ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ياخشى بالا تەربىيەلەشتە ئاتا-ئانىلار بۇ بەش ئىشنى قىلىشى كېرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بالا تەربىيەلەش، ئىنتايىن مۇشەققەتلىك بىر ۋەزىپە؛ لېكىن بۇنىڭدىن ئىرىشكەن جاۋابنى، ھېچقانداق خىزمەت بىرەلمەيدۇ.
   ھارۋاد داشۆسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بالىسىنى ياخشى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى، تۆۋەندىكى بەش ئىشنى قىلغانلار ئىكەن.
ۋاقىت چىقىرىپ بالىسىغا ھەمراھ بولۇش
   بۇ قارىماققا ناھايىتى ئاددى، ئەمەلىيەتتە بولسا ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىدۇر. بىز ھازىر، پەن-تېخنىكا، خىزمەت، ئىجتىمائىي ئالاقە توپى ۋە ئۇچۇر-خەۋەرنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىغان يىللاردا ياشاۋاتىمىز؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بىز ئالدىراش ۋاقىتلاردا، بالىغا ئويۇنچۇق ياكى يانفون تاشلاپ بىرىپ ئۇلارنىڭ خاپا قىلماسلىقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىمىز، بۇنداق قىلساق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇلارغا ھەمراھ بولغانغا قارىغاندا كۆپ ئاسانغا توختايدۇ.
   ۋاقىت سەرپ قىلىپ بالىلارغا ھەمراھ بولۇش، قولىمىزدىكى ھەممە ئىشنى قويۇپ، بىللە كىتاپ ئوقۇش، بىللە توپ ئويناش، سىرتلارغا چىقىپ سەيلى قىلىش ياكى بىرگە قارت ئويناش دېگەنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار سىز ئۆزىڭىز ھەمراھ بولغان ۋاقىتلارنى ئەستە ساقلاپ قالىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە، ئۇلارمۇ تورغا چىقىشنى خالىمايدۇ، ئۇلار پەقەت سىز بىلەن بىرگە ئويناشنى ئويلايدۇ.
بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش
   بالىلارغا راھەت بولغان ماددىي تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بىرىش، ئۇلارنى قوغداش ياكى ئۇلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ كىيىمىنى پۈتۈن قىلىش قاتارلىقلار، سىزنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىشىڭىزنى ئىپادىلەشكە يىتەرلىك ئەمەس. بالىلار سىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىن چىققان گەپ-سۆزلەر ئارقىلىق، سىزنىڭ ئۇلارغا ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقىڭىزنى ھەم كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىشكە مۇھتاج. بۇ ئىنتايىن مۇھىم.
بالىلارغا مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى ئېيتىپ بىرىش
   سىزنىڭ بالىڭىزغا بىرەلەيدىغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىتىڭىز، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىغا پۈتۈنلەي مەسئۇل بولۇشنى، مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆگىتىشتۇر.
   بالىلارغا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆگىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە، ئىشىنىش. ئەگەر سىز بالىڭىزغا ئىشەنسىڭىز، بۇ ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە رىغبەتلەندۈرگەنگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشتىكى ھالقىلىق مەسىلە.
بالىلارغا ھەر كۈنى مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىتىش
   تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەھمىتىنى ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا ياردەم بىرىش مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار تېخىمۇ بەكرەك كەڭ قورساق، ھېسداشلىق قىلىش تۇيغۇسىغا ئىگە، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە توغرا چۈشىنىدىغان كېلىشى مۇمكىن ئىكەن؛ بىرلا ۋاقىتتا، بۇنداق كىشىلەر بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، مىننەتدارلىقنىڭ بىر خىل قىممەتلىك سوۋغا ئىكەنلىكىنى بالىلارغا كۆرسىتىش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلار مەيلى نېمە ئىش قىلغان بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئىپادىسىنى ئېتىراپ قىلىپ ماختاش كېرەك.
بالىلارنى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتكە ئۇچراشتۇرۇش
   بالىلارنى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باشقىلارنى سۈيىدىغان، كەڭ قوساق بولىدىغان ھەم خۇشال كەيپىياتنى ساقلايدىغان ئادىمىيلىك خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى يىتىلدۈرۈشىگە ياردەملىشىش لازىم. ئۇلارغا دۇنيانىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مۇھىت ۋە مەدەنىيەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئۇلارنى يېڭى ئوي-خىيال ۋە مۇمكىنچىلىكلەرگە ئۇچراشتۇرۇش لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号