ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ناشتىدا بالىڭىزغا تۇخۇمنى بۇ ئۇسۇلدا يىگۈزۈڭ، ئۇزۇقلۇقى ياخشى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ياڭيۇ، ئەرزان! تۇخۇم، ئۇمۇ ئەرزان!
    تۇخۇم بىلەن ياڭيۇ قوشۇلسا، قىممەت باھا نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئۇزۇقلۇق گۇرۇپپىسى بولۇپ تەشكىللىنىدۇ! سىز پۈتكۈل كۆكتات بازىرىنى ئايلىنىپ چىقسىڭىزمۇ، ئۇلارغا يىتىشەلەيدىغان گۇرۇپپىنى تېپىپ چىقالمايسىز.
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ياڭيۇ ۋە تۇخۇم بىلەن تەييارلانغان ئۇزۇقلۇق ناشتىلىقى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. پىشىرۇپ تەييارلىسىڭىز، ناشتىلىقنىڭ سىرتقى ھالىتى تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ.
   تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز؟ ئەمما ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنىڭ قانداق يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كونكىرتنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟ ئەمىلىيەتتە، تۇخۇم تەركىبىدە ھەممىمىز بىلىدىغان ئاقسىلدىن باشقا، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ۋىيتامىن A، ۋىيتامىن Bتۈرى، فولىن كىسلاتاسى، فوسفور، سېلىن قاتارلىقلارمۇ مول. بۇندىن باشقا، يەنە بەلگىلىك مىقداردا ۋىيتامىن D، كالتسىي ۋە سىنىك بار.
    ياڭيۇغا كەلسەك، ياڭيۇ ئومۇمى خەلق ئاساسى يىمەكلىكى بولۇپ، قوساقنى تويغۇزۇش بىلەن بىرگە، يەنە ۋىيتامىن C تۇلۇقلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمشاق ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بالىلارنىڭ ھەممىسى ياقتۇرۇپ يەيدۇ.
    ئەگەر ئەتىگىنى ناشتىلىق تەييارلاشقا بەك كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشنى خالىمىسىڭىز، ئەمما بالىڭىزغا تەملىك تائام تەييارلاپ بىرىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ياڭيۇ تۇخۇم كۆمىچى، ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.
   ئەگەر دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرەي دىسىڭىز، ئۇنداقتا ئازراق پىشلاق(奶酪)ۋە تازىلانغان راك(虾仁) قوشۇۋەتسىڭىز، تەمى تېخىمۇ تەملىك بولۇپ چىقىپ، ئومۇمى خەلق ناشتىلىقى دەرھال پادىشاھلار ناشتىلىقىغا ئۆزگىرىدۇ.
    پىشلاق بىلەن تازىلانغان راك، ھەر ئىككىسى كالتسىي تۇلۇقلايدىغان ياخشى يىمەكلىك. بولۇپمۇ پىشلاق، كالا سۈتىنىڭ 10-8ھەسسە جەۋھىرى قويۇلدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ئۈنۈمى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى.
   ياڭيۇ، تۇخۇم، تازىلانغان راك ۋە پىشلاقلار قوشۇلسا، دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇزۇقلۇق ناشتىلىقى تەييار بولىدۇ. بالىڭىزمۇ، سىز زورلىمىسىڭىزمۇ تويغۇچە يەيدۇ.

   كىتەرلىك ماتىريال: يېرىم تال ياڭيۇ، تۇخۇم ئۈچ تال، ئۇن 60گىرام، تازىلانغا راكتىن ئالتىسى، مۇۋاپىق مىقداردا پىشلاق
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
   1. يىمەكلىك ماتىرياللىرىنى تەييارلايمىز.
   2. ياڭيۇنى ئاقلاپ يۇغاندىن كىيىن، قىيغۇدا قەلەمچە قىلىپ قىيىپ، قازانغا سېلىپ قاينىتىمىز؛ قايناپ بەش ئۈلۈش پىشقان ھالەتكە كەلگەندە سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
   3. تازىلانغان راك بىلەن پىشلاقنى ئۇششاق توغرايمىز؛ تۇخۇمنى چېقىپ تەييارلايمىز؛

   4. ئۇننى بىر قاچىغا سېلىپ، 20مىللىلىتىر ئەتراپىدىكى سۇنى ئاستاغىنا قوشۇپ، بىر تەرەپتىن سۇنى قۇيغاچ بىتەرەپتىن چوكىدا ئىلەشتۈرىمىز.
   5. چاققان تۇخۇمنى  ۋە توغراپ تەييارلىغان ياڭيۇ، تازىلانغان راك، پىشلاق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇننىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، تېمىپ كەتمەيدىغان ھالەتكە كەلگۈچىلىك تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.

   6. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، ماتىرياللارنى بىرلەشتۈرۈپ تەييارلىغان ئۇماچنى قازانغا سېلىپ داغلاپ پىشۇرۇپ، ھەر ئىككى تەرىپى سارغايغاندا تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号