ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ تۆت خىل قىلمىشى بارلار لاياقەتسىز ئاتا-ئانىلاردۇر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزىنىڭ لاياقەتلىك ئاتا-ئانىلاردىن بولالىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ لېكىن بالا تەربىيەلەش جەريانىدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەربىر ئېغىز گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش ھەرىكەتلىرى بالىلارغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنى دوراپ ئۆگىنىپ قالىدۇ. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى تۆت خىل قىلمىشى بارلار، بالىلىرىنى بىر ئۆمۈر جاپاغا قويىدۇ.
بالىسىنى چۈشۈرىدىغان ئاتا-ئانىلار
   نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالا تەربىيەلەش جەريانىدا تاياق-توقماق ئىشلەتمەيدۇ، ئەمما تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى تىل ئارقىلىق غىدىقلاپ زەربەر بىرىشكە ئۆزگەرتكەن. مەسىلەن، بالىسى ھەر قانداق ئىش قىلسا، ياكى ھەر قانچە ياخشى قىلسىمۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ نەزەرىدە مەڭگۈ يىتەرلىك ئەمەس ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىسىنىڭ ماختىشىغا ئىرىشەلمەيدۇ، يەنە تېخى ئەيىبلەشكە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى، بەلكىم بالىسىنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولۇشى ئۈچۈن بولىشى مۇمكىن؛ لېكىن بۇ خىل تەربىيەلەش ئۇسۇلى، بالىلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزىدىن گۇمانلىنىدىغان، ئۆزىنى ئىنكار قىلىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
خاراكتېرى كۈچلۈك ئاتا-ئانىلار
   نۇرغۇن ئائىلىلەردە، ئاتا-ئانىلار خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك كېلىدۇ، بولۇپمۇ بالا تەربىيەسى جەريانىدا، ھەمىشە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بالىسىغا مەجبۇرى تېڭىپ، ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرىدۇ، ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق تەربىيەلەش ئۇسۇلى، بالىلارنىڭ تەدرىجىي ھالدا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنى، مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شەخسىيەتچى ئاتا-ئانىلار
   نۇرغۇن ئاياللار، تۇغقاندىن كېيىن خىزمىتىنى تاشلاپ، پۈتۈن زېھىنىنى بالا تەربىيەلەشكە قارىتىدۇ، تۇرمۇشتىكى بارلىق ئىشلاردا بالىسىنى مەركەز قىلىپ چۆگىلەيدۇ ھەمدە ئۆزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. بۇ خىل قىلمىش، قارىماققا بالا ئۈچۈن ئائىلە ئۈچۈن بولغان شەخسيەتسىز قىلمىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا شەخسىيەتچىلىك قىلغانلىق، بىرلا ۋاقىتتا بالىنىمۇ شەخسىيەتچى ئۆگىتىپ قويىدۇ.
بالىغا زىيادە ئامراقلىق قىلىدىغان ئاتا-ئانىلار
   ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا ئامراق كېلىشى نورمال ئەھۋال، لېكىن بەزى ئاتا-ئانىلار ئامراقلىقنى چەكتىن ئاشۇرىۋىتىپ، بالىلاردا ئاش كەلسە ئېغىزىنى ئېچىپ، كىيىم كەلسە قولىنى سۇنۇپ تۇرىدىغان يامان ئادەت شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا، بالىلار شەخسىيەتچى، ئۆزى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بالىلار كەلگۈسىدە ئاسانلا جەمئىيەت تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号