ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالىنىڭ مىڭىسىدە قانچىلىك پەرق بار؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    مىڭە ئىلمى مۇتەخەسسىسى خۇڭ لەن ئىلگىرى بىر قېتىملىق نۇتقىدا، ئوغۇللار بىلەن قىزلارنىڭ مىڭىسىدىكى پەرق توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دىگەن:
   كۆپ قىسىم قىزلار خەرىتە كۆرۈشنى ياقتۇرمايدۇ، كۆپ قىسىم ئوغۇللار "تاغدىن-باغدىن " پاراڭلىشىشنى ياقتۇرمايدۇ، قىزلار باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش كۆرۈشكە ماھىر كىلىدۇ، ئوغۇللار بولسا نىسبەتەن ئۈندىمەس كىلىدۇ، ئوغۇللارنىڭ كەيپىياتىنىڭ كىلىشىمۇ تىز كىتىشىمۇ ھەم تىز بولىدۇ، قىزلار بىر ئاچچىقلانسا يېرىم كۈنگىچە بەزلەپ ئاچچىقىنى ياندۇرغىلى بولمايدۇ.
   ئەمىلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوغۇل ۋە قىزلارنىڭ مىڭىسىدىكى تۇغۇلما پەرق كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ،  ئەگەر سىز ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسىڭىز، ئوغۇللار بىلەن قىزلارنىڭ مىڭىسىدىكى پەرقنىڭ، ئانىسىنىڭ قوسىقىدىن باشلاپلا شەكىللەنگەنلىكىنى بايقىيالايسىز.
    ئۇنداقتا، ئوغۇللار بىلەن قىزلارنىڭ مىڭىسىدە قانداق پەرقلەر بار؟
چوڭ مىڭىزنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتتە
   قىزلارنىڭ مىڭىسىنىڭ كۆرۈش سىزىمىنى باشقۇرىدىغان قىسمى ئوغۇللارنىڭكىگە قارىغاندا چوڭ بولىدۇ؛ قىزلارنىڭ مىڭىسىنىڭ ئادەمنىڭ تەبىئىتى ۋە كەيپىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان قىسمى ۋە تىل سىزىم ئىقتىدارىنى باشقۇرىدىغان قىسمىمۇ، ئوغۇللارنىڭكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىزلارنىڭ كەيپىياتنى ھىس قىلىپ يىتىش ئىقتىدارى ۋە تىل ئىقتىدارى ئوغۇللارغا قارىغاندا كۈچلۈك كىلىدۇ.
تىل ئىقتىدارى جەھەتتە
   قىزلارنىڭ مىڭىسى، تىل-سۆزنى تېخىمۇ ئىنچىكە "پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان" بولۇپ، ئوغۇللارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارى قىزلارنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن تۇرىدۇ؛ شۇڭا، ئادەتتە قىز بالا ئوغۇل بالىغا قارىغاندا تىز گەپ قىلىدۇ ھەمدە ئىپادىلەش ئىقتىدارىمۇ ئوغۇللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
بوشلۇق تەپەككۇر ئىقتىدارى جەھەتتە
   ئوغۇللارنىڭ مىڭىسىدىكى بوشلۇق سىزىم ئىقتىدارىغا مەسئۇل قىسمى، قىزلارغا قارىغاندا ياخشىراق يىتىلگەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوغۇللارنىڭ سىتىرولۇق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە بوشلۇق تۇيغۇسى تېخىمۇكۈچلۈك ھەمدە ئوغۇللارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرى ياخشى، قىزلارنىڭ بولسا بىۋاستە سىزىمى تېخىمۇ كۈچلۈك.
