ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىيلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى قايسى ۋاقىتتا بەلگىلىنىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
   گەرچە جەمئىيەت ئۆزلۈكسىز تۈردە تەرەققى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشىمىزدىكى بەزىبىر كىشىلەردە، يەنىلا ئوغۇللارنى ئەتىۋارلاپ قىزلارنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئىدىيە مەۋجۇت، بولۇپمۇ ياشانغانلار توپى ئىچىدە.
   ئەلۋەتتە، بەزى كىشىلەر ئىككىنچى بالىغا ھامىلدا بولغان ۋاقىتتا، بىرئوغۇل بىر قىز پەرزەنتلىك بولۇشنى ئۈمىد قىلغاچقا، قوساقتىكى بالىنىڭ ئوغۇل ياكى قىزلىقىغا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارايدۇ.
   مەيلى قايسى سەۋەب تۈپەيلىدىن بولمىسۇن، بەزىلەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قوسىقىدىكى بالىنىڭ ئوغۇل قىزلىقىنى تەكشۈرتۈپ بىلىپ باقماقچى بولىدۇ؛ بىراق، قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش قانۇنغا خىلاپ بولغاچقا، دوختۇرخانا ئادەتتە ئۇلارغا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ.
   تېخىمۇ ئەقىلگە سىغمايدىغىنى، بەزىبىر كىشىلەر، ھامىلدار ئايالغا ئاتالمىش "ھامىيلىنىڭ جىنسىنى ئۆزگەرتىش" دورىسى ئىچۈرىدۇ؛ بۇ خىل قىلمىشى، ھامىيلىنىڭ ساغلام يىتىلىشىگە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ھامىيلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىنى ئۆزگەرتىش، تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش.
ھامىيلىنىڭ جىنسىي ئايرىمسى قايسى ۋاقىتتا بەلگىلىنىدۇ؟
   ھامىيلە زادى ئوغۇلمۇ ياكى قىزمۇ، ئەمىلىيەتتە ئىسپىرما بىلەن تۇخۇم بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى ھاسىل قىلغان ۋاقىتتىلا بىكىتىلىپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇۋەپپىقىيەتلىك ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، تۆرەلمە ھامىيلە بولۇپ يىتىلىپ بولالمىغان ۋاقىت بولسىمۇ، بوۋاقنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى مۇقىملىشىپ بولغان بولۇپ، ئۆزگەرتىش ئەلۋەتتە مۇمكىن بولمايدۇ.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم يىتىلىپ  ھامىيلىگە ئۆزگەرگەندىن كىيىن، ھامىيلىنىڭ ئەزالىرى تەدرىجى ھالدا مۇكەممەللىشىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئۈسكۈنىدە تەكشۈرگەندە، ھامىيلىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىشى مۇمكىن، لىكىن بۇ ۋاقىتتا، ھامىيلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىنى ئۆزگەرتىمەن دىيىش، تېخىمۇ بىمەنە بىر قىلمىش.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ھامىيلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىمەن دەپ ئويلىساق، ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى، بەزىبىر ئۇسۇللار ئارقىلىق بەدەن سۈپىتىمىزنى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ؛ مەسىلەن، بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە ئىشقارلىق تىپتىكى بەدەنگە ئىگە بولسا، ئوغۇل بالىغا ھامىلدار بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن؛ بۇنى گەرچە مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتىقىلى بولمايدۇ، ئەمما ئازدۇر-كۆپتۇر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، چۈنكى، ئىشقارلىق تىپتىكى بەدەن، Yخروموسومنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
ھامىيلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى، كىم تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ؟
   ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا، ئەگەر ئايال كىشى ئوغۇل تۇغالمىسا، نۇرغۇن كىشىلەر گۇناھنى ئايال كىشىگە دۆڭگەيتتى؛ لېكىن پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھامىيلىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولىشىدا دادىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىپ يەتتى.
   ھامىيلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىنى بەلگىلەيدىغىنى خروموسوم بولۇپ، ئاياللارنىڭ بەدىنىدە Xخروموسومدىن ئىككىسى بار، ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە بولسا Xخروموسومدىن بىرسى، Yخروموسومدىن بىرسى بار.
   ھامىلدار بولۇش ئۈچۈن، ئايال كىشى Xخروموسومدىن بىرنى تەمىنلەيدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر ئەركىشى Yخروموسوم تەمىنلىسە، ھامىيلە ئوغۇل بولىدۇ، ئەگەر ئەركىشىمۇ Xخروموسوم تەمىنلىسە، ئۇنداقتا ھامىيلە قىز بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号