ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
قوساقتىكى ھامىيلىنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدىغان ناچار ئادەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدار ئايالدا، كۆڭلى ئاينىپ قۇسۇش، سۇلۇق ئىششىق، بەل دۈمچىلىرى سىقىراپ ئاغرىش، ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرىلىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بۇنداق بىئارامچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار ھەرخىل ناچار ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۋالغان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلاش
   ھازىرقى شەھەر تۇرمۇشىدا، كىشىلەر ئادەتتە كەچلىرى كىيىن ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، كەچلىرى يەنىلا ھەرخىل قالايمىقان سۈرەن ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەيدۇ. بۇ ئەھۋال، ئەسلىدىنلا ئۇخلىمىقى تەس بولۇپ قالغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ بېشىنى تېخىمۇ ئاغرىتىپ، ئۇخلىيالماس قىلىپ قويىدۇ.
   بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئاياللار سىرتتىكى غەلۋە-غۇدۇردىن بىئارام بولۇپ ئۇخلىيالمىغاندا، بەلكىم بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلاشنى تاللىشى مۇمكىن؛ بۇنداق قىلغاندا، گەرچە قالايمىقان ئاۋازلارنىڭ دەخلىسىدىن قۇتۇلۇشقا بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئەگەر ھامىلدار ئايال بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلىسا، ھاۋانىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ، سۈمۈرىدىغان ئوكسىگىن مىقدارى ئازىيىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، قوساقتىكى ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ئەھۋالى كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
ئوڭدىسىغا تۈز يېتىپ ئۇخلاش
    ئوڭدىسىغا تۈز يېتىپ ئۇخلاش، ئادەتتە گەرچە ناھايىتى راھەت بولغان بىر خىل ئۇخلاش شەكىل ھالىتى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھامىلدار ئاياللارغا ماس كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىگە كەلگەندە، چوقۇم بۇ خىلدا يېتىپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش كىرەك؛ بولمىغاندا، ھامىيلىنى بېسىپ بىرىپ، ئۇنىڭغا ئوكىسگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىڭىز مۇمكىن.
    بۇندىن باشقا، ئوڭدىسىغا تۈز يېتىپ ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ھامىيلىمۇ ھامىلدار ئايالنىڭ بەل قىسىمىنى بېسىپ بەرگەچكە، ھامىلدار ئايالدىمۇ بەل دۈمچە ئاغرىيدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ.

ھاجەتخانىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇش
  ھامىلدار ئايال ھاجەتكە ئولتۇرغاندا، ئۇزۇن ۋاقىت زوڭزىيىپ ئولتۇرۋالسا بولمايدۇ؛ بولمىغاندا، بەدەندىكى قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە تېخى قوسىقىنى بسىپ بىرىدىغان بولغاچقا، ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئايال ھاجەتكە ئولتۇرغان ۋاقىتتا، ئۇزۇن ۋاقىت زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىشى كىرەك.
دۈم يېتىپ ئۇخلاش
   ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ رېتىمى تىز بولۇپ، ھەممىلا ئايال كىشىنىڭ ھامىلدار بولغاندىن كىيىن ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئارام ئالالىشى ناتايىن؛ بەزىلەر داۋاملىق بىر مەزگىل خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، خىزمەت ۋاقتىدا، چۈشتە بىردەم ئۇخلاپ ئارام ئالماقچى بولغاندا، شارائىت ياربەرمىگەچكە، بەزى ھامىلدار ئاياللار ئۈستەلگە ئېسىلىپلا بىردەم ئۇخلىۋالىدۇ. بىراق بۇ خىل قىلمىش، ھامىلدار ئايالغا نىسبەتەن قەتئى قوللىنىشقا بولمايدىغان بىر ئۇسۇل بولۇپ، بۇنىڭدا بالىنى بېسىپ بىرىپ، ئۇنىڭغا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بار بولىدۇ.
ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۋىلىش
    ھامىلدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى بىر يەردە ئۇزۇن ئولتۇرۋالماسلىق كىرەك، چۈنكى بۇنىڭدا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ قان ئايلىنىشى راۋان بولالمايدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ھامىلدار ئايالنىڭ بەل-دۈمچىسىنىڭ ئاغرىشى ۋە ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئاياللار مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ بىرىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى ھامىيلىنىڭ ساغلام يىتىلىشىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号