ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
تۇغۇپ قىرىق كۈندىن كىيىنكى تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم، سەل قارىماڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەتتە، يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغۇپ 42كۈن بولغاندا بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، سەل قاراپ ئۆتكۈزىۋىتىشكە بولمايدۇ.
جاراھەت ئېغىزى ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
   بەزى ئاياللاردا، بەدەن ساپاسى ياكى تۇرمۇش ئادىتى سەۋەپلىك، مەسىلەن، تىككەن يىپ سۈمۈرۈلمەسلىك، تۇغۇپ ياتقان مەزگىلدە تەرلەش ياكى يۇيۇنغاندا جاراھەت ئېغىزىغا سۇ تىگىپ بىرىش، جاراھەت ئېغىز ئالغان ۋاقىتتا قولىدا جاراھەت ئېغىزىنى تاتىلاپ بىرىش قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبىدىن، جاراھەت ئېغىزىنىڭ ياخشى ساقىيالماسلىقى كىلىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بار بولۇپ، 42كۈن بولغاندىكى بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە، بۇ ئەھۋاللارنى بايقاشقا بولىدۇ. دوختۇرلارمۇ تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ جاراھەت ئېغىزىنىڭ ساقىيىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئىككىنچى قېتىم بىتەرەپ قىلىش كىرەك ئىكەنلىكىنى ياكى كىرەك ئەمەسلىكىنى بىكىتىدۇ ۋە باشقا زۈرۈر بولغان داۋالاشلارنى ئېلىپ بارىدۇ.
داس سۆڭەك بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش
   ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت، ئاياللارنىڭ داس سۆڭەك ئاستى مۇسكۇلى ۋە نىرىپ ئورگانىزىملىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بولۇپ، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، جىنسىي يولى بوشىشىپ كىتىش، بالىياتقۇ ئورنى تۆۋەنلەپ كىتىش قاتارلىق نۇرغۇن ئەھۋاللار، دەل داس سۆڭەك ئاستى زەخمىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. شۇڭلاشقا، داس سۆڭىكى ئاستى بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
ئاياللار كىسەللىكى تەكشۈرۈشى
   تاشقى جىنسى يولدا زەخمە بارمۇ يوق ۋە جاراھەت ئېغىزىنىڭ ياىشىلىنىش ئەھۋالىنى، جىنسىي يول ئاجرالما ماددىلىرى ئاجرىلىپ چىققان ياكى چىقمىغانلىقى، بالىياتقۇ بوينىدا يېرىلىش جاراھىتى بار يوقلۇقىنى ۋە ئېغىز ئېلىپ ساقىيىش ئەھۋالى، ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغقاندا كەسكەن ئېغىزنىڭ ياخشىلىنىش ئەھۋالى، بالىياتقۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ھامىلدارلىقتىن ئىلگىرىكى مەزگىلدىكىگە ئوخشاش ھالەتكە كەلگەن كەلمىگىنى تەكشۈرىلىدۇ.
بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كىلىش ئەھۋالى
   بەزى ئاياللاردا، بالىياتقۇسى تۇلۇق ئەسلىگە كىلەلمەسلىك ياكى بالىياتقۇ ھەمرىيى قالدۇقلىرى بالىياتقۇ بوشلۇقىدا قېلىش، بىرىكمە ياللۇغلىنىش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، چىللە خۇنى توختىمايدىغان، ھەتتا ياللۇغ ياكى بالىياتقۇ ئىچى ياللۇغى كىلىپ چىقىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. تۇغۇتتىن كىيىنكى 42-كۈندىكى تەكشۈرۈش ئاياللار كىسەللىكىنى Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى بىلەن تەكشۈرۈش تۈرىدە بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە بولىدۇ؛ ئەگەر بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كىلىشى تۇلۇق بولماسلىق ئەھۋالى بار بولسا، دوختۇرلار بۇنىڭغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يىتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号