ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارنى قانداق ئاسراش كېرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھامىلدارلىق ھەپتىسى 37ھەپتىگە توشماي تۇرۇپ تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارغا تەۋە بولىدۇ. بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان،  كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى نىسبەتەن ئاجىز، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ يېنىك كىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشىغا موھتاج بولىدۇ.
ئانا سۈتى ئىمىتىشتە چىڭ تۇرۇش
   بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن، بەدەن ئېغىرلىقى يىنىك بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بوۋاقنى ئۇزۇقلاندۇرۇش جەھەتتە، ئەڭ ياخشىسى ئانا سۈتى ئىمىتىش كېرەك. ئانا سۈتى قارىماققا سۇيۇقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمما تەركىبىدە كېسەللىككە قارشى تۇرغۇچى ماددىلار بار. زۈرۈر تېپىلغاندا، دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئانا سۈتىنى كۈچەيتىش دورىلىرىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.
   بالىنى ئىمىتىش جەھەتتە، مىقدارنى كونترول قىلماق لازىم. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىنكى دەسلەپكى ئۈچ كۈندە، ئىمىتىش مىقدارى دوختۇرخانىدىكى بىلەن ئوخشاش بولۇش، بوۋاقنىڭ يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىشىغا ئەگىشىپ، مىقدارنى تەدرىجى ئاشۇرۇش لازىم. مۇھىت ئۆزگىرىش سەۋەبلىك، بوۋاقنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيى بەلگىلىك ماسلىشىش ۋاقتىغا موھتاج بولىدۇ؛ شۇڭا، بوۋاقنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ۋە ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئىمىتىش ئۇسۇلىنى قوللانساق بولىدۇ.
راھەت مۇھىت يارىتىپ بىرىش
   تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشكە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ، بولۇپمۇ بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بالىلارغا نىسبەتەن، تېخىمۇ ھەم شۇنداق. بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاققا نىسبەتەن، ئۇنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن، ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرسىنى 26-24سىلتسىيە گىرادوس ئەتراپىدا كونتىرول قىلماق لازىمدۇر. شارائىتى يار بىرىدىغان ئائىلىلەر، ئۆيگە تىمپىراتۇرا ئۆلچىگۈچتىن بىرنى بىكىتىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆينىڭ تىمپىراتۇرسىنى لايىقىدا كونترول قىلساق بولىدۇ.
مۇۋاپىق تۈردە ۋىيتامىنD ۋە تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش
   بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ۋىيتامىنD ۋە تۆمۈر ماددىسىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ لېكىن بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بالىلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە بۇ ئىككى خىل ماددا نىسبەتەن كەمچىل بولىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا تۇلۇقلاش كېرەك. ۋىيتامىنD، كالتسىي ۋە فوسفورنىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەكنىڭ يىتىلىشىگە ياردەملىشىدۇ، شۇڭا ئۇلارغا ۋاقتىدا ۋىيتامىنD تولۇقلاپ بىرىش لازىم بولىدۇ.
ئەگەر تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولسا، بوۋاقتا ئاسانلا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا تۇلۇقلاپ بىرىلمىسە، سۆڭەك ۋە نىرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تسىر كۆرسىتىدۇ.
كىنگوروچە ئاسراش ئۇسۇلى
   بوۋاقنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى ۋاقتىغا تەقلىد قىلىپ، ئۇنى قۇچاقتا بىر ئىككى سائەت كۆتۈرۈپ بىرىش كېرەك؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنى ئىمىتسىڭىز بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بوۋاقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ.
بوۋاقنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش
   يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار يەپ ئىچكەن ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتنى، ئاساسى جەھەتتىن ئۇخلاش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ھەركۈنى 20سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئانىلار بالىغا راھەت ھەم جىمجىت ئۇخلاش مۇھىتى يارىتىپ بىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号