ئۆگىنىش ئىقتىدارى جەھەتتە
   لوگىكىلىق خۇلاسىلاش جەھەتتە، ئوغۇللار دىدۇكسىيە ئۇسۇلىنى ئىشلىتىشنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ، قىزلار بولسا يېغىنچاقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، ئوغۇللار ئابىستىراكىتنى بولغان پەلسەپە ۋە لوگىكىلىق جەھەتتىكى مۇنازىرىنى ياخشى كۆرىدۇ؛ قىزلار بولسا، كونكىرتنى ئىشلارغا قارىتا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
سىزىم ئەزالىرى ئىقتىدارى جەھەتتە
   چەتئەلدىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوغۇللارنىڭ كۆرۈش سىزىمى نىسبەتەن ئوتتۇرغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئالدىدىكى نىشانغا تېخىمۇ كۆپرەك دىققەت قىلىدۇ؛ قىزلارنىڭ كۆرۈش دائىرىسى بولسا بىرقەدەر كەڭرى بولۇپ، ئالدى تەرەپكە دىققەت قىلىپلا قالماي، يەنە ئەتراپىدىكى نىشانلارغىمۇ دىققەت قىلىدۇ. ئاڭلاش سىزىمى جەھەتتە، قىزلار ئوغۇللاردىن ياخشى بولۇپ، يىڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئاسانلىقچە بايقاپ يەتكىلى بولمايدۇ؛ ئەمما مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ نىسبەتەن ئاجىز بولۇشى، ئوغۇل بالىلارنىڭ دەرسخانىدا دىققىتىنى تېخىمۇ يېغالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ھەرىكەت ئىقتىدارى جەھەتتە
ئوغۇللارنىڭ، يۈگرەش ۋە سەكرەش قاتارلىق چوڭ ھەرىكەت جەھەتتىكى ئىقتىدارى قىزلارنىڭكىدىن ياخشى؛ قىزلار بولسا قول ھۈنەرۋەنچىلىككە، رەسىم سىزىش، خەت يېزىش قاتارلىقلارغا تېخىمۇ ماھىر كىلىدۇ.
ياقتۇرىدىغان ئويۇنچۇق جەھەتتە
   ئوغۇللار مەشغۇلات خارەكتىرى كۈچلۈك بولغان، بەدەن كۈچىنى خورىتىدىغان ھەرىكەت تىپىدىكى ئويۇنچۇقلارنى، مەسىلەن ماشىنا، توپ قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرىدۇ. قىزلار بولسا، رول ئالىدىغان ئويۇنلارنى، مەسىلەن، ئۆي تۇتۇپ ئويناش قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئوغۇللار ھەرخىل ماشىنلارغا مەستانە بولىدۇ، قىزلار بولسا ئادەم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ.
ھىسيات ئالاھىدىلىكى جەھەتتە
   قىزلارنىڭ كەيپىياتنى ھىس قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ مول بولۇپ، 5-3ياش ۋاقتىدىلا، مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئويلىشىدىغان ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلەيدۇ؛ ئوغۇللار بولسا، تېخىمۇ ئاددى ھەم بىۋاستە كىلىدىغان بولۇپ، بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
بىخەتەرلىك مەسىلىسى جەھەتتە
   ئوغۇللارنىڭ مىڭىسىدە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى كۆپ بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقىدىكى دوبائەن مىقدارى قىزلارنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، ئۇلارنىڭ زىھنى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ماغدۇرى تېخىمۇ كۈچلۈك كىلىدۇ ھەمدە ھەمىشە يېقىلىپ چۈشىدۇ. قىز بوۋاقلار بولسا، تۇغۇلۇپ ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن، كۆپىنچىسى دەرھال "يىيىش-ئۇخلاش" ئەندىزىسىگە كىرىدىغان بولۇپ، كۈنلەپ ئۆيدە ئوينىسىمۇ زىرىكىش ھىس قىلمايدۇ.
بېسىمغا بەرداشلىق بىرىش جەھەتتە
   ئوغۇللار بولسا "قىسقا ئارىلىققا تىز يۈگرەش" تىپىدىكى ماھىرلار، قىزلارنىڭ بولسا ئۇزۇنغا بەرداشلىق بىرىش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك؛ ئوغۇللار مەزگىللىك بېسىم ئاستىدا تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنەلەيدۇ، قىزلارنىڭ مىڭىسىنىڭ بولسا، ئۇزۇن مەزگىللىك بېسىمغا بەرداشلىق بىرىش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号