ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلارنىڭ ئۇخلاۋىتىپ كۈلۈمسىرەپ قويىشى قانداق ئەھۋال
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يېقىندا بەزىلەر سۆز قالدۇرۇش رايونىدا سۆز قالدۇرۇپ، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۇخلىغان ۋاقتىدا كۈلۈمىسىرىشىنىڭ قانداق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى سورىدى. ئادەتتە، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا، ئۇخلاۋىتىپ كۈلۈمسىرەش، قوشۇمىسىنى تۈرۈش، پۇت-قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش قاتارلىقلار كۆرۈلسە نورمال ئەھۋال بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۇخلاش تەرتىۋى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ئۇيقۇلۇق ئىنكاس
   بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانى، توختىماستىن ئۆگىنىش جەريانى بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇلار نۇرغۇنلىغان ھەرىكەت، ھەتتا سۆزلەرنى ئۆگىنىدۇ؛ ئەلۋەتتە، كۈلۈمسىرەشمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە بار. نىسبەتەن تەبىئى كەلگەن بۇ ھەرىكەتلەر، بالىلاردا تەبىئى ئىنكاس پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، بوۋاق قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ مىڭىسىنىڭ ئاڭسىز ھالەتتىكى كونتىروللىقى ئاستىدا، تەبىئىيلا بەزىبىر چىراي ئىپادە ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەيدۇ.
چۈش كۆرۈش
   ئادەم ئۇخلىغاندا بەزىدە چۈش كۆرۈپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، قورامىغا يەتكەن كىشىلەرمۇ ئۇخلاۋىتىپ بەزىبىر بىنورمال ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ سېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ؛ بوۋاقلار بولسا تېخىمۇ شۇنداق. ئەگەر ئۇلار خۇشاللىنارلىق ئىشلارنى چۈشىگەن بولسا، ئۇنداقتا تەبىئىيلا كۈلۈمسىرەش چىراي ئىپادىسى كۆرىلىدۇ. ئادەم ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا، ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ مىڭىسى پائالىيەت قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ سەۋەپلىك ئادەم بەزىدە ئۇخلاۋىتىپ چۈش كۆرىدۇ.
جىمجىتلىقنى ساقلاش
   بوۋاقلارنىڭ ئۇخلاش ھالىتىنى جىمجىتلىق ئىچىدە ساقلاش ئەڭ ياخشى. ئۇلاردا ئۇخلاۋىتىپ كۈلۈمسىرەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، ئاتا-ئانىلار پەقەت ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ دەم ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كىرەك.
  ئەگەر بوۋاقلار يامان چۈش كۆرۈپ ئويغىنىپ كەتكەن بولسا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ دۈمبە قىسمىنى ئاستا ئۇرۇپ ئۇلارنى پەپىلەپ قويسا بولىدۇ. تىرە تىگىشىش، بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار تەدرىجى ھالدا چۈشىدىكى قورقۇنچنى ئۇنتۇپ، قايتا ئۇخلاش ھالىتىگە كىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号