ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىڭىز تۇغۇلغاندىن كىيىن بۇ تۆت كىنىشكىنى ۋاقتىدا بىجىرۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن، تۆۋەندىكى تۆت خىل كىنىشكىنى ئىمكان قەدەر تىز سۈرئەتتە ۋاقتىدا بىجىرىش كىرەك؛ بولمىغاندا، كىيىنچە كۆپ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايسىز.
تۇغۇلۇش ئىسپاتى
   ئادەتتە، رەسمى تۈردىكى دوختۇرخانىلار، ھامىلدار ئايال تۇغۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا كىرىپ ياتقان ۋاقىتتىلا، ئۇلارنىڭ "تۇغۇت تىببى ئىسپاتى جەدۋىلى" توشقۇزغىلى سالىدىغان بولۇپ، بۇ بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن، "تۇغۇلۇش ئىسپاتى" چىقىرىپ بىرىش ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىقتۇر. تۇغۇلۇش ئىسپاتى، بوۋاقنىڭ بۇ دۇنياغا كەلگەندىن كىيىنكى بىرىنچى قېتىم تۇرغۇزۇلغان ئارخىۋى ھىسابلىنىدۇ.
ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسى
   يىڭى ئاتا-ئانا بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلىدۇ، بوۋاقلارغا تۇغۇلۇپ بىر كۈن ئىچىدە، Bتىپلىق جىگەر كىسەللىكى ۋاكسىنىسى ۋە كاجې ۋاكسىنىسى ئەملىنىدۇ؛ بىراق، بۇ ۋاقىتتا، بوۋاقلارنىڭ تېخى ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسى چىقمىغان بولىدۇ. ئەمما سىز بۇنىڭىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ دوختۇرخانا يىڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ۋاكسىنا ئەملەپ بولغاندىن كىيىن، ئالاقىدار ئىسپاتلارنى چىقىرىپ بىرىدۇ؛ سىز كىيىن ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسى بىجىرگىلى بارغاندا، بۇ ئىسپاتلارنى بىللە ئېلىپ بارسىڭىز، كىنىشكا بىجىرىلىش بىلەن بىرگە، ئىلگىرى ئەملەنگەن ۋاكسىنىلارمۇ بىللە خاتىرلىنىدۇ.
نۇپۇسقا ئالدۇرۇش
   بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ تۇغۇلۇش ئىسپاتى بار بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نۇپۇسقا ۋەكىللىك قىلمايدۇ؛ شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ئىمكان قەدەر تىز سۈرئەتتە ئالاقىدار ئورۇنلارغا بېرىپ، بالىسىنى نۇپۇسقا ئالدۇرۇشى كىرەك، بۇنىڭدا ئاندىن بوۋاق سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ ھەقىقى بىر ئەزاسى بولغان ھىسابلىنىدۇ. ئادەتتە، بالا تۇغۇلۇپ بىر ئاي ئىچىدە، ئاتا-ئانىسى بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ئىسپاتىنى ئېلىپ، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىخانىسىغا بېرىپ، نۇپۇسقا ئالدۇرۇش رەسمىيتى ئۆتىشى كىرەك.
داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسى
   نۇپۇستىن باشقا، بالىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسىمۇ ئىتنايىن مۇھىم؛ بۇنىڭدا، ئەگەر بوۋاق تاساددىبى ئاغرىپ قالسا، دوختۇرخانىدا داۋالىنىش جەريانىدا، سۇغۇرتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يىنىكلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا بىجىرۋالمىسىڭىز ھەمدە ئىشلىتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالغاندا ئاندىن بىجىرىمەن دىسىڭىز، ئاۋارىچىلىققا ئاز بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号