ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ ئۈچ خىل قىلمىش بوۋاقلاردا خۇاڭدەننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    نۇرغۇن بوۋاقلار تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بەدىنى ۋە يۈز قىسمى سارغىيىىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى خۇاڭدەن ئالامىتىدۇر.
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، بۇ نورمال بىر ئەھۋال بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنداقتا، نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال كۆرىلىدۇ؟ ئەمىلىيەتتە، ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بۇ ئۈچ خىل قىلمىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ھايۋانات ئىچكى ئەزاسىنى كۆپ ئىستىمال قىلىش
   ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يىمەك-ئىچمىكىگە دىققەت قىلمىسا، تەسىر يىتىدىغىنى ئىككى ئادەمنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ. ھايۋانات ئىچكى ئەزاسى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدىغان قۇۋۋەت يىمەكلىكى، بىراق ھەممىلا ئادەمنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىۋەرمەيدۇ؛ بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللار، ھايۋانات ئىچكى ئەزاسى گەرچە قۇۋۋەت يىمەكلىكى بولسىمۇ، ئەمما بالىلارنى خۇاڭدەن قىلىپ قويىدىغان ئامىلدۇر. ئېغىرراق بولغاندا، پاتولوگىيەلىك خۇاڭدەن كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ چۈنكى، ھايۋانات ئىچكى ئەزاسىدا نۇرغۇنلىغان پارازىنت قۇرتلار بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پارازىنت قۇرتلارنىڭ كۆپىيىشى ئىنتايىن تىز بولغاچقا، ئەگەر بالىلارنىڭ تېنىگە ئۆتۈپ كىتىپ قالسا، تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدۇ.
كىچىلىرى ئۇخلىماسلىق
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، كىچىلىرى ئۇخلىماي تۈنەپ چىقىشتىن قەتئى ساقلىنىش كىرەك. ھامىلدار ئايال ئەڭ ياخشىسى، ساغلام ھەم مۇۋاپىق بولغان بىئولوگىيەلىك سائەت قۇرۇپ چىقىپ، بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر تۇرىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈشى كىرەك. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كىچلىرى ئۇخلىماسلىقمۇ، بالىلاردا خۇاڭدەن كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۋىتىدۇ، يەنە تېخى ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن ئاجرىلىشىنىڭ نورماللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، تۇرمۇشىنى تەرتىپلىك تۇتۇپ، بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇش، دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ بىرىش كىرەك. بۇنىڭدا، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ھامىيلە زەھىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
مىۋە كۆكتات يىمەسلىك
   بوۋاقلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ئاجىز بولۇشىدىكى بىر قىسىم سەۋەپ، ھامىلدا رئايالنىڭ بەدىنىدە ھامىيلە زەھىرىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئىسسىق يەلنى ھەيدەپ زەھەر تازىلايدىغان ۋىيتامىن ۋە تالا ماددىلىرى، ھامىلدار ئاياللار كۆپرەك تۇلۇقلاشقا تىگىشلىك مۇھىم ئۇزۇقلۇق ماددا ھىسابلىنىدۇ. يىشىل مىۋە-كۆكتاتلار تەركىبىدىكى ۋىيتامىن ۋە تالا ماددىلىرى مول، شۇڭا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مىۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىش كىرەك. مول بولغان ۋىيتامىن C، خۇاڭدەننىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالالايدۇ.
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى خۇاڭدەك، ئېغىرمۇ بولىدۇ يىنىكمۇ بولىدۇ، شۇڭا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆپرەك دىققەت قىلماق لازىم. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسەكلا، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا خۇاڭدەن كۆرۈلۈش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号