ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئائىلە تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەشتىكى توققۇز تۈرلۈك پىرىنسىپ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
باراۋەر بولۇش پىرىنسىپى
   پىسخولوگىيەدە بايقىلىشىچە، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى بىلەن باراۋەر ئاساستا ئۆز-ئارا مۇنازىرلەشسە ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزسە، بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا، توغرا-خاتانى ئايرىشىغا ۋە تەسەۋۋۇر كۈچى بىلەن ئىجادىي كۈچىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور پايدىلىق ئىكەن.
ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى
   ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت تاپارسەن، ئىززەت قىلساڭ ئىززەت كۆرەرسەن؛ بۇ ماقال تەمسىل، ئائىلە تەربىيەسىگىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ.
پىكىرلىشىش پىرىنسىپى
   ياخشى بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى
ئەركىن قويۇپ بىرىش پىرىنسىپى
   بالىلارنى بەك قاتتىق باشقۇرۋىلىش دانالىق ئەمەس، ئەكسىچە ئۈنۈمگە ئىرىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن؛ ئاتا-ئانىلار، بالىلارغا ئىشىنىشى، ئۇلار يىتەرلىك دەرىجىدە بوشلۇق بىرىشى كېرەك.
بىرلىككە كېلىش پىرىنسىپى
   ئائىلە تەربىيەسى ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما بىرلا ۋاقىتتا، يەنە جەمئىيەت ۋە مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن بىرلىككە كېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
ئۈلگە بولۇش پىرىنسىپى
   ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتېرى بولۇپ، بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلارنىڭ باش بولۇپ ئۈلگىلىك رول ئوينىشى لازىم بولىدۇ.
سەمىمىي بولۇش پىرىنسىپى
   قىلغان گېپىگە چوقۇم ئەمەل قىلىش، سەمىمىيەتلىكنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى، پەقەت سەمىمىي بولغان ئاتا-ئانىلارلا، ئاندىن ۋەدىگە ۋاپا قىلىدىغان بالا تەربىيەلەپ چىقالايدۇ.
كەڭ قوساق بولۇش پىرىنسىپى
   ئادەمنىڭ ھەممىسى خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، شۇڭا بالىلاردىن تېخىمۇ ئاغرىنىپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ خاتالىقىغا نىسبەتەن كەڭ قورساق بولۇپ، ئۇلارنىڭ خاتالىقنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ چىقىپ، قايتا خاتالىشىشتىن ساقلىنىشىغا ياردەملىشىشى لازىم.
رىغبەتلەندۈرۈش پىرىنسىپى
   بالىلار تەربىيەسىدە، ئاتا-ئانىلار بالىنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك، تىل ياكى ماددا جەھەتتىن بولسا ئوخشاشلا بولىۋىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号