىڭ بالا بېقىش بۇ مەسىلە جەھەتتە دۇچ كەلگەن قىيىن ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن. يەنە بۇ سەۋەبلىك بىز بالىغا ھەمرا بولىدىغان ۋاقتىمىز بار چاغلاردىمۇ، ئەڭ ئاسان ھەم ئىش كەتمەيدىغان ئۇسۇلنى تاللايمىز— بالىغا تېلىۋىزورنى ئېچىپ بىرىمىز؛ ئەگەر ئايالىمىز بالا تېلىۋىزورنى كۆپ كۆرسە زىيانلىق دەپ بىزگە ئەسكەرتىش بەرسە، بىز دەرھال ئۆزىمىز كىرىسلودا ئولتۇرۇپ يانفون ئويناشقا چۈشۈپ كىتىمىز.

     بۇ يەرگە كەلگەندە مەن چوقۇم ئايالىم ئۈچۈن بىر مەدىيەھ سۇنمىسام بولمايدۇ؛ مەدىيەھلەشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۇنىڭ بالا تەربىيەلەش جەھەتتىكى تۆلىگەن بەدەللىرى ۋە توختىماي ئۆگىنىشى بۇلۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭ مەن چەكلىك ھالدا قاتناشقان بالا تەربىيىلەش جەريانىدا ھەمىشە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگەنلىكىم ئۈچۈن مىنىڭ بالا بېقىشىپ بىرىشىمدىن ۋاز كەچمەي، بەلكى توختىماي مىنى يىتەكلىشىدە؛ ھەتتا ئۇنىڭ بۇ خىل ۋاز كەچمەسلىكى مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەرخىل يىتەسىزلىكلىرىم توغرىسىدا ئويلىنىشقا سەۋەپچى بولغان ئاساسلىق ئامىلدۇر.

       بىلىشىڭىز كىرەككى، بالا بېقىش مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئەرلەر ئاياللىرى تەرىپىدىن"زەربە" يىگەندىن كىيىن، بىۋاستە تەسلىم بولۇپ يانغا چىقىۋالىدۇ، نەتىجىدە ئىسمى جىسمىغا لايىق " بويتاق ھالەتتىكى بالا تەربىيىلەش" ھالىتى شەكىللىنىدۇ. شۇڭلاشقا " ئانىلار خاسىيەتلىك ئادەم" بۇلۇشنىڭ كەينىدە، ھورۇن بىر ئەر كىشى بولۇپلا قالماي، يەنە بىر كۈچلۈك ھەم يول قويمايدىغان ئايال كىشى بار بولىدۇ.

 

★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★

 

        قىسقىسى، بالىلار ئەر-ئايال ئورتاق تاماملىغان" ئەسەر"دۇر؛ شۇڭلاشقا بالا تەربىيەلەش ۋە بالىغا ھەمرا بولۇشنى ئانا يالغۇز بىر ئادەمگە تاشلاپ قويۇشقا ھېچقانداق ئاساس بولمايدۇ.

4.jpg

       ئاتاقلىق پىسخىلوگىيە ئالىمى گېردى مۇنداق دىگەن: " دادا بولسا بىر خىل ئالاھىدە كەلگەن مەۋجۇتلۇق، بالا تەربىيەلەشكە نىسبەتەن ئۇلاردا ئالاھىدە بىر خىل كۈچ بار." . شۇنىڭ ئۈچۈن دادا بولۇش سالاھىتىمىز بىلەن بىز بالا تەربىيەلەش ۋە بالىغا ھەمرا بولۇش مەسىلىسىدە قاچاق ئەسكەر بولماسلىقىمىز كىرەك.

 

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号