ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلارنىڭ كىچىلىك سۈتىنى قايسى ۋاقىتتا تاشلىتىش كېرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئانا سۈتى ياكى سۈت پاراشوكى، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئۇزۇقلۇق مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. دەسلەپكى نەچچە ئايدا، بوۋاقنىڭ ئاشقازان سىغىمى كىچىك بولغانلىق سەۋەبىدىن، شۇڭا ئۇلارغا ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئىمىتىش پىرىنسىپىنى قوللىنىمىز، بۇ سەۋەبلىك كېچىسى ئىمىتىدىغان ئادەت شەكىللىنىدۇ.
   لېكىن، كېچىسى سۈت ئىمىشنى بەلگىلىك ياشقا كىرگەندىن كېيىن تاشلاش لازىم؛ بولمىغاندا، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.
بوۋاق قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ كىچىسى ئىمىشنى تاشلاش لازىم؟
   يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كىچىسى كۆپ ئىمىشى نورمال ئىش، ئىككى ئۈچ ئايلىق بولغان ۋاقىتتا بولسا، كىچىسى ئىمىش قېتىم سانى تەدرىجىي ئازلايدۇ؛ 6-4 ئايلىق بولغان ۋاقىتتا بولسا، بوۋاقنىڭ كىچىسى ئىمىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە تەييارلىق كۆرۈش لازىم. ئادەتتە بوۋاقنىڭ كىچىسى ئىمىش ئادىتىنى تاشلىشىغا ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر بوۋاق 9ئايلىق بولغاندىن كېيىنمۇ كىچىسى ئىمىشنى تاشلىمىسا، بۇنىڭ بوۋاققا بولغان يامان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ.
كىچىسى ئىمىشنى تاشلىماسلىقنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى
   بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ. بوۋاق كىچىسى سۈت ئەمسە، ئۇلارنىڭ ئاشقازىنىنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىسى ئويغانغانلىق سەۋەبلىك ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يىتىپ، بۇ سەۋەبلىك ئۆسۈش ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ؛ يۇقىرىدىكى ھەر خىل ئامىللارنىڭ ئونۋىرسال تەسىر كۆرسىتىشى ئاستىدا، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.
   بوۋاقنىڭ چىش ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بوۋاق 8ئايلىق بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ چىشى چىقىشقا باشلايدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا يەنە كىچىسى ئىمىدىغان ئادىتى بار بولسا، بالىدا بىنورمال چىش چىقىپ قېلىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوۋاقنىڭ چىشىغا ۋە ئېغىز بوشلۇقىغا زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.
  چالا ئۇيقۇدا سۈت ئىمىتىشنىڭ خەتىرى بار.  كىچىسى سۈت ئىمىتكەن ۋاقىتتا، بوۋاق ۋە ئانا ھەر ئىككىسى چالا ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرغان بولۇشى مۇمكىن؛ بۇ ۋاقىتتا ئەگەر بوۋاق سۈت ئىمىش جەريانىدا توقۇپ كەتسە ياكى سۈت تۇرۇپ قالسا ھەمدە ئانا ۋاقتىدا بايقىيالماي قالسا، ئادەم تەسەۋۋرۇ قىلغۇسىز ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号