
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى ئۈزۈكسىز ئۆرلەشكە باشلىدى. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ياخشى بولغان كۆز ئىشلىتىش ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشىنى نازارەت قىلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇردى. بالىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى بايقىغان ھامان ئاكتىپلىق بىلەن ئىلمىي تۈزەپ ۋە كونتىرول قىلىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇس سانى ئېشىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.
بالىغا يىراقنى كۆرەلمەسلىك دىئاگنوزى قويۇلغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار تولىمۇ تەشۋىشلىنىدۇ.
قىشلىق تەتىل باشلاندى، ھاۋانىڭ سوغۇقلىقىدىن، كۆپلىگەن بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆيدە ئوينايدۇ. ئاز بولمىغان ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ تېلىۋىزور كۆرگەندە دائىم كۆزىنى قىسىپ، بېشىنى قىيسايتىپ، يەنە تۇرۇپ-تۇرۇپ كۆزىنى ئۇۋۇلىغىنىنى ھەيرانلىق ئىلكىدە بايقايدۇ. بالىلىرىنىڭ كۆز ساغلاملىقىدىن ئەنسىرىگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتىدۇ.
بالىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەن ئاتا-ئانىلار ھەمىشە تەشۋىشلىنىدۇ. چۈنكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كىشىنىڭ شەخسىي ئوبرازىغىلا ئەمەس، يەنە بالىنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشى، ھەربىيلىككە قاتنىشىشى، خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلىرىگىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، زادى نېمە سەۋەب بالىنى كىچىك تۇرۇپلا يىراقنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ؟
بەك بالدۇر ھەم ھەددىدىن زىيادە كۆز ئىشلىتىش بالىلارنى بىلىپ بىلمەيلا يىراقنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ.
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلاردا كىچىكىدىنلا دەسلەپكى تەربىيە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، دەسلەپكى تەربىيە دەرسلىكىگە قاتناشتۇرىدۇ. شۇڭا، بالا ئۈچ ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا كىتاب ئوقۇشقا، سان تونۇشقا باشلايدۇ. ھەددىدىن زىيادە يېقىن ئارلىقتا كۆز ئىشلىتىش پائالىيىتى بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىۋېتىپ، يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلار توپىغا بالدۇرغا ئەكىرىپ قويىدۇ.
ئوقۇغۇچىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى ئۇلارنىڭ يېقىن ئارىلىقتا كۆز ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزاق بولۇپ كەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بالىلار ھەر كۈنى دەرستىن چۈشۈپ، يەنە ھەر خىل دەرس تەكرارلاش سىنىپلىرىغا بارىدۇ، بىكار چاغلىرىدا سىرتقى پائالىيەتلەرگە ئىنتايىن ئاز قاتنىشىپ، قولىدىن ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى چۈشۈرمەيدۇ. ئۆيدە يېقىن ئارىلىقتا كۆز ئىشلىتىشى، سىرتقى پائالىيەت ۋاقتىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىشى، ئورتاق ھالدا بالىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
بالىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، كۆرۈش قۇۋۋىتى زەخمىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
كەلگۈسى ئون نەچچە يىل ئىچىدە، يىراقنى كۆرەلمەسلىك بىر قاتار كۆز ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ زەخمىلىنىشى ۋە ئەمالىقنى پەيدا قىلىدىغان بىرىنچى كېسەللىك سەۋەبىگە ئايلىنىدۇ. تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتلىشىچە، تەخمىنەن %80 يۇقىرى گىرادۇسلۇق يىراقنى كۆرەلمەسلىككە گىرىپتار بولغۇچىلاردا كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ سېرىق داغلىق خۇسۇسىيەت ئۆزگىرىشى يۈز بېرىدۇ. يىراقنى كۆرەلمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك سېرىق داغلىق ئۆزگىرىشكە گىرىپتار بولغانلارنىڭ تەخمىنەن %89ى 5 يىل ئىچىدە ئەما بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئەگەر بالىدا يىراقنى كۆرەلمەسلىك بايقالغان ھامان، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ۋاقتىدا تۈزەش كېرەك.
0 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان ۋاقىت كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشىدىكى سەزگۈر مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى بالىلارغا ئىلمىي ئۇسۇلدىكى كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇشچانلىق تەكشۈرتۈشىنى قىلدۇرۇپ، نۇر سۇندۇرۇشنىڭ نامۇۋاپىقلىقىنى توغرا تۈزەتكەندە، نۇر سۇندۇرۇشنىڭ بىنورماللىقىنى ھەمدە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ تېز سۈرئەتتە يۇقىرىلاپ، كۆز ئاستى كۆرۈش تور پەردىسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. يۇقىرى گىرادۇسلۇق يىراقنى كۆرەلمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەمالىق خەۋىپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
قىشلىق تەتىلدە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۈزىتىش، يىل ئاخىرىدىكى ئۆرلەش ئىمتىھانىغا ئالدىنئالا تەييارلىق قىلغانلىققا باراۋەر.
قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ۋاقىت يېتەرلىك، بۇ دەل كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۈزەش مەسلىھەتى ئېلىش ۋە تەكشۈرتۈشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى. باھار بايرىمىدىن كېيىن، ئالتىنچى ئايدا ئىككى مەيدان مۇھىم ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە ئوتتۇر مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ. ئۆرلەش ئىمتىھانىدا كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بالىلار تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇزاق ۋاقىت كىتاب كۆرۈپ، ئۆگىنىش قىلغاندا، ئاسانلا كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ چارچىشى يۈز بېرىدۇ. ئۆگىنىش نەتىجىسى مۇھىم، بىراق كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلاملىقىمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش بەدەن تەكشۈرتۈش خىزمىتى كۆرسەتمىسىنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، كۆپلىگەن كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى بىلەن باغلىنىدىكەن. ياخشى نەتىجىگە ياخشى كۆرۈش قۇۋۋىتى قوشۇلغاندا، تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك كەسىپنى تاللىغىلى بولىدۇ. MCT تېخنىكا مۇتەخەسىسلىرى ئوقۇغۇچىلار جىددىي تەييارلىق قىلىش بىلەن بىرگە، چوقۇم كۆز تازلىقىغا دىققەت قىلىشى، توغرا بولغان كۆز ئىشلىتىش ئادىتىنى ساقلىشى، ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئىلىم-پەن تېخنىكىسىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى تېز، ئوپېراتسىيە قىلماي تۇرۇپلا كۆزەينەكتىن قۇتۇلۇش رېئاللىققا ئايلاندى
