ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىقتىكى بۇ قىلمىشلار ھامىيلىدە مەڭ شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەم بەدىنىدىكى مەڭ تۇغۇلما شەكىللىنىدىغان بولۇۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ؛ بىرسى بولسا رەڭ ماددىسى شەكىللىك مەڭ، يەنە بىرسى بولسا قان تومۇر شەكىللىك مەڭدۇر. مەڭ، ئادەتتە بالىلارنىڭ تىرە ئورگانىزىمىنىڭ يىتىلىشىنىڭ بىنورمال بولۇشى سەۋەبىدىن كۆرىلىدىغان بولۇپ، بەزىلىرى تۇغۇلۇشتىنلا بار بولىدۇ، بەزىلىرى چوڭ بولغاندىن كىيىن ئاندىن كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بەزى مەڭلەر بولسا، ئانىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تۆۋەندىكىدەك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت گىرىم قىلىش
   گۈزەللىكنى سۈيۈش، ئاياللارنىڭ تەبىئىتى بولۇپ، نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدىمۇ گىرىم قىلىشنى تاشلىمايدۇ. گىرىم بۇيۇملىرى تەركىبىدە ئەسلىدىنلا بەزىبىر مىتال ئىلمىنتلىرى ۋە زەھەرلىك رەڭ ماددىلىرى بار بولۇپ، ئەگەر ھامىلدار ئايال ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتسە، بۇ رەڭ ماددىلىرى ۋە مىتال تەركىبلىرى ھامىلدار ئايالنىڭ تىرىسىدە يېغىلىپ قېلىپ، ھامىيلىنىڭ تىرە ئورگانىزىمىنىڭ بىنورمال يىتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
غىدىقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە ۋە ئاچچىق يىمەكلىكلەر
   ھامىلدار ئايال ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ناچار يىمەك-ئىچمەك ئادىتى شەكىللەندۈرۋالسا، مەسىلەن، ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى ۋە غىدىقلاش تىپىدىكى يىمەكلىكلەرنى، كاربونات كىسلاتالىق گازلىق ئىچىملىكلەرنى ۋە ھامبۇرگ بولكىسى قاتارلىق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان بولىۋالسا، بۇنىڭدا ھامىلدار ئايالنىڭ تېنىدە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قېلىپ، بەدەن ئورگانىزىمىنى بەلگىلىك دەرىجىدە غىدىقلاپ، رەڭ ماددىسى ھۈجەيرىلىنىڭ نورمىدىن ئارتۇق رەڭ ماددىسى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ھامىيلىنىڭ يۈز تىرە قىسمىغا ئۆتۈپ، مەڭ شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
چاچ بوياش ۋە چاچنى بۈدرە قىلدۇرۇش
   چاچ بوياقلىرى تەركىبىدە زەھەرلىك خېمىيىۋى ماددىلار بار بولۇپ، ئاسانلا ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا، ھامىيلىدە مەڭ پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئەڭ ياخشىسى تۆۋەن ماقامدا بولۇپ، چاچ بۈدرە قىلغۇزۇش، چاچ بوياش قاتارلىقلاردىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش كىرەك.
مۇھىت بۇلغىنىش
   ھازىر تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، مۇھىت بۇلغىنىش بارغانسىرى ئېغىرلاپ بارماقتا؛ بولۇپمۇ شاۋقۇندىن بۇلغىنىش، رادىئاتسىيەدىن بۇلغىنىش قاتارلىقلار. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېنىدىن يانفون ئايرىلمايدۇ، ئەمما ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن چوقۇم ئۆزىنى ياخشى كونتىرول قىلىپ، يانفونغا بەك كۆپ ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كىرەك. بولمىسا ئۇزۇن ۋاقىت يانفون ئوينىغاندا، ھامىلدار ئايالنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يىتىپ، قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يىتىشى ھەمدە ئۇنىڭدا مەڭ شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号