ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلار ئەنسىرەشكە تىگىشىلىك رادىئاتسىيە مەنبەسى ئەسلى بۇكەن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   رادىئاتسىيەگە(辐射) ئۇچراش مەسىلىسى، ھامىلدار ئاياللار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار بۇ سەۋەپلىك، رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمى كىيىۋالىدۇ.
   ئۇنداقتا، رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمىنىڭ راستىنلا ئۈنۈمى بارمۇ؟
   بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بىرىشتىن ئاۋال، بىز ئالدى بىلەن تۇرمۇشتا قايسى خىل رادىئاتسىيەگە ئاسان ئۇچراپ قالىدىغانلىقىمىزنى ھەمدە بۇ خىل رادىئاتسىيەلەرنىڭ بەدەنگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىپ باقايلى.
   بىرىنچى بولۇپ، Xنۇرلۇق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى؛ گەرچە ھامىلدار ئاياللار بۇنداق ئەھۋالدا، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسىدىن ئۆتمەي، قولدا ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرۈش قىلدۇرۇشقا بولسىمۇ، ئەمما Xنۇرلۇق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى يېقىن ئەتراپىدا بولغاچقا، رادىئاتسىيە مەنبەسىدىن تۇلۇق قۇتۇلالمايدۇ. بىراق، ئالاقىدار پەن-تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، Xنۇرلۇق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى تارقىتىدىغان رادىئاتسىيەنىڭ ئومۇمى مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئاساسى جەھەتتىن يوق دىيەرلىك بولىدۇ. شۇڭا، ھامىلدار ئاياللار بۇنىڭدىن ئەنسىرمىسىمۇ بولىدۇ.
   ئىككىنچىسى، بىز دائىم ئىشلىتىدىغان يانفون. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، 2014-يىلىدىكى ۋاقىتتىلا بايانات ئېلان قىلىپ، يانفون رادىئاتسىيەسىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇندىن باشقا، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى يانفون ئىشلىتىپ بىرىشى، بوۋاقتا ھەرىكەت ئىقتىدار توسالغۇسى ۋە تىل يىتىلىشى ئاستا بولۇپ قېلىش خەۋىپىنى ئۈنۈملۈك دەرىجىدە تۆۋەنلىتەلەيدىكەن. شۇڭلاشقا، يانفون تارقاتقان رادىئاتسىيەمۇ بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ھەتتا ئەگەر ھامىلدار ئايال يانفوننى مۇۋاپىق تۈردە ئىشلىتىپ بەرسە، ئويلاپ باقمىغان خۇشاللىققا ئىرىشەلىشىمۇ مۇمكىن.
    دىمەك، رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمى كىيىۋىلىش، ئارتۇقچە بىر ئىش بولۇپ، رادىئاتسىيەدىن مۇداپىئەلىنىشكە قارىتا چوڭ پايدىسى بولمايدۇ.
   ئۇنداقتا، تۇرمۇشىمىزدا ھامىلدار ئاياللار ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك رادىئاتسىيە مەنبەسى يوقمۇ؟
   ياق، بار؛ ئۇ بولسىمۇ، تاماكا كۆيگەندە چىققان ئىس شەكىللەندۈرگەن رادىئاتسىيەدۇر.
   تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، تاماكا كۆيگەندە چىققان ئىس تەركىبىدە، پولۇنىي210دىن ئىبارەت بۇ خىل رادىئاتسىيە قويۇپ بىرىدىغان ئىلمىنت بار.  ئادەتتە، ھەركۈنى 30تال تاماكا چىكىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن، تاماكا ئىسى تەركىبىدىكى رادىئاتسىيە قويۇپ بىرىدىغان ماددىلارنىڭ ئۇنىڭ ئۆپكىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، Xنۇرى ئۇنىڭ كۆكرىكىنى 300قېتىم كىسىپ ئۆتكەنگە باراۋەر كىلىدىكەن.
   بۇندىن باشقا، باشقىلار چەككەن تاماكىنىڭ ئىسىنى سۈمۈرۈشمۇ تاماكىغا ئوخشاشلا، بالا چۈشۈپ كىتىش، بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش، ھامىيلە غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار ئۆزى تاماكا چەكمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارنىڭ تاماكا ئىسىنى سۈمۈرۋىلىشتىنمۇ ساقلىنىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号