كۆپلىگەن يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلار ئوپېراتسىيە بىلەن كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۈزەشنى، جازىلىق كۆزەينەكنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، ئوپېراتسىيە پەقەت كۆز كېسەللىكلىرى بولمىغان ھەمدە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئىككى يىلدىن ئارتۇق مۇقىم بولغان قۇرامىغا يەتكەنلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. تېببىي ئىلىم تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئوپىراتسىيەسىز ئۇسۇل بىلەن كۆزەينەكنى ئىلىۋېتىش رېئاللىققا ئايلاندى. ئوپېراتسىيە قىلماي تۇرۇپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۈزەش كۆپ تۈردە دۆلەت پاتېنتىغا ئېرىشكەن MCT تېخنىكىسىغا تايىنىدۇ. پىرىنسىپى بولسا، كېچىسى رەقەملەشتۈرۈش لاھىيەسىدىكى MCT تېخنىكىسىدىكى رېزىنكە كۆز قارىچۇقى ئەينىكى تاقاپ، مۈڭگۈز پەردىنى توغۇرلايدىغان فىزىكىلىق شەكىلدە تۈزەش قىلىپ، مۆڭگۈز پەردىنىڭ ئەگمىلىك نىسبىتىنى ئۆزگەرتىپ، كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇش گىرادۇس سانىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت.
يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى تۈزەپلا قالماي، كونتىرول قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
ياش-ئۆسمۈرلەر يىراقنى كۆرەلمەسلىككە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇسى ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن تەڭ ئۆرلەپ ماڭىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى، چوڭقۇرلىشىشىنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىش مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى كونتىرول قىلىش جەھەتتە، MCT تېخنىكىسىنىڭ ئىقتىدارى تولىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.
يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كونتىرول قىلىشقا دىققەت قىلىپ، بالىنىڭ بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزىنى قوغداش كېرەك.
يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ يۈز بېرىشىگە ۋە خەۋىپىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ يۇقىرى گىرادۇسلۇق يىراقنى كۆرەلمەسلىككە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ھەر تۈرلۈك كۆز ئاستى كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكى شەكىللىنىپ، كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قانداق قىلغاندا ئىلمىي ئۇسۇلدا كۆز ئىشلىتىش، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك.
يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ بەلگىلىك ئېرسىيەت خاھىشى بولىدۇ، مەسىلەن ئاتا-ئانا ئىككىيلەن يىراقنى كۆرەلمەسلىككە گىرىپتار بولسا، قانداق قىلغاندا بالىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ ھازىرقى ئىلگىرىلەۋاتقان يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى بۇ تۈردىكى ئالاھىدە بالىلاردا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى يۈز بەرگۈزمەيدۇ ھەمدە كېچىكىپ يۈز بەرگۈزىدۇ، شۇنىڭدەك يۇقىرى گىرادۇسلۇق يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە پاتولوگىيىلىك يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئېھتىماللىقىنى يۈز بەرگۈزمەيدۇ.
ئېغىر ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ سىرتقى پائالىيەت ۋاقتىنى ئازايتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك سانىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ئامىلى بولۇپ قالماقتا. يىراقنى كۆرەلمەسلىك ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا تۈزەش ۋە كونتىرول قىلىش كېرەك.

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكى

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مۆچەلدىكى ئاياللارنىڭ غۇرورى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار يېراقنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭا ئەزەلدىن ئەركىشىنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيدۇ.

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھالىدىن كەتسىمۇ، ئەمما پەقەت ب

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەك

يات جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتىدە، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئىپادىسى بار ئاياللارنى قايتا ئىزدىمەڭ؛ چۈنكى، بۇخىلدىكى ئاياللار سىزنىڭ كۆڭۈل بىرىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ.

يېقىندا، ئاركۇپ ناملىق بىر شىركەت، سۇ ئۈستىدە لەيلەيدىغان بىر يۈرۈش ئۆي لايىھەلەپ چىققان ھەمدە كىلەركى ئايدا فىلورىدا شىتاتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان كىمە كۆرگەزمىسىدە

يېقىندا، باربىي قونچىقىنىڭ تەۋرەنمەس مەستانىسى بولغان بۇلغارىيەلىك بىر قىز، ئۆزىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ قېلىن كالپۇكقا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگە

ئەركىشى بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا، كۆپىنچە ئايال كىشىنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى، بىر ئادەمنى چۈشەنمىگەن ۋاقىتتا، ئۇن




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号