ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىقتىكى بىئاراملىقلارغا تاقابىل تۇرۇش يەرلىك رىتسىپلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇش، سۇلۇق ئىششىق، بۇۋاسىر، ئۇيقۇ قېچىش، پەي تارتىشىش قاتارلىق ھەر تۈرلۈك بىئاراملىقلار، ھامىلدار ئايالنى ئاز قىينىمايدۇ؛ بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا، توردا بىر قىسىم "يەرلىك رىتسىپلار" ئېقىپ يۈرگەن بولۇپ، بۇ يەرلىك رىتسىپلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولۇشى مۇمكىن، يا بەلكىم ئۈنۈم كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، مۇشۇ يەرلىك رىتسىپلاردىن نەچچىنى رەتلەپ سۇندۇق؛ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلغان ئاساستا سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇشتا كولا ئىچىپ سىناپ كۆرۈڭ
   شۇنداق، خاتا كۆرمىدىڭىز! ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كولا ئىچىشكە بولىدۇ؛ بەلكىم يېنىڭىزدىكى ئىرىڭىز، قېيىنئانىڭىز ۋە ئانىڭىز قاتارلىقلار بۇنىڭغا قارشى قوپۇشى مۇمكىن. بىراق بۇنى، توردا ئۆزىنى دۈەن تاۋ دوختۇر دەپ ئاتىۋالغان بىرسى تۇنۇشتۇرغان؛ بەزىبىر چەتئەللىك دوختۇرلارمۇ، ھامىلدارلىقتىكى كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇشنى كولا ئىچىش ئارقىلىق توختاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭىز كىرەككى، بىر قېتىمدا بەك كۆپ ئىچىۋىلىشقا بولمايدۇ، بولمىغاندا، ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن يەنە قۇسۇشقا باشلايسىز.
   بۇندىن باشقا، ئەگەر كولا ئىچىشنى خالىمىسىڭىز، زەنجىۋىل شورپىسى ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ. باشقىلار زەنجىۋىلدىن چەككىلەپ ئېلىنغان ماددا ئارقىلىق ھامىلدارلىقتىكى كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇشنى داۋالاش ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۈنۈم بىرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
سۇلۇق ئىششىق
   ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىگە بارغاندا، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللاردا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ؛ پۇتى ئىششىپلا قالماي، قوللىرىمۇ ئىششىپ كىتىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، سۇس پۇرچاق سۈتى ئىچىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان سۇس دىگىنىمىز تاتلىق ئەمەسنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، تاتلىق پۇرچاق سۈتى ئىچىشتىن ساقلىنىشىڭىز  كىرەك. چۈنكى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەك كۆپ قەنت تەركىبى قوبۇل قىلىش ياخشى ئەمەس.
   سىز يەنە كۆك كاۋا شورپىسى ئىچىپ سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ، بەلگىلىك دەرىجىدە سۈيدۈك ھەيدەش رولى بار بولۇپ، سۇلۇق ئىششىقنى بەلگىلىك دەرىجىدە ياندۇرىدۇ، ئەمما ئۈنۈمى قۇسۇشنى داۋالاش ئۇسۇلىدەك ئۇنداق ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن.
بۇۋاسىر
   ھەر قېتىم ھاجەتكە ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئىلمان سۇدا مەقئەتنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، بۇۋاسىر ئەتراپىغا زەيتۇن مېيى ياكى بىر قىزىتقاندىن كىيىن سۇۋۇتقان كۈنجۈت مېيى سۇۋاپ بەرسەك ھەمدە دائىم مەقئەتنى يېغىپ قويۇپ بىرىش ھەرىكىتى ئىشلەپ بەرسەك بولىدۇ.
پۇتنىڭ پېيى تارتىشىش
   كەچلىرى پۇتىڭىزنىڭ پېيى تارتىشىپ قالغان ۋاقىتتا، سىز يۇمشاق يەردە يېتىپ، پۇتىڭىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھاۋادا چەمبىرەك سىزسىڭىز، پەي تارتىشىش تىزلا قويۇپ بىرىدۇ.
ئۇيقۇسى قېچىش
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئۇيقۇ قېچىشتا، مۇۋاپىق تۈردە بەزىبىر چىلان، ياڭاق، قارا كۈنجۈت، تېرىق، نومى گۈرۈچى، سامساقگۈل قاتارلىق مىڭىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تۈردە يەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
   ئۇخلاشتىن 30مىنۇت ئىلگىرى، ئىسسىق كالا سۈتى ئىچپ بىرىڭ، ئەمما ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا سۇنى ئىمكان بار ئاز ئىچىڭ؛ بولمىسا، كىچىسى كىچىك تەرەپ قىستاپ تېخىمۇ ئۇخلىيالمايسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号