ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
جىياكاڭ كېسەللىكى بار ئاياللار نورمال ھامىلدار بولالامدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
   جىياكاڭ كېسەللىكى—يەنى، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كىتىش كېسەللىكى(甲亢)، ئىشىنىمەنكى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە تونۇشلۇق. بۇ خىل كېسەللىك كۆپىنچە ئادەم بەدىنىدىكى ئىممونت سېستىمىسى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 40-20ياش ئارىسىدىكى ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئالتۇن دەۋرىنىمۇ ئۆزى ئىچىگە ئالىدۇ.
   ئۇنداقتا، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كىتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار قورساق كۆتۈرمەكچى بولسا، قايسى جەھەتلەردىن دىققەت قىلىشى كېرەك؟
   قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كىتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇلار داۋالاشنى قوبۇل قىلمىغان ياكى كېسەللىك ئەھۋالى ياخشى كونترول قىلىنمىغان بولسا، ئۇلار ھامىلدار بولغاندا ئاسانلا بالا چۈشۈپ كىتىش، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش، ھامىيلە بىنورمال يېتىلىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ. ھامىلدارلىق ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىتتا، تۇغۇتتا (تۇغۇت يولىدىن تۇغۇش ۋە ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ھەر ئىككى ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جىياكاڭ خەتەرلىك ئەھۋالىنى پەيدا قىلىپ، ھامىلدار ئايال ۋە بالىنىڭ ھاياتىغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كىتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلدار بولماقچى بولسا، قالقانسىمان بەزىنىڭ ئىقتىدارىنى چوقۇم ياخشى كونترول قىلىشى كېرەك.
    قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كىتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلدار بولماقچى بولسا، تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
   1. ئەگەر سىز رادىئاتسىيەلىك يۇد 131لىك داۋالاشنى قوبۇل قىلغان بىمار بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى يېرىم يىل ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ھامىلدار بولىشىڭىز كېرەك. بولمىسا ھامىيلە غەلىتە يېتىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
   2. دورا ئىشلىتىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلالمىغان بىمارلارغا قارىتا، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە(24-16ھەپتىسى) ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىش تەكلىۋى بىرىلىدۇ.
   3. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، دوختۇرخانا تۇغۇت بۆلىمىگە كىلىپ دائىملىق تەكشۈرتۈش قىلدۇرغاندىن سىرت، يەنە ئىچكى ئاجرالما كېسەللىكلىرى بۆلىمىگە بېرىپ، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.
   4. پىرىنسىپ جەھەتتە، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كىتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا قارىتا، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كىتىش كىسەللىكى ياكى تۆۋەنلەپ كىتىش كېسەللىكى بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش لازىم بولىدۇ.
   5. ھەربىر ئادەمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە بەدەن كونكىرتنى ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ، يۇقارقى تەكلىپلەر پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن بىرىلگەن تەكلىپلەردۇر؛ شۇڭا، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كىتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار قورساق كۆتۈرمەكچى بولسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، ھەممە ئىشتا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە جىكىلىشى بويىچە ئىش كۆرىشى لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号