ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
نېمىشقا ئوغۇل بالىغا داۋلى سۆزلەشكە بولمايدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يازغۇچى لۇ جۈن ئۆزىنىڭ كىتابىدا، بالىلارغا داۋلى سۆزلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈمسىز تەربىيە ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تىلغا ئالغان.
   بۇ بىر جۈملە سۆزنى، پەقەت ھەقىقىي تۈردە دادا ۋە ئانا بولۇپ باققانلارلا چۈشىنىپ يىتەلەيدۇ، بولۇپمۇ ئوغۇل بالىسى بارلار. سىزمۇ بەلكىم، ئادەتتىكى بىر داۋلىنى ئوغلىڭىزغا ئېغىزىڭىدا نەم قالمىغۇچە چۈشەندۈرسىڭىز، ئۇنىڭدا قىلچىلىك ئىنكاس كۆرۈلمەسلىكتەك كەچمىشنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققان بولىشىڭىز مۇمكىن.
   بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار مەسىلىلەرنى بالىلارنىڭ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئويلىشىدۇ. مەسىلەن، بالا سىرتقا چىقىپ ئوينىغىلى ماڭغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ كىيىمنى يۇيىمەن دەپ جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا كىيىمىنى مەينەت قىلىۋەتمەسلىكنى جىكىلەيسىز؛ نەتىجىدە، ھەر قېتىم بالىڭىز سىرتتىن قايتىپ كەلگەندە، كىيىمىگە ھەر خىل داغ مەينەتلەرنى قوندۇرۇپ كېلىدۇ.
   بالىلارنى تەربىيەلەش جەريانىدا، ئەمەلىيەتتە داۋلى سۆزلىگەننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. بالىلار ئەمەس، قورامىغا يەتكەنلەرنىڭمۇ، باشقىلار سۆزلىگەن داۋلىلارنى ئاڭلاپ قوبۇل قىلىپ كېتىشى ناتايىن. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى مائارىپشۇناسى ھومىرىنىسكىي مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلغان: ھەر قانداق بىر تەربىيە ھادىسىسىدە، بالىلار بۇ جەرياندا تەربىيە ئىشلىگۈچىنىڭ مەقسىتىنى قانچە ئاز ھېس قىلىپ يەتسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
   سىز بالىغا داۋلى سۆزلەپ چۈشەندۈرسىڭىز، بالا پەقەت پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلىدۇ، ئەمما ئىچكى دۇنياسىدا بۇنىڭغا قارشى بولۇشى ياكى خالىماسلىقى مۇمكىن؛ بالىلار پەقەت ئۆزى شەخسەن باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتىدۇ.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، قىز بالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوغۇل بالىنىڭ ھېسسىيات ئورتاقلىشىش ئىقتىدارى ناچار بولۇپ، ئۇلار مەسىلىلەرنى ئاتا-ئانىسىنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلىيالمايدۇ، سىز ھەر قانچە كۆپ سۆزلىگىنىڭىز بىلەنمۇ ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ قوبۇل قىلمايدۇ.
مەسىلەن، ئوغلىڭىز سىرتتا ئويناپ كىيىمىنى مەينەت قىلىۋەتكەندە، سىز ئۇنىڭغا كىيىمىنى ئۆزى يۇيۇشقا بۇيرۇپ، كىيىم يۇيۇشنىڭ جاپاسىنى ئۇنىڭ بېشىدىن بىر قېتىم  ئۆتكۈزۈپ قويسىڭىز، بۇ ئۇنىڭغا داۋلى چۈشەندۈرگەندىن كۆپ ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   ئوغۇل بالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەچمىش تەربىيەسى داۋلى سۆزلىگەنگە قارىغاندا كۆپ ئۈنۈملۈك، جازالاش بەلگىلىمىسىنى بىكىتىشمۇ ھەم شۇنداق. بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا ھەمىشە داۋلى سۆزلەپ قايىل قىلىمەن دېسە، ئۈنۈمى ئاساسەن يوق دىيەرلىك بولىدۇ.
   ھەقىقى تۈردىكى ئۈنۈم بىرىدىغان جازا بولسا، بالىلارنى جازاغا ھەقىقىي تۈردە قاتناشتۇرۇش. مەسىلەن، ئۇششاق يىمەكلىكىنى ۋاقتىنچە مۇسادىرە قىلىش، بەلگىلىك ۋاقىت تېلىۋىزور كۆرگىلى قويماسلىق دېگەنلەرگە ئوخشاش؛ بۇنىڭدا ئۇلار كىيىنكى قېتىم دىققەت قىلىدىغان بولىدۇ. ئەلۋەتتە، جازالاش چارىلىرىنى، ئاۋۋال بالا بىلەن كىلىشىۋىلىش كېرەك، بۇنىڭدا ئىجرا قىلىش جەريانى كۆپ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
   بۇندىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بالىسىغا داۋلى چۈشەندۈرمەكچى بولغاندا، مەسىلەن بالىغا "تاماق يىگەندە يانفون ئوينىماسلىق" ھەققىدە تەربىيە ئىشلىگەندە، ئاتا-ئانىلار ئاۋۋال ئۆزى بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئۈلگە بولۇشى كېرەك. بۇلمىغاندا، ئاتا-ئانىلار ئېغىزىدا باشقا گەپ قىلىپ، ئەمەلىيىتىدە باشقىچە ئىش كۆرسە، بالىلار قايسىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قايمۇقۇپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号